|
خانلىق مادرىد ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتتى發表時間:2020-10-21 20:24來源:直播8 ئالدىنقى مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 6-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 1:0 نەتىجىدە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا كادىزغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا 10 جۇغلانما نومۇر بىلەن 3-ئورۇنغا تىزىلدى. مۇسابىقە نەتىجىسىدىن باشقا يەنە بىر ئەھۋال خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يەنى ئاساسلىق ئەزالار ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ يۇقىرى بولىشى. يېقىندا «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» خانلىق مادرىدنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، ئالدىنقى مەيدان كادىر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىدىكى كۆپىنچە توپچىلارنىڭ خانلىق مادرىدتا توپ ئويناۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولغان توپچىلار ئىكەنلىكىنى، ياش توپچىلار ۋە يېڭى توپچىلارنىڭ ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىدە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خانلىق مادرىد چوقۇم بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خانلىق مادرىد بىر قىسىم توپچىلارنى قوشۇۋالدى، يەنە بىر قىسىم توپچىلارنى ياشلار كوماندىسىدىن 1-سەپ كوماندىسىغا چىقاردى، بۇ ئارقىلىق كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدى. لېكىن پەقەت ئالدىنقى مەيدان كادىز بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ھەقىقەتەن چوڭ، يەنى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىدە جەمئىي ئالتە توپچى تېخى ئەمدىلا 30 ياش ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن 35 ياشلىق مودرىچ، 34 ياشلىق راموس قاتارلىقلار كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنى چوڭايتىۋەتكەن. بۇ ئاساسلىق ئەزالار ئىچىدە پەقەت ۋېنىسسيۇس 20 ياش بولۇپ، ئەڭ ياش توپچى بولۇپ قالغان. گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تېخى خانلىق مادرىدنىڭ مۇتلەق ئاساسلىق ئەزاسى ئەمەس، ئۇ كادىز بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 90 مىنۇت تولۇق مەيدانغا چىقتى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئالدىنقى ئالتە ئايلانمىدا، جەمئىي سەككىز قېتىم ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشتىن يۇقىرى بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خيۇسكا ئۈچ قېتىم، كادىز ئىككى قېتىم، ئېيبار، خانلىق بېتىس ۋە خانلىق مادرىد ئوخشاشلا بىر قېتىم. خانلىق مادرىدقا ئوخشاش زەردارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30دىن ئېشىپ كېتىشتەك ئەھۋال تازا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى زىچ بولغان بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار چوقۇم توپچىلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ تۇرىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار دۆلەت ئىچى بىرلەشمە مۇسابىقىسى، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مەسىلە شۇكى، خانلىق مادرىد 1-سەپ كوماندىسىدا ئۇزۇن مەزگىل توپ تەپكەن توپچىلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئەھۋال بەلكىم كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن، يەنى ئاللىقاچان تۈرلۈك شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىپ بولغان توپچىلارنىڭ مۇسابىقىدىكى قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ كېتىدىكەن (ھەممە توپچى رونالدو ياكى مېسسىغا ئوخشاش غەلىبە قىلىشقا تەشنا توپچىلار ئەمەس، بىر قىسىملىرى پۇل ۋە مائاش ئۈچۈن توپ تىپىشى مۇمكىن). ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىكى 11 نەپەر ئاساسلىق ئەزا ئىچىدە، كۆپلىگەن توپچىلار ئاللىقاچان خانلىق مادرىدتا ئۇزۇن مۇددەت توپ تەپكەن، بۇلار ئىچىدە 2018-يىلى كوماندىغا قوشۇلغان كۇرتۇۋا ۋە ۋېنىسسيۇستىن باشقا توپچىلارنىڭ خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن ئوتتۇرىچە يېشى 10 يىلغا يېقىن بولۇپ، بۇ ئىككى توپچى تېخى «يېڭى توپچى» ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى توققۇز مۇسابىقە پەسلىدە، خانلىق مادرىد قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يەنى ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىقلار. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، خانلىق مادرىدتا ئۇزۇن مۇددەت توپ تەپكەن، شۇنداقلا كوماندا بىلەن يۇقارقى چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشكەن بىر قىسىم توپچىلار ئاللىقاچان شان-شەرەپكە «تويۇپ كەتكەن» بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىستىكى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىكەن، چۈنكى ئالدىنقى مەيدان كادىز بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، مەيداندا خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ بۇ ناچار نەتىجىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تىرىشچانلىقى كۆرۈنمىگەن. |
|