新聞詳情

بارسېلونا بۇ ئەسىردىكى تۇنجى مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە ئۇتتۇرۇپ باقمىغان

發表時間:2020-10-20 21:37作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى來源:جىبوباتورى

2020101913381442789.jpg

بارسېلونا نەچچە كۈنگىچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بارسېلونا بۇ ئەسىردىكى ھەر قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ باقمىغان.

بارسېلونا يېقىنقى 21 قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ باقمىغان بولۇپ، 21 مەيدان مۇسابىقىدە 16 قېتىم ئۇتۇپ بەش قېتىم تەڭلەشكەن، ئۇلار ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مېھمان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە دورتمۇند بىلەن تەڭلەشكەن.

بارسېلونانىڭ ئالدىنقى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويغان ۋاقتى 1997/1998-يىللىق مۇسابىقە پەسلى بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا 3:2 نەتىجە بىلەن نېۋكاستلغا ئۇتتۇرغان، بارسېلونا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە فېرېنسۋاروسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.


分享到: