新聞詳情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى: خانلىق مادرىد vs دونستېك كان ئىشچىلىرى مۇسابىقىسىگە نەزەر

發表時間:2020-10-21 17:07作者:ئەلكۈيى تورى來源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 00:30دا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا دونستېك كان ئىشچىلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. خانلىق مادرىد ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ئەمما يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە يېڭى توپچى قوشۇۋالمىدى، شۇنداقلا ئالدىنقى ئايلانمىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كاپىتان راموس يارىلىنىش سەۋەبلىك مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، كوماندىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئويلىغاندەك ئەمەس، بۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا زىدانى يېتەكچىلىكىدىكى بۇ كوماندا يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى يېڭىچە ئىپادىسى بىلەن باشلاشنى ئۈمىد قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى خېلى چوڭ، لېكىن دونستېك كان ئىشچىلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ كوماندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇكرائىنا بىرلەشمىسىنىڭ سەركىسى بولۇپ كەلگەن، خانلىق مادرىدتەك كوماندىلار بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىلىرىدە ئىپادىسى بۆلەكچە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 00:30

مۇسابىقە ئورنى: بېرنابۇ توپ مەيدانى

بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

1. خانلىق مادرىد تۇنجى مەيداننى غەلىبە بىلەن تاماملىماقچى

دونستېك كان ئىشچىلىرى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، بۇنىڭدىن بەش چوڭ بىرلەشمە سىرتىدىكى بۇ كوماندىنىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشتە ئىنتايىن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. لېكىن، دونستېك كان ئىشچىلىرىنىڭ بۇ مەيداندىكى رەقىبى بولسا خانلىق مادرىد، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى كوماندىلىرى دونستېك كان ئىشچىلىرىغا نىسبەتەن «قارا چۈش» ھېسابلىنىشى مۇمكىن. دونستېك كان ئىشچىلىرى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى كوماندىلىرى بىلەن 14 قېتىم مۇسابىقىلىشىپ پەقەت تۆت قېتىملا غەلىبە قىلغان، يەنە ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە سەككىز قېتىم ئۇتتۇرغان، 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا خانلىق مادرىدقا ئىككى قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويغان. گەرچە خانلىق مادرىدنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى باشلىنىش ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنىلا خېلى پەرقلىنىدۇ، يەنە كېلىپ خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا، تارىخىي نەتىجىلىرىدىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دونستېك كان ئىشچىلىرىنىڭ خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلىشى تەس، خانلىق مادرىدمۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

2. راموس مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ، مۇداپىئە سېپىگە كىم باش بولىدۇ؟

راموس ئالدىنقى ئايلانمىدىكى كادىز بىلەن ئوينىغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يارىلىنىش سەۋەبلىك مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن، بۇمۇ خانلىق مادرىدنىڭ ساھىبخان مەيداندا 1:0 نەتىجە بىلەن كادىزغا ئۇتتۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. راموسنىڭ خانلىق مادرىدقا بولغان مۇھىملىقى مۇداپىئە سېپىدىلا ئەمەس، ھەتتا ھۇجۇمدىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، كوماندا توپ كىرگۈزۈشكە ئامال قىلالمىغان پەيتلەردە ھەمىشە راموسنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. «ماركا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، راموس بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولۇپ، شۇڭا خانلىق مادرىد مۇداپىئە سېپىگە كىمنىڭ باش بولىدىغانلىقى مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. راموس مەيدانغا چۈشەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا، خانلىق مادرىد ئوتتۇرا بېكلىرىدىن ۋارانې، مىلىتاۋ قاتارلىقلار چوقۇم ئوتتۇرىغا چۈشۈشى كېرەك، زىدانىمۇ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.


分享到: