|
بۇرۇن تۈكىنى يۇلغانلىقتىن دۇنيادا ھەر يىلى ئۆلۈم ۋەقەسى چىقىدۇ發表時間:2020-10-23 14:38來源:nur بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، كرۇز ئىسىملىك بىر يىگىت تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبلىك مىئامىدىكى بىر كىچىك شەخسىي دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسەتكەن، لېكىن تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇسلۇق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۆلچىمدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يۇقۇملىنىش دەرىجىسى ئادەتتىكى بىمارلاردىن كۆپ ئېغىر ئىكەن. دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، دوختۇرخانا ئۇنىڭ كېسىلىنى بۇرۇن بوشلۇقىدىكى مىكرو باكتېرىيەلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بېكىتكەن، بۇ بىمارنىڭ دائىم بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ھەمدە ئۇنى دوختۇرخانىدا ئىلگىرىلەپ خىمىيىلىك تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشنى ئېيتقان. «بولدىلا، مەن ئەزەلدىن بۇنداق بىمەنە دىئاگنوزنى ئاڭلاپ باقمىغان». ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ ئادەتتە بۇرۇن تۈكى يۇلۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، كرۇز بۇ دوختۇرخانىنى كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكەندەك ھېس قىلغان، شۇڭا ئۇ ئاۋۋال ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىشنى، ئەتىسى يەنە بىر چوڭ دوختۇرخانا تېپىشنى قارار قىلغان. لېكىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغان. جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ مېڭە پەردە ياللۇغى سەۋەبلىك قازا قىلغان ھەمدە بۇ كېسەلگە بۇرۇن بوشلۇقى ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئىكەن. ئادەم بەدىنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇرۇن تۈكى تۇغما ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى مەلۇم جەھەتتە چاچ، قولتۇق تۈكى قاتارلىقدىنمۇ مۇھىم. لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ ياخشى بەدەن ئەزاسىغا كىشىلەر ئەزەلدىن تۈزۈك ئەھمىيەت بېرىپ باقمىغان، ئەكىسچە كىشىلەر ئىشى بولمىسا بۇرۇن تۈكىنى تارتىپ باقىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۇلىدۇ. فىلورىدالىق دائىم يارىشىملىق كىيىنىۋالىدىغان مال ساتقۇچى مادېتنىڭ تېنىدىكى تۈكلەر بەك ئۆسۈپ كەتكەچكە، دائىم بىلىپ-بىلمەي بۇرۇن تۈكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان. بۇ ئۇنىڭ سېتىش نەتىجىسىنىڭ بىر نەچچە پىرسەنت تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە ئۇ ئادەتتىكى ئۇسۇللارنى بىر قېتىمدىن سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە يەنىلا ئەينەكتىكى بۇرۇن تۈكلىرىنى كۆرۈپ قاقشايتتى. بەلكىم تۇغما تۈكلۈك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، 20 ياشتىن باشلاپ بۇرۇن تۈكى مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر ئۇنى قىينىغان، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا بىر قىسىم تۆۋەن سەپلىمىلىك ئۇسۇللارنى ئويلاپ تاپقان، مەسىلەن ئاممىۋى سورۇندا قانداق قىلغاندا بىلىندۈرمەي بۇرۇن تۈكىنى يۇلىۋېتىش. بۇرۇن تۈكى بولمىسا، باش ئاغرىقىمۇ بولمايدۇ. مادېت بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، شىركەتتە ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسى خىزمەتداشلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. ئۆيگە قايتقاندا ئايالىمۇ چىراي ئېچىپ قارىغان. ھەممە ئىشلار نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلگەندەك قىلغان. بىراق نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ يۇلۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بولۇپ قالغان ۋە نەپەس يولى ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان. گەرچە بۇرۇن تۈكى ئىنسانلارنىڭ چىرايلىق بولۇشىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇۋېتىش ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،- دېگەن قاراشنىڭ ھۆكۈم نەزەرىيەسى بار ھەمدە كىلىنىكىدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن تۈكىگە بەك قوپاللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل چوڭ-كىچىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى بىر مەزگىل مودا كىيىم ساھەسى، مودېللار دۇنياسى، چولپانلار دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېقىم چەمبىرىكىدە بۇرۇن تۈكلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش مودا بولغان. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇرۇن تۈكى كىرپىكتىن بەكرەك كۆزگە چېلىقىدۇ «بۇرن تۈكىنى يۇلۇش خەۋپى»، «بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇپ ئۆلۈپ قېلىش» ۋە «نېمىشقا بىز بۇرۇن تۈكىنى يۇلمايمىز» دېگەندەك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى. . . بەيدۇ تورىدا ناھايىتى كۆپ، ھەر بىر پارچىسىنىڭ ئاساسى بار، راست-يالغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، نۇرغۇن دوستلار بۇنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش مەسىلىسىگە قارىتا، نيۇيورك داشۆسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى ئېرىك ۋويگىتنىڭ قارىشىچە، گەرچە كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەقەت بىر خىل بۇرۇن تۈكى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ بۇرۇن تۈكى مۇنداق ئىككى خىلغا ئايرىلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن: بىرى، توم، ئۇزۇن سەزگۈ تۈكلەر، يەنە بىر خىلى ئىنچىكە قىسقا مىكرو تۈكلەر. مەسىلەن، بۇرۇننىڭ ئالدى تەرەپتىكى كۆرگىلى بولىدىغان ھەم سىز يۇلىۋەتمەكچى بولغىنى سەزگۈر تۈك. ئۇلار چوڭراق دانچە (ماڭقا)نىڭ نەپەس يولىغا كىرىشىنى توسۇشقا مەسئۇل، ئەگەر يۇلۇۋەتسە دانچىلەر تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدۇ، مىكرو باكتېرىيەلەر ئىچكى قىسىمدا يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇن تۆشۈكچىلىرىنى كولىغاندا تېگىپ قالىدىغان ئىچكى تۈكچىلەر بولسا مىكرو تۈكچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق (ماڭقا) نى سۈزۈش ۋە ئۇنى بۇرنىنىڭ ئارقا قىسمىغا يۆتكەپ، ئادەمگە ئاشقازانغا يۇتقۇزۇش ياكى چىقىرىپ تاشلاشنى تاللاتقۇزۇش. بەدەندە بىر خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك رايون بار. پىروفىسسور ئېرىك ۋويگىت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئادەمنىڭ يۈزىدىكى ئۈچ بۇرجەك رايون بىلەن مېڭىنىڭ ئالاقىسى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، بۇ رايوندا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنداقتا پۈتۈن مېڭىدىمۇ مەسىلە چىقىدۇ. بۇرۇن دەل ئۈچ بۇرجەك رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن». بۇرۇن ۋېناسىدىكى قان چوڭ مېڭە ۋېناسىدىكى قان بىلەن ئۇچراشقاندا، بۇرۇن تۈكى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، پىروفېسسورنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر بۇ باكتېرىيەلەر مېڭىگە قايتىپ كەتسە، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزىدە ھەتتا ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا جاننى ئالىدۇ. |
|