新聞詳情

بايرېن مىيۇنخېن vs مادرىد ئاتلېتكا مۇسابىقىسىگە نەزەر

發表時間:2020-10-21 20:28作者:爱酷艺体育來源:直播8

جىبوبا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 03:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا مادرىد ئاتلېتكىنى كۈتۈۋالىدۇ. بايرېن مىيۇنخېن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونى، مادرىد ئاتلېتكا بولسا ياۋروپادىكى مۇداپىئەسى ئەڭ مۇستەھكەم كوماندىلارنىڭ بىرى، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپلىگەن مەستانىلەرنى ھاياجانغا سالماقتا. بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ كېيىنكى يېرىم باسقۇچىدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئىزچىل قالتىس بولۇپ كەلدى، ئەمما ئۇلار يېقىندىن بۇيان توپچىلارنىڭ ئاغرىپ قېلىش، يارىلىنىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقىدە گنابرىي، سانې، كىممىچ قاتارلىق توپچىلار مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بايرېن مىيۇنخېن مادرىد ئاتلېكىنى مەغلۇپ قىلىشتا قىينىلىپ قېلىشى مۇمكىن. مادرىد ئاتلېتكىغا كەلسەك، سۇئارېزنىڭ قوشۇلۇشى بۇ كوماندىنڭ ئاخىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، مۇداپىئە سېپىنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولماقتا، ئۇلارغا نىسبەتەن يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيوننى مەغلۇپ قىلىش ئىنتايىن قالتىس ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 03:00

مۇسابىقە ئورنى: ئاللىيانز توپ مەيدانى

بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

1. بايرېن مىيۇنخېن قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى

بايرېن مىيۇنخېن بۇ يىل ئېرىشكىلى بولىدىغان چېمپىيونلۇقلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتى، ئۇلار ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇدا چېمپىيون بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن، بايرېن مىيۇنخېن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى گنابرىي يۇقۇملاندى، سانېمۇ ساقىيىپ بولالمىدى، كىممىچ ئائىلىسى سەۋەبلىك بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بايرېن مىيۇنخېننىڭ ھۇجۇم ۋەزىپىسى لېۋاندوۋىسكى ۋە مۇللېرغىلا يۈكلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىچ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بايرېن مىيۇنخېن توپچىلىرىنىڭ رىقابەت ھالىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بايرېن مىيۇنخېن قىيىن ئەھۋالدا داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟ لېۋاندوۋىسكى داۋاملىق تۈردە كوماندىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇپ قالامدۇ؟

2. مادرىد ئاتلېتكا مېھمان مەيداندا غەلىبە قىلىشنى نىشانلىماقتا

مادرىد ئاتلېتكا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 1:6 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ مەستانىلەرنى ھاياجانغا سالدى، ئەمما 2-ئايلانمىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى مەيدان 0:0 تەڭلىشىپ قېلىشى يەنىلا «بۇرۇنقى مادرىد ئاتلېتكا»نىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن، مادرىد ئاتلېتكىنىڭ مۇداپىئە سېپى يەنىلا ئىنتايىن قالتىس، ئۇلار تۆت ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئاران بىر توپ كەتكۈزدى، يېڭىدىن قوشۇلغان سۇئارېزمۇ مادرىد ئاتلېتكا غەلىبە قىلغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئوخشاشلا توپ كىرگۈزدى. سۇئارېزنىڭ قوشۇلۇشى مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئۇنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارى مادرىد ئاتلېتكا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىقتىدارلارنىڭ بىرى، شۇڭا سىمونېمۇ سۇئارېزنىڭ كوماندىغا قوشۇلغىنىدىن ئىنتايىن رازى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مادرىد ئاتلېتكا بايرېن مىيۇنخېن بىلەن ئوينىغان يېقىنقى تۆت مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپنىڭ ئارقىسىدا قالمىغان، ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلەر بىلەن ئۇچراشسا تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىدىغان خۇسۇسىيىتىمۇ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

3. قالتىس ھۇجۇمچىلار تىركىشىشى: لېۋاندوۋىسكى PK سۇئارېز

يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنى تاللاپ چىقساق، لېۋاندوۋىسكى بىلەن سۇئارېز ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ، گەرچە لېۋاندوۋىسكىنىڭ بۇ يىلدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولسىمۇ، لېكىن ئىككەيلەننىڭ بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلىرىدا پەرق يوق دېيەرلىك. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇئارېز ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا بىلەن بىرگە 8:2 نەتىجە بىلەن لېۋاندوۋىسكى باشچىلىقىدىكى بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرغان، ئەمما ئۇ مۇسابىقىدە سۇئارېزنىڭ ئىپادىسى خېلى قالتىس بولۇپ، كوماندىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ساناقلىق بىر نەچچە توپچىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، شۇنداقلا توپ كىرگۈزگەن. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سۇئارېز يېڭى كوماندىغا قوشۇلدى، ئىككەيلەننىڭ بۇنداق ئەھۋالدىكى تىركىشىشى كىشىنى تېخىمۇ تەقەززا قىلماقتا.


分享到: