ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى : ترامپ يۇقۇم ساختا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى发表时间:2020-10-02 19:08来源:تېڭشۈن تورى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۆزى ۋە رەپىقىسى مېلانىيەنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ھەم دەرھال ئايرىۋېتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن ئاق ساراي دوختۇرى ئىككەيلەننىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاق سارايدا قېلىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ترامپ نۇرغۇن سورۇنلاردا يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمى توغرىسىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا خىلاپ كۆز قاراشنى ئېلان قىلغان. 1-ئۆكتەبىر، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمىنىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنىڭ« ئەڭ چوڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى» ئىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تىرامپ يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى« ساختا ئۇچۇرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى» ئىكەن. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» : يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ساختا ئۇچۇرىنى تەتقىق قىلىپ بايقىغان« ئەڭ چوڭ يەككە قوزغاتقۇچ» تىرامپ كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى: تىرامپ« ئۇچۇر يۇقۇمى» نى ئەڭ چوڭ ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ قالدى. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم ـ پەن ئىتتىپاقىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە پۈتۈن يەر شارى ئىنگلىز تىلى تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىنغان 38 مىليون پارچىدىن ئارتۇق يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئىستاتىستىكا قىلغان ۋە تەھلىل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ماقالىدە ساختا ئۇچۇر بار. بۇ ماقالىلەر ھەر قايسى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا 36 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسمى« Facebook» تا تارقىتىلغان. ئانالىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ترامپنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى« بارلىق ساختا ئۇچۇر» نىڭ% 38 ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنى« ئۇچۇر يۇقۇم ئەھۋالى (infodemiic) » نىڭ ئەڭ چوڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى قىلغان. |