|
2021-يىللىق ئاۋدى Q8 ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىندى發表時間:2020-10-24 01:10來源:qq.com ئاۋدى 2021-يىللىق ئاۋدى Q8 ئاپتوموبىلىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى، يېى ئاپتوموبىل ئىككى خىل ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى تىپىدا جەمئىي بەش خىل تىپتا چىقىرىلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى دائىرىسى 768 مىڭ 800 يۈەندىن بىر مىليون 18 مىڭ 800 يۈەنگىچە. ئاۋدى Q8نىڭ يىللىق ئۆزگەرتىلگەن تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2021-يىللىق ئاۋدى Q8 ھازىر سېتىلىۋاتقان تىپىنىڭ تاشقى قىياپەت ۋە ئىچكى بېزەك لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان، كۆرۈش ئۈنۈمى كىشىگە ئىنتايىن سپورت تۈستىكى ئۇسلۇب بېرىدۇ. بۇنىڭدا يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى Q8 55 TFSI quattro زۇنشياڭ سپورت تىپىدا يېڭىدىن رىۋايەت قارا ئورالما كۆپەيتىلگەن، ئالدى يۈز، يان تەرەپ، قۇيرۇق قىسىمىدا پارقىراق قارا رەڭلىك بېزەك تاياقچە قوللىنىلغان، پۈتكۈل ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئاپتوموبىل ئاساسىدا ئاۋدى يەنە زۇلمەت چەۋانداز چەكلىك نۇسخىسى تىپىنى چىقارغان، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە چەكلىك نۇسخىدىكى مەخسۇس قارا رەڭلىك ئاۋدى تۆت ھالقىلىق لوگوسى سەپلەنگەن، قىزىل رەڭلىك Audi Sport بەلگىسى بار 23 ديۇملۇق مېتال تۇم قارا چاق گەردىشى قاتارلىقلار بار. ئىچكى بېزەكتە ئاساسلىقى سەپلىمىسىنى ئەلالاشتۇرغان، يانفون سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارى ۋە ئۆز ماسلاشما ھاۋا ئاسما جازىسى سەپلەنگەن ھەمدە MIB3 مېدىيا سىستېمىسى ئىچىدە ئاۋدىنىڭ ماشىنا ئەپ بازىرى Asterix بار. بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋدى Q8 45TFSI quattro جېنشۈەن سپورت تىپى ھەمدە بۇنىڭدىن يۇقىرى سەپلىمىلىك تىپىدا بىردەك ھەشەمەت تۆت رايونلۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن ھەمدە خۇشبۇي سىستېمىسى بار مەنپىي ئىئونلۇق ھاۋا پاكىزلىغۇچ ھەمدە رېئاكسىيە مەنبەسى سۈزگۈچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن؛ بىرلا ۋاقىتتا، ئاۋدى Q8 55TFSI quattro تىپىدا يەنە ئەقلىي ماشىنا توختىتىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن، ئالىي سەپلىمىلىك ئاۋدى Q8 55 TFSI quattro زۇنشياڭ سپورت تىپىدا تۆت چاق بۇراش سىستېمىسى سەپلەنگەن. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا داۋاملىق 2.0TFSI ۋە 3.0TFSI ئىككى خىل ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى مۇجەسسىمى سەپلەنگەن، بۇنىڭدا 2.0TFSI ماتورىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 245 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 370 نيۇتون مېتىر؛ 3.0TFSI ماتورىغا 48Vلىق يېنىك ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 380 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 500 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىشتا سەككىز خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىرىككەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ۋە quattro تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان. |
|