ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون ترامپقا سۆز يوللاپ، بالدۇر ساقيىشىنى تېلىدى发表时间:2020-10-02 18:22来源:تېڭشۈن تورى يەر شارى تورى خەۋىرى خەۋىرى: تىرامپ ئۆزى ۋە ئايالى مېلانىيەنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، زور دىققەت قوزغىدى. شۇ يەر ۋاقتى 2-چېسلا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون تىۋىتتىردا سۆز ئېلان قىلىپ، ترامپ ئەر-خوتۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.ئۇ توردا مۇنداق دېدى: « زۇڭتۇڭ ترامپ ۋە بىرىنچى خانىمغا ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ تېزدىن يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. » دېدى.
شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، تىرامپ ئۆزىنىڭ ۋە 1-خانىمى مېلانىيەنىڭ يېڭى تاج ۋىرۇسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئايرىۋېتىشكە باشلىغان. ئۇ تىۋىتتىردا مۇنداق دەپ يازدى: « بۈگۈن كەچ، مېلانىيا بىلەن ئىككىمىز يېڭى تاجىسىمان ۋېروسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىقتۇق. بىز دەرھال ئايرىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنى باشلايمىز. بىز بىرلىكتە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىمىز. نۆۋەتتىكى« بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز ياخشى» دېدى. |