|
تېسلا ھەققىدە FBIنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ發表時間:2020-10-21 22:31來源:تېڭشۈن تورى ئەگەر پەن-تېخنىكىنى تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئاپتوموبىل دېسەك، ئۇنداقتا ئىلىم-پەن دەل مۇشۇ ئاپتوموبىلنىڭ موتورى ۋە رولىدۇر، بۇنىڭدىن ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانلارغا بولغان مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئىلىم-پەن ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلالمايدۇ، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن دۇنيانى تونۇشتىكى بىر خىل بىلىم سىستېمىسى، شۇنداقلا ئىنسانلار بەرپا قىلغان مۇرەككەپ سىستېما. بىز ئادەتتە بۇ خىل سىستېمىنى بەرپا قىلغۇچىلارنى «ئالىم» دەپ ئاتايمىز. يېقىنقى نەچچە يۈز يىلدا، سانسىزلىغان ئالىملار زېھنىنى ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېينىشتىيىن ۋە نيۇتونغا ئوخشاش «ئۇلۇغ» دەپ نام بېرىلگەن ئالىملار بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىكولاي تېسلاغا ئوخشاش مەيلى ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن، زور تالاش ـ تارتىش قوزغىغان «ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىرى»مۇ بار. ئەمەلىيەتتە، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر نىكولاي تېسلانى پەقەت ئادەتتىكى «ئېلېكتىر ئىنژېنېرى» دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنسانلارغا قوشقان تۆھپىسىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، ئۆزگىرىشچان توك سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ تۈر نەچچە ئون مىليارد ئادەمگە نەپ يەتكۈزىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نىكولا تېسلانىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ـ كىچىك كەشپىيات پاتېنتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، خاتىرە قالدۇرغانلىرىلا 1000 خىلدىن ئاشىدىكەن، ئەگەر ئىلتىماس قىلىنمىغان پاتېنت قوشۇلسا، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق سان ھېسابلىنىدىكەن. سانسىزلىغان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەقىللىق كىشىلەر ئادەتتە ئادەتتىكى كىشىلەر ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدىغان يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، نىكولا تېسلانىڭ تۆھپىسىدىن ئۇنىڭ مۇتلەق ئەقىللىق، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن ئاددىي كىشىلەر كۆرەلمەيدىغان كەلگۈسىنى كۆرگەن، نۇرغۇن كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بېشارەتلەرنى قالدۇرغان. 1926-يىلى نىكولا تېسلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، رادىيو تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەندە، يەر شارى ئادەتتىن تاشقىرى كىچىكلەپ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەتتىن تاشقىرى ئاددىيلىشىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قالماي، يەنە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قارشى تەرەپنىڭ قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بۇ خىل ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئىنتايىن ئەپچىل بولۇپ، ئۇنى يانچۇققا سېلىۋالغىلى بولىدىكەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر يامراپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇنىڭ بۇ پەرىزىدىن ئانچە چوڭ تەسىراتقا ئىگە بولماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن ئاشۇ دەۋردىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ۋاقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، نىكولا تېسلانىڭ تەڭداشسىز ئالدىن كۆرەرلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. نىكولا تېسلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەنلا ئەمەس، ھەتتا 1911-يىلىلا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر پەقەت فانتازىيەلىك كىنولاردىلا «ئېغىرلىق كۈچىگە قارشى ئۇچقۇ»نى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەينى چاغدىكى زىيارەتتە نىكولا تېسلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تەتقىق قىلىۋاتقان ئۇچقۇ بىلەن ئادەتتىكى ئۇچقۇنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار ئىكەن، چۈنكى ئۇ ئايرودىنامىكا پىرىنسىپىنى قوللانماي، بەلكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان باشقا بىر خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. ئىلگىرىكىلەردىن قېپقالغان ماتېرىياللار ناھايىتى ئاز بولغاچقا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر نىكولا تېسلا بۇ خىل ئۇچقۇنى رېئاللىققا ئېلىپ كىرمىدى، دەپ قارىغان، لېكىن يەنىلا ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دەپ قارىغان، ئامېرىكا رىۋايەتلىرىدىكى TR-3B ئۇچقۇسى دەل مۇشۇ ئۇچقۇدۇر. بەلكىم بۇ يەرگە كەلگەندە سىز نىكولا تېسلاغا قىزىقىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر سىز ئۇنىڭ كېلىش تارىخىنى بىلسىڭىز، سىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ قىزىقىسىز. كۆپچىلىككە ئايان، ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتى بولىدۇ، مۇددەت توشقاندىن كېيىن بۇ ھۆججەتلەر ئاشكارىلىنىدۇ، شۇڭا ھەر قايسى چوڭ ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئارخىپخانا بولۇپ، ئاشكارىلانغان ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا FIB ئورگان تورىنىڭ ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نىكولا تېسلاغا ئائىت بىر ھۆججەت ئاشكارىلاندى. ئەسلىدە بۇ ھۆججەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايتتى، چۈنكى نىكولا تېسلا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى FIB بىر تەرەپ قىلغان، شۇڭا ئۇلاردا تېسلانىڭ ھۆججەتلىرى بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى، لېكىن كىشىلەر ھۆججەتتىكى بىر بۆلەك خاتىرىنى كۆرگەندە قاتتىق غۇلغۇلا قىلىشتى. چۈنكى «Nikola Tesla Part 03 of 03» ناملىق ھۆججەتتە نىكولا تېسلانىڭ كېلىپ چىقىشى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ھۆججەتتە خاتىرىلەنگەن (سىزىق سىزىلغان قىسمى): ئالەم ئادىمى ئىلگىرى تېسلا بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن ھەمدە FBIغا تېسلانىڭ ۋېنېرادىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. 1856-يىلى تېسلا يەر شارىغا ئېلىپ كېلىنىپ، بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بېقىشىغا بېرىلگەن. ھۆججەتنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ھازىرمۇ FBI تور بېكىتىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن خاتىرىلەنگەن مەزمۇننىڭ چىنلىقىنى بىز جەزملەشتۈرەلمەيمىز. ئەگەر تېسلا يەر شارىلىق بولمىسا، ئۇ راستىنلا يەر شارىنىڭ قوشنىسى ۋېنېرادىن كەلگەنمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەزى «ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلىرى» ناھايىتى مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ۋېنېرادىن ئىبارەت بۇ سەييارىدە ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ۋېنېرانىڭ ئومۇمىي مۇھىتىنى كۆرۈپ باقايلى. ۋېنېرا يەر شارىغا ئەڭ يېقىن سەييارە بولغاچقا، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانلار ئۇنى ناھايىتى كۆپ كۆزەتكەن. ئالىملار ۋېنېرانىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ يەر شارى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، مەسىلەن، ھەجمى يەر شارىنىڭ %88ى بولۇپ، رادىئۇسى يەر شارىنىڭكىدىن 300 كىلومېتىر كىچىك. شۇڭا نوقۇل تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، ۋېنېرانىڭ رەڭگى يەر شارىنىڭكىگە ئازراق ئوخشىمىغاندىن سىرت، قالغان يەرلىرى يەر شارىنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش. ۋېنېرانى يەنىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالىملار ۋېنېراغا تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بەردى. ئويلىمىغان يەردىن ۋېنېرانىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش ئەسۋابى نورمال خىزمەت قىلالمىدى، ھەتتا ئون نەچچە مىنۇت بەرداشلىق بېرىپلا كاردىن چىقتى. ھەتتا مېتال ماشىنىلارمۇ ئون نەچچە مىنۇت بەرداشلىق بېرەلمىگەن مۇھىتتا ھاياتلىق مەۋجۇت بولامدۇ؟ بەلكىم بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن بىز يەنە ئېنىق قىلىپ ياق دېيەلىشىمىز مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلىنغان «تەبىئەت. ئاسترونومىيە» دېگەن ئەسەردىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات بۇنىڭ جاۋابىنى تېخىمۇ چۈشىنىكسىز قىلىپ قويدى. چۈنكى، ئەنگلىيە كادىف داشۆسى بىلەن ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى ۋېنېرانىڭ ئاتموسفېراسىدا زور مىقداردا ھىدروفوسفىد بارلىقىنى بايقىغان، ھىدروفوسفىد ئادەتتە ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ سىگناللىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، بۇ ۋېنېرادا بەزى ئوكسىگېنسىز ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، نۆۋەتتە ۋېنېرادا ئوكسىگېن خالىمايدىغان جانلىق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ چوقۇم مەۋجۇت دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى ئالىملار ئاتموسفېرادىكى ھىدرو فوسفىدنى چوقۇم ھاياتلىق پائالىيىتى پەيدا قىلغان دەپ بېكىتەلمەيدۇ، ۋېنېرانىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى بېسىم مۇھىتىدىمۇ، باشقا مەلۇم بولغان ھىدروفوسفىدنىڭ ھاسىل بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. ئەلۋەتتە، ئەڭ ئاخىرىدا ۋېنېرادا ئوكسىگېن خالىمايدىغان ھاياتلىقنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھالەتتىمۇ، بۇ ھاياتلىقلارمۇ ناھايىتى كىچىك مىكرو جانلىقلار بولۇشى مۇمكىن، ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق بولغاندا FBI ھۆججىتىدىكى خاتىرىلەرنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بۇ ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. |
|