|
خانلىق مادرىدنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى發表時間:2020-10-21 13:12來源:جىبوبا تورى بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 00:55دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا دونېتسىك كان ئىشچىلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كاپىتان راموس، خازارد، ئودېگارد، شۇنداقلا كارۋاخال قاتارلىقلار يارىلىنىش سەۋەبلىك چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن، توپچىلار تىزىملىكى تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: قاپقىچى: كۇرتۇۋا، لۇنىن، ئالتۇبې بېك: مىلىتاۋ، ۋارانې، ناچو، مارسېلو، مېندى ئوتتۇرا مەيدان: كروس، مودرىچ، كاسېمىرو، ۋالۋېرد، ئىسكو ھۇجۇمچى: بېنزېما، ئاسېنسىئو، ۋاسكېز، يوۋىچ، ۋېنىسسيۇس، رودرىگو خانلىق مادرىدنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى: 1-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 0:55، خانلىق مادرىد VS دونېتسك كان ئىشچىلىرى 2-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 4:00، مونشېنگلادباخ VS خانلىق مادرىد 3-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 4:00، خانلىق مادرىد VS خەلقئارا مىلان 4-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 4:00، خەلقئارا مىلان VS خانلىق مادرىد 5-ئايلانما: 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 1:55، دونېتسك كان ئىشچىلىرى VS خانلىق مادرىد 6-ئايلانما: 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 4:00، خانلىق مادرىد VS مونشېنگلادباخ |
|