|
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن ۋە تۆۋەنلىگەن توپچىلار發表時間:2020-10-10 00:13來源:جىبوبا تورى يېقىندا گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى تورى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپچىلارنىڭ باھاسىنى يېڭىلىغان بولۇپ، بارسېلونا توپچىسى فاتى بۇ قېتىم باھاسى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن توپچى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ باھاسى ئىلگىرىكىدىن 30 مىليون ياۋرو ئۆرلەپ، ھازىر 80 مىليون ياۋروغا يەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا چولپىنى مېسسى ۋە خانلىق مادرىد چولپىنى خازاردنىڭ باھاسىدا ئوخشاشلا چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن توپچىلار: 1. فاتى (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن 30 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 80 مىليون ياۋرو 2. ۋالۋېرد (خانلىق مادرىد): ئىلگىرىكىدىن 16 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 70 مىليون ياۋرو 3. كۇرتۇۋا (خانلىق مادرىد): ئىلگىرىكىدىن 15 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 75 مىليون ياۋرو 4. جىمېنېز (مادرىد ئاتلېتكا): ئىلگىرىكىدىن 14 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 70 مىليون ياۋرو 5. زېكو (مادرىد ئاتلېتكا): ئىلگىرىكىدىن 12 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 60 مىليون ياۋرو 6. ئوبلاك (مادرىد ئاتلېتكا): ئىلگىرىكىدىن 10 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 90 مىليون ياۋرو 7. كوندې (سېۋىللا): ئىلگىرىكىدىن 10 مىليون ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 40 مىليون ياۋرو 8. پېدرى (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن يەتتە مىليون 800 مىڭ ياۋرو ئۆرلىگەن، ھازىرقى باھاسى 15 مىليون ياۋرو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن توپچىلار: 1. خازارد (خانلىق مادرىد): ئىلگىرىكىدىن 20 مىليون ياۋرو تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى باھاسى 60 مىليون ياۋرو 2. روبېرتو (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن 20 مىليون ياۋرو تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى باھاسى 20 مىليون ياۋرو 3. گرېزمان (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن 16 مىليون ياۋرو تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى باھاسى 80 مىليون ياۋرو 4. بۇسكېس (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن 13 مىليون ياۋرو تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى باھاسى 15 مىليون ياۋرو 5. مېسسى (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن 12 مىليون ياۋرو تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى باھاسى 100 مىليون ياۋرو 6. ئۇمتىتى (بارسېلونا): ئىلگىرىكىدىن 12 مىليون ياۋرو تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى باھاسى 20 مىليون ياۋرو |
|