|
38 ياشلىق كاكانىڭ 3-پەرزەنتى دۇنياغا كەلدى發表時間:2020-10-09 23:56來源:جىبوبا تورى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن بىرازىلىيەلىك داڭلىق پۇتبول چولپىنى كاكا، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەرنى يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان، ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى كارولىنا ئوڭۇشلۇق ھالدا قىزىنى يەڭگىگەن بولۇپ، بۇ بىر جۈپ بەخىتلىك ئەر-خوتۇن قىزىغا ئېستېر دەپ ئىسىم قويغان. ئۈچىنچى پەرزەنتىگە دادا بولغان كاكا، ئالاقە تورىغا قىزىنىڭ سۈرىتىنى يوللاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ شۇ پەيتتىكى ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى قوشۇپ يازغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن كاكانىڭ بۇرۇنقى ئايالى كارولىنا بىلەن بولغان تۇرمۇشىدا بىر جۈپ پەرزەنتى (بىر ئوغۇل، بىر قىز) بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لۇكا ۋە ئېسابېللا ئىدى. ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق داڭلىق پۇتبول چولپىنى كاكا، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، (ئۆزى يېتىشىپ چىققان بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى سان پاۋلو كوماندىسىدا يېرىم يىل توپ تەپكەندىن كېيىن) كەسپىي ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق خەۋەر يوق. |
|