ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ترامپ تۇنجى مەيدان مۇنازىرىدە ماسكا تاقىغان بايدىننى زاڭلىق قىلغان

发表时间:2020-10-02 19:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:يەرشارى تورى

ئەمدىلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆزىنىڭ بىرىنچى خانىمى مېلانىيا بىلەن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت بولۇپ، ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تىۋىتتىردا مۇنداق دەپ يازدى: « بۈگۈن كەچ، مېلانىيا بىلەن ئىككىمىز يېڭى تاجىسىمان ۋېروسنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىقتى. بىز دەرھال ئايرىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنى باشلايمىز. بىز بىرلىكتە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىمىز. » دېدى.

يېڭى تاجىسىمان ۋېروسى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تىرامپ تۇنجى مەيدان مۇنازىرىدە يەنە بىدېننىڭ ماسكا تاقىۋالغانلىقىنى مەسخىرە قىلغان.

يەر شارى تورى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشتى، شۇ يەر ۋاقتى 29-چېسلا كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىكى تۇنجى مەيدان مۇنازىرىدە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ يەنىلا ماسكا تاقىۋېلىشنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلاندى، ھەمدە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېننىڭ ماسكا تاقىشىنى مەسخىرە قىلدى.

1000 (8).jpeg

مۇنازىرە نەق مەيدان خەرىتىسى

« مەن (بايدېن) غا ئوخشاش ماسكا تاقىمىدىم، ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگەندە ئۇ ماسكا تاقىۋالىدۇ. » تىرامپ مۇنداق دېدى: « ئۇ باشقىلاردىن 200 ئىنگلىز چىسى يىراقلىقتا بولسىمۇ، يەنىلا مەن كۆرگەن ئەڭ چوڭ نومۇرلۇق ماسكا تاقىۋالىدۇ. » دېدى.

ماسكا تاقاش مەسىلىسى سورالغاندا، بايدېن ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) مۇدىرىنىڭ ئامېرىكىلىقلاردىن ماسكا تاقىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 30-سېنتەبىر سائەت 7دىن 23 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا جەمئىي 7186 مىڭ 527 بىمارغا يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ، جەمئىي 205 مىڭ 895 ئادەم قازا قىلغان.


分享到: