新聞詳情

سۇئارېز: بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزسەم تەبرىكلىمەيمەن

發表時間:2020-10-11 12:33

يېڭى ترېنېرنىڭ بارسېلوناغا كېلىشى بىلەن سۇئارېز بارسېلونادىن ئايرىلىپ مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلدى، بۇ جەرياندا بارسېلونا كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى سۇئارېز ۋە باشقا توپچىلار، شۇنداقلا سىرتقى دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

2020101018534526651.jpg

يېقىندا سۇئارېز تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە زور ئازار بەردى، ئۇلارنىڭ قىلغىنى تۈپتىن خاتا. ئۇلار ماڭا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىدا يوقلىقىنى ئېيتقاندا، يەنى كومان ماڭا تېلېفون قىلىشتىن بۇرۇن كۇلۇب بۇ توغرىسىدا ماڭا ھېچقانداق ئۇچۇر قىلمىغان.»

«كومان ماڭا تېلېفون قىلىپ مېنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمەلىيەتتە مەن بۇنىڭدىن 10 كۈن بۇرۇنلا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلگەن ئىدىم. مەن بارسېلونادا ئالتە يىل توپ تەپتىم، شۇنداقلا مەن ئىزچىل كوماندىنىڭ ياش ھەم تالانتلىق ھۇجۇمچى قوشۇۋېلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ئىزچىل مەن ئۈچۈن رىقابەت شەكىللەندۈرىدىغان يېڭى ھۇجۇمچى قوشۇۋالمىدى، مەن تاراتقۇلاردىن ئۇلارنىڭ لازىم قىلمايدىغانلىقىنى كۆردۈم، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار چوقۇم ئۆزى ماڭا بۇ ئىشنى دېيىشى كېرەك ئىدى.»

«مەن كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم، بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن مەن داۋاملىق كوماندىنىڭ مەشىقىگە قاتناشتىم، شۇنداقلا مېسسى قاتارلىق سەپداشلىرىمغا كوماندىنىڭ مەندىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېيتتىم، مەشىق ۋاقتىدا مەن ناھايىتى خۇشال، لېكىن مەشىقتىن يېنىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ناھايىتى ئازابلاندىم.»

«ئەگەر مەن كېيىن بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ قالسام ۋارقىراپ-جارقىراپ تەبرىكلىمەيمەن، لېكىن مەن چوقۇم مۇسابىقە كۆرۈش سۇپىسىدىكى مەلۇم ئورۇننى كۆرسىتىمەن!» (كۇلۇب رەھبەرلىرى ئولتۇرغان ئورۇننى دېمەكچى).


分享到: