新聞詳情

خازارد 11-ئايدىكى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىدىن كېيىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىدۇ

發表時間:2020-10-21 16:28作者:ئەلكۈيى تورى來源:جىبوبا تورى

«ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خازارد ھازىر تېخىچە ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

زىدانى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىن ئىلگىرىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خازاردنىڭ يارىسىنىڭ سەل ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بېلگىيەلىك بۇ توپچىنىڭ 11-ئايدىكى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىدىن كېيىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خانلىق مادرىد 11-ئاينىڭ بېشىدا ۋىللارېئال بىلەن مۇسابىقىشىلىدۇ، خازارد شۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.

2019-يىلى خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن بۇيان، خازارد يارىلىنىشتىن قۇتۇلالمىغان، ئۇ خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن بۇيان 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ يەتتە ياردەمچى پاس بەرگەن، لېكىن كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېينكى ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا، ئۇ يارىلىنىش سەۋەبىدىن 233 كۈن مۇسابىقىگە قاتناشمىغان.


分享到: