|
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپالىقلارنىڭ يەتتە خىل غەلىتە تۇرمۇش ئادىتى發表時間:2020-10-22 18:47來源:تېڭشۈن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئازراق سىرلىق تۈس ئالغان، ئۇ دەۋردىكى كىشىلەرمۇ تۇرمۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ بەدەل تۆلىگەن، لېكىن ھازىرقى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ھېچنىمە بولماسلىقى مۇمكىن. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا كىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەتتە غەلىتە تۇرمۇش پاكىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز! 1. غەلىتە چىش ئاسراش ئۇسۇلى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا، كىشىلەر يىرىك كاناپ رەختنى چىشى ۋە چىش مىلىكىگە سۈركەش ئارقىلىق چىشنى تازىلاش ئۈنۈمىگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە بىرخىل چىش پاستىسى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدە چىش پاستىسى تۇز، كۆمۈرگە ئوخشاش بىلەي ۋە دارچىن، جۇزبۇۋا، قەلەمپۇر قاتارلىق خۇش پۇراق ماتېرىياللاردىن تەركىب تاپقان. 2. «كۆپ ئىقتىدارلىق» ساتىراش ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ چاچ ياسىتىشى ئاسان ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ چاچ ياسىتىش ئۇلارغا ئانچە چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كەلمەيتتى، چۈنكى ئۇ چاغدىكى قايچا ئانچە ئۆتكۈر ئەمەس ئىدى. ئەينى چاغدا ساقال-بۇرۇت چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىمۇ بار بولۇپ، لېكىن بۇ خىل مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغدىكى سوپۇندىن ئانچە كۆپ ماغزاپ چىقمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇستىرىمۇ پات-پات گاللىشىپ قالاتتى. لېكىن ئەينى چاغدىكى ساتىراشلار چاچ ياساش ۋە ساقال چۈشۈرۈشتىن باشقا يەنە تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيتتى، مەسلەن، ئەگەر بىرەر كىشى چىشى ئاغرىسا ئۇدۇل ساتىراشنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينى ۋاقىتتا بىر خىل قان چىقىرىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۇنىمۇ ساتىراشلار قىلاتتى. 3. پۇراق يوقىتىش دورىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بۇيۇملار ئىنسانلار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى ناچار پۇراقلارنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى ياكى تېخىمۇ كۆپ خۇشبۇي پۇراقلارغا ئېرىشىش ئۇسۇللىرىنى بىلگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپالىقلار گۈل، قۇرۇتۇلغان گۈل بەرگىلىرى ياكى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىشلىتىپ سېسىق پۇراقنىڭ ئالدىنى ئالغان، ئۇلار گۈلنى قولىغا تاقاپ خۇشبۇي پۇراقلارغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. 4. كىيىم-كېچەكلەرنى چاڭ-توزان ۋە سۈيدۈك بىلەن يۇيۇش ئىلگىرى چاڭ ـ توزان ۋە سۈيدۈك ئەلا سۈپەتلىك كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياساشتىكى ئەڭ مۇھىم ماددا ئىدى. ئۇلار كىر چىقىرىش ۋە ئاقارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىيىمگە تېگىپ قالغان مايلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا پاكىز يۇيۇپ چىقارغان، ھەمدە كىيىملەرنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چىتلاق، چاتقال ۋە دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىپ قۇرۇتقان. 5. كىشىلەر قارا بۇغداينى ئوزۇقلۇق قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك سەۋىيەسى بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، ئاشلىق زاپىسى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا كىشىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ياز پەسلىنى باشلاش بىر مۈشكۈل مەزگىل بولۇپ، ئۇ چاغدا ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما يېڭى زىرائەتلەر ئەمدىلا بىخلىنىشقا باشلىغان بولغاچقا، كىشىلەر قارا بۇغداينى ئوزۇقلۇق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. كۈز پەسلىدە ساقلانغان قارا بۇغداي دائىم بۇغداي مۈڭگۈزىدىن بۇلغىنىپ، ئىستېمال قىلغۇچىلاردا خىيالىي تۇيغۇ ياكى گانگرېنا (ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بەدەندىكى نورمالسىزلىق تۈپەيلى شەكىللەنگەن بىر خىل كېسەللىك، 坏疽 دېيىلىدۇ) پەيدا قىلغان. 6. بەزىلەر تەڭگە پۇلنىڭ بۇرجىكىنى كېسىپ پۇلغا ئالماشتۇرغان بۇرۇنقى تەڭگە پۇل ھازىرقى تەڭگىدەك ئەمەس بولۇپ، بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا چوقچىيىپ چىققان جايلىرى بار. شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم كىشىلەر ئوغرىلىقچە تەڭگە پۇلنىڭ بۇلۇڭىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى كېسىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يېڭى مېتال ياساپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن پايدا ئالغان. لېكىن بۇنداق قىلىش قانۇنغا خىلاپ، ئەگەر بىرەرسى تۇتۇۋېلىنسا، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىناتتى. 7. بەدەندىكى كىرنى چىقىرىۋېتىشنىڭ غەلىتە ئۇسۇلى ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى تازىلىشى ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ ئەمەس ئىدى، بەدىنىدىكى كىرلەرنى تازىلاش ئۈچۈن، ئۇلار تېخىمۇ ئاجايىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا موھتاج ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار بىر خىل سۈرتكۈچ ئارقىلىق بەدىنىنى تازىلاپ كەلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئالدى بىلەن بەدىنىگە ماي سۈرتۈپ، ئاندىن سۈرتكۈچ ئارقىلىق بارلىق كىر-قاسماقلىرىنى چىقارغان. |
|