|
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ زەردار كوماندىنىڭ توپچىلار ئومۇمىي قىممىتى發表時間:2020-10-11 15:58來源:جىبو تورى يېقىندا گېرمانىيە يۆتكىلىش تورى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپچىلارنىڭ باھاسىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، ھەر قايسى كوماندىلاردىكى توپچىلار ئومۇمىي قىممىتىنىمۇ يېڭىلىغان بولۇپ، بارسېلونا 878 مىليون 500 مىڭ ياۋرو بىلەن داۋاملىق 1-ئورۇندا تۇرغان، خانلىق مادرىد ۋە مادرىد ئاتلېتكا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. بارسېلونادىكى توپچىلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى قېتىمدىكى 923 مىليون 200 مىڭ ياۋرودىن ھازىرقى 878 مىليون 500 مىڭ ياۋروغا تۆۋەنلىگەن. خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 867 مىليون 200 مىڭ ياۋرودىن 855 مىليون ياۋروغا تۆۋەنلىگەن. مادرىد ئاتلېتكىنىڭ بولسا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاشقان بولۇپ، ئىلگىرىكى 730 مىليون 700 مىڭ ياۋرودىن ھازىرقى 735 مىليون 200 مىڭ ياۋروغا ئۆرلىگەن. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئۈچ زەرداردىن باشقا كوماندىلار ئىچىدە، سېۋىللا 348 مىليون 900 مىڭ ياۋرو بىلەن 4-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ئېلچې بولسا 34 مىليون ياۋرو بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. |
|