新聞詳情

رونالدونىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يۇۋېنتۇسنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە تەڭ

發表時間:2020-10-21 17:18作者:ئەلكۈيى تورى來源:جىبوبا تورى

گېرمانىيە «يۆتكىلىش بازىرى» ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن چولپان توپچىلىرىنڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان بولۇپ، كرىستىيانو رونالدونىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى يۇۋېنتۇسنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە تەڭ كەلگەن، مېسسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسا بارسېلونانىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىنلاشقان.

كرىستىيانو رونالدونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا 240 مىليون ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، يۇۋېنتۇسنىڭ ئارانلا 43 مىليون 500 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، مېسسىنڭ 167 مىليون ئەگەشكۈچىسى، بارسېلونانىڭ 90 مىليون 400 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار، نېيمارنىڭ 142 مىليون ئەگەشكۈچىسى، پارىژ سانت گېرماننىڭ 31 مىليون 100 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار.

باشقا توپچىلارغا كەلسەك، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى پوگبانىڭ 41 مىليون 800 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ 37 مىليون 300 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن، سالاھنىڭ 40 مىليون 500 مىڭ ئەگەشكۈچىسى، لىۋېرپولنىڭ ئارانلا 28 مىليون 300 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن.


分享到: