新聞詳情

ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى»: بارسېلونا VS خانلىق مادرىد مۇسابىقىسىگە نەزەر

發表時間:2020-10-24 01:09作者:ئەلكۈيى تورى來源:zhibo8

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 7-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يېقىنقى ئىككى مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلالمىغان بارسېلونا نوكەمپودا يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا مەغلۇپ بولغان خانلىق مادرىدنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئالدىنقى ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد ۋە بارسېلونا تەڭلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. يەنى خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا كادىزغا ئۇتتۇردى، بارسېلونا بولسا گېتافېغا ئۇتتۇردى. ئارقىدىنلا ئىككى كوماندا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىگە ئاتلاندى، نەتىجىدە بارسېلونا 1:5 نەتىجىدە رەقىبىنى قىرغىن قىلدى، خانلىق مادرىد بولسا 3:2 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بارسېلونا ۋە خانلىق مادرىد ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە «ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ داڭلىق كوماندا بولۇش بىلەن بىرگە پۇتبول دۇنياسىدىمۇ كاتتا زەردارلار ھېسابلىنىدۇ. گەرچە كرىستيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشى بىلەن، «دۆلەت دېربىيسى»نىڭ تەسىر كۈچى ئىلگىرىكىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئىككى كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئىككى مىليارد ياۋرودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ پۇتبول دۇنياسىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

لېكىن بۇ پەسىللىك «ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى» ھەقىقەتەن ئىلگىرىكىگە سەل ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان ھەر ئىككى زەردارنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن، 10 جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 3-ئورۇندا تۇرماقتا؛ بارسېلونا بولسا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، سەككىز توپ كىرگۈزۈپ ئىككى توپ كەتكۈزۈپ، يەتتە جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 9-ئورۇندا تۇرماقتا.

يەنە كېلىپ ئىككى كوماندا ئالدىنقى ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە تەڭلا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى زەردارنىڭ بىر ئايلانما مۇسابىقىدە تەڭلا مەغلۇپ بولىشى ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا، يەنە كېلىپ ئىنتايىن مۇھىم ۋاقىتتا، يەنى «دۆلەت دېربىيسى»دىن بۇرۇنقى ئايلانمىدا يۈز بەردى، بۇ بەلكىم بىر خىل ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بولسا كېرەك. تارىخى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بارسېلونا ۋە خانلىق مادرىد ئىككى زەردار 2003-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئوخشاش بىر ئايلانمىدا مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم خانلىق مادرىد 4:2 نەتىجىدە خانلىق جەمئىيەتكە، بارسېلونامۇ ئوخشاش نەتىجىدە لاكرۇنىياغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئارقىدىنلا ئۇلار دۆلەت دېربىيسىدا 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشكەن.

مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرىدىن باشلاپ مېسسى ۋە بارسېلونا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بەردى، ھەتتا مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى، نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مېسسى يەنىلا بارسېلونادا قالدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى بارسېلونا يەنىلا مېسسىغا تايىنىدۇ، چۈنكى مېسسى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان بارسېلوناغا ۋاكالىتەن قاتناشقان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى. ئەگەر مېسسىنىڭ بۇ ئىپادىسىنى نورمال دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ياش توپچى فاتىنىڭ قالتىس ئىپادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلدى ۋە ھەيران قالدۇردى. فاتى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان بارسېلوناغا ۋاكالىتەن قاتناشقان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە تۆت توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى، شۇنداقلا كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى يادرولۇق ئەزا بولۇپ قالدى.

بۇ مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىنغا توختىدى، چۈنكى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ سەپ شەكلىدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر پەيدا بولدى، ھۇجۇم كۈچى كەمچىل بولۇپ ئالدىنقى بەش مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئالتە توپ كىرگۈزدى، يەنە كېلىپ قولدىن چىقارغان ھۇجۇمچى خامېس ئېۋېرتونغا قوشۇلغاندىن بۇيان قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. مۇداپىئە جەھەتتە خانلىق مادرىد ئالدىنقى بەش مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كەتكۈزدى، تۇنجى ئايلانما چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ توپ كەتكۈزدى.

يېقىنقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بارسېلونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىككى ئايلانما غەلىبە قىلالمىدى (بىر مەيدان تەڭلەشتى ۋە بىر مەيدان مەغلۇپ بولدى)، لېكىن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چوڭ نومۇر پەرق بىلەن غەلىبە قىلىپ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىش بىلەن بىرگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئىگە بولدى. ئەكسىچە خانلىق مادرىد بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ساھىبخان مەيداندا يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا كادىزغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن باشقا يەنە چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئانچە كۈچلۈك بولمىغان (ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسىدىن باشقا بىرلەشمىدىكى كوماندا) دونېتسىك كان ئىشچىلىرىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا ئۇدا مەغلۇپ بولۇشتەك پاسسىپ ئەھۋالدا قالدى.

ئىككى كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، بارسېلونادىكى يارىدار توپچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇداپىئە سېپىدە بولۇپ، تېرستېگېن، ئۇمتىتى، ئالبا قاتارلىقلار تېخى ئارام ئېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىملىق «دۆلەت دېربىيسى»غا قاتنىشالمايدۇ. خانلىق مادرىدتا بولسا ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە سېپىدە ئوخشاشلا يارىلىنىش ئېغىر بولۇپ، خازارد، مارىيانو، ئودېگارد، كارۋاخال، راموس قاتارلىقلار يارىلىنىش سەۋەبلىك ئارام ئالماقتا، بۇلار ئىچىدە بەلكىم راموس بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئۈلگۈرەلىشى مۇمكىن.


分享到: