新聞詳情

مېسسى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە يېڭى رېكورت ياراتتى

發表時間:2020-10-21 13:10作者:ئەلكۈيى تورى來源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن بارسېلونا كاپىتانى مېسسى نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى تېپىپ كىرگۈزدى، بۇ مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، مېسسى 2005/2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئۇدا 16 مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مۇشۇنداق نەتىجە ياراتقان تۇنجى پۇتبولچىغا ئايلاندى، يۇقارقىلاردىن باشقا مېسسى يەنە گىگگىس بىلەن بىرگە 16 مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزەلىگەن ئىككى نەپەر توپچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەندىن باشقا يەنە تۇنجى قېتىم فېرېنسۋاروسى كوماندىسىغا توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان بۇ كوماندا مېسسىنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزگەن 36-كوماندىغا ئايلانغان.

مۇسابىقە باشلىنىپ 27 مىنۇت بولغاندا مېسسى ئۆزى توپنى ھەيدەپ، قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈردى ھەم شۇنداقلا نۇقتا توپنى ئۆزى تېپىپ كىرگۈزدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بولسا، مېسسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇچراشقان ئوخشىمايدىغان 41-كوماندا ئىكەن، ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بولسا، مېسسىنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى توپ كىرگۈزگەن 36-كوماندا ئىكەن.

2020102106382165851.jpg

بۇ 36 كوماندا ئىچىدە مېسسى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كوماندا ئارسېنال بولۇپ، مېسسى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئارسېنالغا جەمئىي توققۇز توپ كىرگۈزگەن، ئارگېنتىنالىق بۇ ھۇجۇمچى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ئىككىنچى كوماندا بولسا، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى AC مىلان كوماندىسى بولۇپ، مېسسى بۇ كوماندىغا سەككىز توپ كىرگۈزگەن.

ھازىرغا قەدەر مېسسى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە رىقابەتلىشىپ باققان ئەمما توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان كوماندىلار بولسا، مادرىد ئاتلېتكا، خەلقئارا مىلان، قازان قىزىل ياقۇت، بېنفىكا ۋە ئۇدىنېستىن ئىبارەت بەش كوماندا ئىكەن.


分享到: