|
ئەمدى ئاپتوموبىلنى يىلدا بىر تەكشۈرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ發表時間:2020-10-23 19:26來源:تېڭشۈن تورى 22-چېسلا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىش»نى يەنىمۇ يولغا قويۇش، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش»نى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، «تور مۇلازىمىتى»نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى 12 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشتىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى تەدبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، يېڭى تەدبىر 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىش»نى يەنىمۇ يولغا قويۇپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلدى ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ باشقا جايدىكى خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى تېخىمۇ ياخشى تۆۋەنلىتىپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇلىدۇ. يەنى: موتسىكلىت پىراۋىسىنى مەملىكەت بويىچە «ئورتاق ئېلىش» يولغا قويۇلۇپ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش پىراۋىسىغا «مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، موتسىكلىت پىراۋىسىنى مەملىكەت بويىچە «بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىش» يولغا قويۇلدى، ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىكى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىنىڭ خالىغان جايىدا موتسىكلىت ھەيدەش پىراۋىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ياكى ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ھەر يىلى باشقا جايدا موتوسىكلىت ھەيدەش پىراۋىسى ئالىدىغان 300 مىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ. موتسىكلىت تەۋەلىكىنى باشقا جايغا يۆتكەشنى خالىغان جايدا بېجىرىش يولغا قويۇلدى، تىجارەت تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى تەۋەلىكىنى يۆتكەش ئارخىپىنى توردا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغان ئاساستا، موتسىكلىت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇرىنى توردا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلدى، ئىلتىماس قىلغۇچى موتسىكلىت كۆچۈپ كىرگەن جايدىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بىۋاستە بېرىپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كۆچۈپ چىقىدىغان جايغا قايتىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، قەغەز ئارخىپ ئېلىش ھاجەتسىز، يۈز تۇرانە ئۇچرىشىش شەكلىدىكى بېجىرىش ئازايتىلىپ، ئاممىنىڭ ئىككى جاي ئارىسىدىكى بېرىش ـ كېلىش ئاۋارىچىلىقى ئازايتىلدى. شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تىزىملاشتا كىملىك بولسىلا ئۆلكە ئىچىدە ئورتاق بېجىرىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دە تىجارەت تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى تىزىملاشتا كىملىك بولسىلا بېجىرىش نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇلدى، شۇ ئۆلكىنىڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا يېڭى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتسا، ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىككە ئاساسەن بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ياكى ئولتۇراقلىشىشنى تىزىملاش ئىسپاتىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئاممىنىڭ ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ، ئۆلكە رايونى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا تىزىمغا ئالدۇرغان بىر مىليون ئاپتوموبىل ئىگىسىگە نەپ يەتكۈزىدۇ. نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورتى نومۇر تاختىسىنى باشقا جايدا بىرتۇتاش بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئېكسپورتقا ئىشلەتكەندە، يۆتكەپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسىنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، رەسمىي نومۇر تاختىسى تارقىتىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ باشقا جايدا سېتىۋالغان ئاپتوموبىل بولسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاشتا ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسىنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كارخانا تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ بېجىرىش ھاجەتسىز، نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورتىغا قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولسا بولىدۇ. «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش» نى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نومۇر تاختىسى كىنىشكا بېجىرىش شەرتى تەرتىپى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نومۇر تاختىسى بېجىرىش، كىنىشكا بېجىرىش شەرتى تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قاتناش باشقۇرۇشنىڭ شەھەر ـ يېزا مۇلازىمىتى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ئامما ۋە بازار سۇبيېكتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ. يەنى: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىلىدۇ. ئالتە يىل ئىچىدە ئالتە كىشىلىكتىن تۆۋەن غەيرىي تىجارەت خاراكتېرىدىكى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىش ئاساسىدا، ئالتە يىل ئىچىدىكى 7 كىشىلىكتىن 9 كىشىلىككىچە غەيرىي تىجارەت خاراكتېرىدىكى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (بولكىۋاي بۇنىڭ سىرتىدا) تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. تىجارەتسىز كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ (بولكىۋاي بۇنىڭ سىرتىدا) ئالتە يىلدىن ئاشقان 10 يىلغا توشمىغانلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى. مەملىكەت بويىچە 170 مىليوندىن ئارتۇق شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. قاتناش ۋاسىتىسى ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ياكى قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلۇپ قانۇن بويىچە جازالانغان بولسا، يەنىلا ئەسلىدىكى بەلگىلەنگەن دەۋرىيلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلىش يېشى كەڭ قويۇۋېتىلدى. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، يېنىك تىپتىكى موتسىكلىت ھەيدەش پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ 70 ياشلىق يۇقىرى چېكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 70 ياشتىن ئاشقان پىراۋا ئالماقچى بولغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى قاتارلىق ئىقتىدارى تەكشۈرۈلۈپ، بەدەن شارائىتىنىڭ بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرى پىراۋىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش شەرتى ئەلالاشتۇرۇلدى. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلىش يېشىنىڭ تۆۋەن چېكى 26 ياش ۋە 24 ياشتىن 22 ياشقا تۆۋەنلىتىلدى. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرى پىراۋىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكى 50 ياشتىن 60 ياشقا تەڭشەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش پىراۋىسىنى كۆپەيتىش ۋاقىت ئارىلىقى قىسقارتىلىپ، مۇناسىپ نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى بويىچە تولۇق نومۇر تارتىلغان خاتىرىسى بولمىغان، چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەيدەش پىراۋىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلار، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش پىراۋىسى ئالغىنىغا بەش يىل بولغان بولۇش دېگەن شەرت ئۈچ يىلغا قىسقارتىلدى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەيدەش پىراۋىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلار، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش پىراۋىسى ئالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇش دېگەنشەرت ئىككى يىلغا قىسقارتىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە يولۇچى، يۈك تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلدى. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش پىراۋىسى ئىلتىماس قىلىشتا سالامەتلىك ئىسپاتى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 2 ـ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا، يېزا ـ بازارلىق شىپاخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەركىزى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا كېڭەيتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يېزا، چەت، يىراق رايونلارنىڭ مۇلازىمەت بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ناھىيە، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ يېقىن جايدا بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىلدى. مېيىپلار ئائىلىسىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئورتاق ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلدى. كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەش پىراۋىسى (C2) دىن يۇقىرى پىراۋىسى بار كىشىلەر، يۇقىرى مۈچىلى مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدىسە بولىدۇ، مېيىپلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە مېيىپلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا خادىملارنىڭ ئاپتوموبىلنى ئورتاق ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىندى. «توردا مۇلازىمەت قىلىش»نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەسىراتى تېخىمۇ ياخشىلاندى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادقا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئالاقە تورى + قاتناش باشقۇرۇش ھۆكۈمەت ئىشلىرى» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئەسكەرتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، شوپۇرلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى خاتىرىسىنى توردا سۈرۈشتۈرۈش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى. بىرىنچى: ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، يول تىرانسپورت كارخانىلىرىغا قاتناش بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسى يوللاپ، شۇ كارخانىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە شوپۇرلىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ھادىسە قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ مەنبە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، كارخانىنىڭ يۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە تۆۋەنلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلدى. ئىككىنچى: شوپۇرلار «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالى ئارقىلىق قاتناش مەسئۇلىيەت ھادىسىسى، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئۆزگىرىشى، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە تولۇق نومۇر تارتىلىش قاتارلىق خاتىرىلەرنى تەكشۈرۈپ، چۈشۈرۈپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، تەكلىپ قىلىنىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا كۆرسىتىش، قاتناش بىخەتەرلىكى خاتىرىسى ئېلېكتىرونلۇق دوكۇمېنتىنى ئىشلىتىشكە قولايلىق يارىتىپ، شوپۇرلارنىڭ سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئۈچىنچى: جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بانكا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش تارمىقىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسىنى تارقاتقاندا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ئۇچۇرى توردا تەكشۈرۈلىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى قەغەز دوكۇمېنتىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى 365 مىليونغا، ھەيدىگۈچى 450 مىليونغا يەتكەن. ج خ مىنىستىرلىقى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، خەلق رايى ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، 2018-يىلىدىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قا ئائىت تۆت تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، جەمئىي 800 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئادەمگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى 40 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئازايتقان. |
|