新聞詳情

ئورگان تورى: بارسېلونا پىك بىلەن توختام ئۇزارتتى

發表時間:2020-10-21 16:27作者:ئەلكۈيى تورى來源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق، كوماندىنىڭ ئىسپانىيەلىك بېكى پىك بىلەن مۇددىتى 2024-يىلىغىچە بولغان توختام ئۇزارتىش ئىشلىرىدا بىردەكلىككە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، يېڭى توختامدا پىكنىڭ توختامنى بىكار قىلىش سوممىسى 500 مىليون ياۋرو قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئورگان تورى ئېلانىدا ئېنىق قىلىپ 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ، ھەر مۇسابىقە پەسلى توپچى چوقۇم بەلگىلىك مەيدانغا چۈشۈش قېتىم سانىغا يېتىش كېرەكلىكى، شۇنداق بولغاندىلا توختامنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يۇقارقىلاردىن باشقا بارسېلونا كۇلۇبى يەنە توپچىنىڭ توختامىنىڭ ۋاقىتلىق مائاش تەڭشەش لاھىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئىچىدىكى كۇلۇب مالىيە مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


分享到: