|
يېقىنقى يىللاردىكى «ئەڭ ئاجىز دۆلەت دېربىيسى» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا發表時間:2020-10-22 21:17來源:جىبوبا تورى ېڭى پەسىللىك تۇنجى مەيدان ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە باشلىنىدۇ، ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق «دۆلەت دېربىيسى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «ئەڭ ئاجىز دۆلەت دېربىيسى» بولۇپ قالىدىكەن. ئالدىنقى ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد ۋە بارسېلونا تەڭلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. يەنى خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا كادىزغا ئۇتتۇردى، بارسېلونا بولسا گېتافېغا ئۇتتۇردى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى زەردارنىڭ بىر ئايلانما مۇسابىقىدە تەڭلا مەغلۇپ بولىشى ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال بولۇپ، لېكىن بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا، يەنە كېلىپ ئىنتايىن مۇھىم ۋاقىتتا، يەنى «دۆلەت دېربىيسى»دىن بۇرۇنقى ئايلانمىدا يۈز بەردى، بۇ بەلكىم بىر خىل ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بولسا كېرەك. تارىخى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بارسېلونا ۋە خانلىق مادرىد ئىككى زەردار 2003-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئوخشاش بىر ئايلانمىدا مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم خانلىق مادرىد 4:2 نەتىجىدە خانلىق جەمئىيەتكە، بارسېلونامۇ ئوخشاش نەتىجىدە لاكرۇنىياغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئارقىدىنلا ئۇلار دۆلەت دېربىيسىدا 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشكەن، ئەينى ۋاقىتتا مەستانىلەرگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى زىدانى ۋە ئېنرىك ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت بولغان. بارسېلونا ترېنېرى كومان ۋە خانلىق مادرىد ترېنېرى زىدانى بۇ قېتىم زور بېسىم ئاستىدا «دۆلەت دېربىيسى»نى كۈتۈۋالىدۇ، چۈنكى ئىككى ئوخشاشلا بىر مەيدان ئەپسۇسلىنارلىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈردى. ئازراق ئوخشىمايدىغان ئەھۋال شۇكى، يېڭى پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە، بارسېلونا چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن غەلىبە قىلدى، خانلىق مادرىد بولسا 3:2 نەتىجىدە يەنە بىر مەيدان مەغلۇبىيەتنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىملىق دۆلەت دېربىيسى ھەر ئىككى كوماندا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، غەلىبە قىلغان كوماندا يېقىنقى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىكى پاسسىپ ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، مەغلۇپ بولغان كوماندا بولسا تېخىمۇ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن، 10 جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 3-ئورۇندا تۇرماقتا؛ بارسېلونا بولسا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، سەككىز توپ كىرگۈزۈپ ئىككى توپ كەتكۈزۈپ، يەتتە جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 9-ئورۇندا تۇرماقتا. |
|