新聞詳情

گرېزمان دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە زىدانىدىن ئېشىپ كەتتى

發表時間:2020-10-09 23:53作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى來源:تېڭشۈن تورى

2020100923343853812.jpgبېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەر ئوينالغان خەلقئارا A دەرىجىلىك بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، فرانسىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1:7 نەتىجىدە ئۇكرائىنا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ھۇجۇمچىسى گرېزمان، زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈپ، بىر توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن گرېزمان فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 32 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، خانلىق مادرىد ترېنېرى زىدانىدىن ھالقىپ، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە بەشىنچى ئورۇنغا ئۆرلىدى، ئۇنىڭ تۆتىنچى ئورۇندىكى تېرېزىگۇت بىلەن بولغان پەرقى ئارانلا ئىككى توپ بولۇپ، تېرېزىگۇتتىن ئېشىپ كېتىشمۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.


فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى مەرگەنلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1-ھېنرى: 123 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 51 توپ كىرگۈزگەن

2-پلاتىنى: 72 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 41 توپ كىرگۈزگەن

3-گىرۇد: 99 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 40 توپ كىرگۈزگەن

4-ترېزېگۇت: 71 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 34 توپ توپ كىرگۈزگەن

5-گرېزمان: 81 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 32 توپ كىرگۈزگەن

6-زىدانى: 108 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 31 توپ كىرگۈزگەن


分享到: