新聞詳情

خانلىق مادرىد بىر مەيدان مۇسابىقىدە كۆپلىگەن ئاھانەتلىك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى

發表時間:2020-10-22 17:39作者:爱酷艺來源:nur

2020102203085691230.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 0:55دە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە دىستېفانو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، نەتىجىدە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۈچ توپ كەتكۈزگەن خانلىق مادرىد، 3:2 نەتىجىدە دونستېك كان ئىشچىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇمۇ خانلىق مادرىدنىڭ 2005-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كەتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

2020102203060461442.jpg

خانلىق مادرىدنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدىكى ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى، ئۇلار 2005-يىلى 9-ئايدىن بۇيان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تۇنجى قېتىم ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كەتكۈزدى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2000-يىلى 2-ئايدىن بۇيان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تۇنجى قېتىم ساھىبخان مەيداندىكى مۇسابىقىدە ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئۈچ توپ كەتكۈزۈشى ئىكەن.

2005-يىلى 9-ئايدا ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدقا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن كوماندا لىئون بولۇپ، 2000-يىلى 2-ئايدا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا خانلىق مادرىدقا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن كوماندا بايرېن مىيۇنخېن ئىكەن.

يۇقارقىلاردىن باشقا بۇ كوماندا تارىخىدا خانلىق مادرىدنىڭ 39 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياۋروپا بىرلەشمىلىرىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى ھېسابلىنىدىكەن، بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خېلىلا كۈچىگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا مەغلۇبىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، بۇنىڭغا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئاخىرقى ئىككى مەيدان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش باسقۇچىدىكى مانچېستېر شەھىرى بىلەن ئوينىغان قوش مەغلۇبىيەتنى قوشقاندا، خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە پەسىل ھالقىغان ھالەتتە ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ بولدى.

«Gracenote» تاراتقۇسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇمۇ خانلىق مادرىدنىڭ 1981-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياۋروپا بىرلەشمىلىرىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

2020102200072683287.jpg

1980/1981-يىللىق مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ كېيىنكى ئايلانمىسىدا، مېھمان مەيداندا 1:0 نەتىجىدە خەلقئارا مىلانغا ئۇتتۇرغان، ئومۇمىي نومۇردا 1:2 نەتىجىدە رەقىبىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم باسقان بولسىمۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1:0 نەتىجىدە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرۇپ، چېمپىيونلۇقتىن قۇرۇق قالغان، 1981/1982-يىللىق ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا خانلىق مادرىد تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 2:1 نەتىجىدە ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن تاتابانيا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، پەسىل ھالقىغان ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە بۇ خانلىق مادرىدنىڭ 2006/2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى ھېسابلىنىدىكەن، خانلىق مادرىد بۇنىڭدىن بۇرۇن 2005/2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مېھمان مەيداندا 3:0 نەتىجىدە فرانسىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن لىئون كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئۇ مۇسابىقە پەسلى 16 كۈچلۈك رىقابىتىدە ئارسېنال تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن. 2006/2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، يەنە بىر قېتىم لىئون كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان، نەتىجىدە يەنىلا 2:0 نەتىجىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا خانلىق مادرىد شۇ مۇسابىقە پەسلى ئوخشاشلا 16 كۈچلۈكتىن ئاشالمىغان، ئۇلارنى شاللىۋەتكەن كوماندا بولسا بايرېن مىيۇنخېن ئىكەن.

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمانغا ئۇچراپ، مېھمان مەيداندا 3:0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن خانلىق مادرىد يەنىلا 16 كۈچلۈكتىن ھالقىيالمىغان بولۇپ، شاللاش باسقۇچىدا مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەن، بۇ مۇسابىقە پەسلى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، دونستېك كان ئىشچىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئەمما چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى قېتىم باشلىنىشتىكى نەتىجىسى ياخشى بولماسلىقنىڭ ئارىلىقىدا 10 نەچچە مۇسابىقە پەسلى ئۆتۈپ كەتتى، خانلىق مادرىد بۇ تۈردىكى مۇسابىقىلەردە شانلىق تارىخ ياراتقان بولۇپ، ئۇدا ئۈچ مۇسابىقە پەسلى چېمپىيون بولۇشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن.


分享到: