|
پۇتبول دۇنياسىدىكى بارلىق شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن توپچى-گېرد مۇللېر發表時間:2020-10-09 19:22 زادى كىم تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى؟ بۇ ئاللىقاچان پۇتبول دۇنياسىدا ئەڭ غۇلغۇلا قوزغايدىغان سوئال بولۇپ قالدى، بۇ توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بۇرۇندىن توختاپ قالمىغان، ھەم كېيىنمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئالدىنقى قېتىم ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى» تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى باھالاش توغرىسىدا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، ئەمدى بىز نەتىجىگە قارىماي جەريانىغا قاراپ باقايلى. بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا پۇسكاس. دىستېفانو، پېللى، يۇسېبىئو، بېست، ياشىن، بېكېنباۋۇر، كرۇيېف، پىلاتىنى، مارادونا، مالتىنى، زىدانى، رونالدو، رونالدىنھو، كرىستيانو رونالدو، مېسسى قاتارلىق داڭلىق توپچىلار 16 چولپان قاتارىغا تاللاندى، لېكىن گېرد مۇللېر بۇ تىزىملىكتە يوق ئىدى. كۆپلىگەن تارىخى باھالاشتا، گېرد مۇللېر دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلىدۇ، سەل قارىلىدۇ. ئىلگىرى «442 زۇرنېلى» تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 100 توپچى باھالاشتا مارادونا، مېسسى، پېللى، كرۇيېف ۋە كرىستيانو رونالدو ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغان، گېرد مۇللېر بولسا 17-ئورۇنغا تىزىلغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن «ماركا گېزىتى»نىڭ ئەڭ باھالىشىدا گېرد مۇللېر يەنە بىر قېتىم 16 كۈچلۈككە كىرەلمىدى، ئەجىبا بۇ بىر توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟ شەخسىي شان شەرەپتىن كوللىكتىپ شان شەرەپكىچە، شەخسىي سانلىق مەلۇمات ياكى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە گېرد مۇللېر ناھايىتى قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان. كىشىلەر دائىم گېرد مۇللېر دۆلەت كوماندىسىدىكى كلوز ۋە رونالدونىڭ يىغىندىسىغا، كۇلۇبتىكى مېسسى ۋە كرىستيانو رونالدونىڭ يىغىندىسىغا تەڭ دەپ قارايتتى. گېرد مۇللېر كەسپىي ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى بايرېن مىيۇنخېنغا بېغىشلىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بايرېن مىيۇنخېن تېخى رايونلۇق بىرلەشمىدىكى كوماندا ئىدى. گېرد مۇللېر تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە (1964/1965 مۇسابىقە پەسلى) 26 مەيدان مۇسابىقىدە 33 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجىسى بىلەن كوماندىنى باشلاپ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە ئۆرلەپ چىققان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تېخى ئەمدىلا 19 ياش ئىدى. 1979-يىلى، 33 ياشلىق گېرد مۇللېر كوماندىدىن ئايرىلغاندا، بايرېن مىيۇنخېن ئاللىقاچان تۆت قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىم گېرمانىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىق نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالغان. گېرد مۇللېر كەسپىي ھاياتىدا بايرېن مىيۇنخېن ئۈچۈن 566 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندا تارىخىدىكى مەرگەنلەر قاتارىدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندىكى لېۋاندوۋىسكى ۋە رۇمىنېگ قاتارلىقلار كىرگۈزگەن توپ سانى يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. ئۇ بايرېن مىيۇنخېندىكى ۋاقىتتا يەتتە قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى، تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1966-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە بولغان ئۇدا 12 مۇسابىقە پەسلىدە 30دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن، 1972-يىلى بولسا بىر يىل ئىچىدە 60 مەيدان مۇسابىقىدە 85 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس رېكورتنى ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ رېكورتى 40 يىل ساقلانغاندىن كېيىن مېسسى تەرىپىدىن بۇزۇلغان. بۇنچىلىك قالتىس شەخسىي شان-شەرەپ ۋە كوللىكتىپ نەتىجە، شۇنداقلا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي ھاياتى ھازىرقى توپچىلار ئىچىدە پەقەت كرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىلا ئىشقا ئاشۇرالىدى. شۇڭا ئۇلار ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ زور ماختاشلىرىغا سازاۋەر بولماقتا، ئەكسىچە بۇنىڭدىن 60~70 يىل بۇرۇن مۇشۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان گېرد مۇللېرغا سەل قارىماقتا، گېرد مۇللېر ئۆزىنىڭ بۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان بولۇپ، بېكېنباۋۇر كېيىن «بايرېن مىيۇنخېن ھازىرقى نەتىجىلىرى ئۈچۈن گېرد مۇللېرغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك!» دېگەن. ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش قەدىمى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان بولۇپ، مۇھىم مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. 1975-يىلىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈش، 1975-يىلىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەنە توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۇ بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە كۈچ قوشقان. ئۇنىڭ كۇلۇب ۋە دۆلەت كوماندىسىدىكى كەسپىي ھاياتى ئوخشاشلا ئىنتايىن قالتىس بولغان بولۇپ، كۇلۇبتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە كلوز ۋە چوڭ رونالدو، دۆلەت كوماندىسىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ھازىرقى كرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىمۇ ھەۋەس قىلىدۇ. 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گېرد مۇللېرنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى بولۇپ، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە كوماندىسى ئاخىرىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن، گېرد مۇللېر بۇ يىلى كەسپىي ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1974-يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، گېرد مۇللېر تۆت توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 43-مىنۇتىدا توپ كىرگۈزۈپ گېرمانىيە كوماندىسىنى باشلاپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. گېرد مۇللېرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپ سانى 14تە توختىغان بولۇپ، ئەگەر 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىقمىغان بولسا، بەلكىم دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپ سانى تېخىمۇ كۆپ بولغان بولاتتى. يەنە بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسا، 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا گېرد مۇللېر كىرگۈزگەن بىر توپ ئوفسايت ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمەلىيەتتە بۇ توپتا ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى. دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشتىن بۇرۇن گېرد مۇللېر يەنە ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1972-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزۈپ، چېمپىيونلۇق ۋە ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى ۋە چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش، شۇنداقلا بۇ ئۈچ چوڭ تۈرلۈك مۇسابىقىدە ئوخشاشلا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، مانا بۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئۇنتۇلغان چولپان گېرد مۇللېر. توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۇغۇلغان، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈچۈنلا تۇغۇلغان، چېمپىيونلۇق ئۈچۈنلا تۇغۇلغان، رېكورت ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بىر ھەقىقىي تالانت ئىگىسى. چېمپىيونلۇق ۋە ئالتۇن بوتىس گېرد مۇللېرنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ قىسقارتىلغان كارتىنىسى. لېكىن ئۇ پۇتبول دۇنياسىدا دائىم سەل قارىلىدۇ، دائىم ئۇنتۇلىدۇ، تۈرلۈك باھالاشتا يەنە بىر توپچى بېكېنباۋۇرنىڭ دەرىجىسى گېرد مۇللېردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ 70-يىللاردىكى پۇتبول دۇنياسىنى ئەسلىگەندە، كىشىلەر دائىم پېللى، بېكېنباۋۇر ۋە كرۇيېفنى ئەسكە ئالىدۇ. لېكىن بېكېنباۋۇر ئىلگىرى گېرد مۇللېرغا مۇنداق باھا بەرگەن: «تارىخى رېكورتلار ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ!» كېيىن بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا گېرد مۇللېرنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتقاندا بولسا، تۈرلۈك باھالاش ياكى رەت تەرتىپ قاتارلىقلاردا ئەمەس، بەلكى «مەلۇم توپچى گېرد مۇللېرنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى، مەلۇم توپچى گېرد مۇللېرنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مەلۇم توپچى بۇ جەھەتتە پەقەت گېرد مۇللېردىن كېيىنلا تۇرىدۇ، ياكى بولمىسا مەلۇم توپچى گېرد مۇللېردىن كېيىن بۇنداق نەتىجىنى ياراتقان تۇنجى توپچى بولۇپ قالدى» دېگەن مەزمۇن بولدى. مانا بۇ ئۇنى ئەسلەشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى، ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ رېكورتلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىدا، توپ كىرگۈزۈشكە چېتىشلىق بارلىق رېكورتلارنى گېرد مۇللېر ياراتقان بولۇپ، ئۇ 427 مەيدان مۇسابىقىدە 365 توپ كىرگۈزۈپ، بۇ جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ؛ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 32 قېتىم «قالپاق ئويۇنى» تاماملىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ؛ گېرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 60 مەيداندا 75 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان گېرد مۇللېرنىڭ كۆپلىگەن رېكورتلىرى باشقا توپچىلار تەرىپىدىن بۇزۇلدى. 2006-يىلى چوڭ رونالدو گېرد مۇللېرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى (14 توپ)نى بۇزۇپ تاشلىدى، 2012-يىلى مېسسى گېرد مۇللېرنىڭ يەككە يىلدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى (85 توپ)نى بۇزۇپ تاشلىدى، 2014-يىلى كلوز گېرد مۇللېرنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى (68 توپ)نى بۇزۇپ تاشلىدى. گېرد مۇللېرنىڭ ھەر قايسى كۇلۇب ۋە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى: TSV1861 نوردېڭگىن: 1962-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە، 31 مەيدان مۇسابىقىدە 51 توپ كىرگۈزگەن. بايرېن مىيۇنخېن: 1964-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، 607 مەيدان مۇسابىقىدە 566 توپ كىرگۈزگەن. لاۋدېردال: 1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە، 80 مەيدان مۇسابىقىدە 40 توپ كىرگۈزگەن. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى: 1966-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە، 62 مەيدان مۇسابىقىدە 68 توپ كىرگۈزگەن. مەيلى بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبىدا بولسۇن ياكى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن، گېرد مۇللېر بارلىق چېمپىيونلۇقلارغا ۋە ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققان، ئۇ تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنلەرنىڭ بىرى، پۇتبول دۇنياسىدىكى گىگانىت چولپانلارغا نەزەر سالساق، ئۇ ئۆزىنىڭ شانلىق كەسپىي ھاياتى بىلەن چاقناپ تۇرىدۇ. لېكىن تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار قاتارىدا ھەتتا 16 توپچى ئىچىگىمۇ تاللىنالماسلىقى، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارالغان گىگانىت چولپان ئىكەنلكىنى كۆرسىتىدۇ. |
|