|
چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد 3:2دونستېك كان ئىشچىلىرى發表時間:2020-10-22 17:42來源:腾讯 كان ئىشچىلىرىدىن مارلوس بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئىناۋەتسىز قىلىندى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا خانلىق مادرىدتىن ۋالۋېرد بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 3:2 نەتىجىدە دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى خانلىق مادرىد ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئاسېنسىئونىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، دونستېك كان ئىشچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارلوسنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 29 مىنۇت بولغاندا مېھمان مەيداندىكى دونستېك كان ئىشچىلىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، دونستېك كان ئىشچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، كورنېنكونىڭ پاس بېرىشى بىلەن تېتې توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە دونستېك كان ئىشچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، تېتېنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توستى، ۋارانې ئىھتىياتسىزلىقتىن توپنى ئۆز قاپقىسىغا توسۇپ كىرگۈزدى، خانلىق مادرىدتىن يوۋىچنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 42 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا دونستېك كان ئىشچىلىرى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، دونستېك كان ئىشچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، تېتېنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا پاس بېرىشى بىلەن سولومون توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىنىڭ ئۈچ توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، خانلىق مادرىد كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدا تەڭشەش ئېلىپ باردى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئاسېنسىئونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 54 مىنۇت بولغاندا خانلىق مادرىد بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، مودرىچ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە خانلىق مادرىد يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن ۋىنىسىئۇس، چەكلەنگەن رايون سىرتىدا توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، دونستېك كان ئىشچىلىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تېتېنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 80 مىنۇت بولغاندا، دونستېك كان ئىشچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارلوس بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما يان رىپېر ھۇجۇم جەريانىدا ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا خانلىق مادرىدتىن ۋالۋېرد بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ئورۇن ھالقىغان ھالەتتىكى ۋىنىسىئۇسنى قاپقىچىنىڭ سېزىمىغا دەخلى قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا ئويلىمىغان يەردىن 3:2 نەتىجىدە دونستېك كان ئىشچىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. |
|