|
ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدىكى قىزىقارلىق سانلىق مەلۇماتلار發表時間:2020-10-10 14:52來源:جىبوبا تورى ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى «دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق «دۆلەت دېربىيسى»نىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. دۆلەت دېربىيسى»غا بولغان قايناق ھېسسىيات: بىر تال بېلەت باھاسىغا ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ 2016/2017 مۇسابىقە پەسىلىدىكى ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» تارىختىكى ئەڭ نادىر بىر قېتىملىق «دۆلەت دېربىيسى» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى 2014/2015 مۇسابىقە پەسىلىدىكى بارسېلونا مېسسى، سۇئارېز ۋە نېيمار قاتارلىقلىقلار تۈزۈلگەن قالتىس ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بىلەن «ئۈچ شاھلىق»قا ئېرىشىپ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا چاقنىغان، 2015/2016 مۇسابىقە پەسىلىدە بولسا خانلىق مادرىد زىدانىنىڭ باشچىلىقىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇڭا 2016/2017 مۇسابىقە پەسىلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسىدىكى «دۆلەت دېربىيسى» نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ بېلەت باھاسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولغان، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئورگان تورى بېلەت سېتىش سۇپىسىدا يەنىلا باھاسى 500 ياۋرودىن 1000 ياۋروغىچە بولغان بېلەت بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا VIP دەرىجىلىك بېلەتنىڭ باھاسى 13 مىڭ 185 دوللار بولغان، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا ئورگان تەرەپ يەنە VVIP دەرىجىلىك ئالاھىدە بېلەت تەسىس قىلغان بولۇپ، باھاسى 120 مىڭ ياۋرو بولغان، چۈنكى بۇ بېلەت بىلەن ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەندىن سىرت يەنە مەززىلىك تاماقلاردىن ھوزۇرلانغىلى، شۇنداقلا مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا چولپانلىرى بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئىمزاسىغا ئېرىشكىكى بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ بېلەت باھاسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 880 مىڭ يۈەن (ئەينى ۋاقىتتىكى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە) ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ پۇلغا ئەينى ۋاقىتتا ئېلىمىزدىكى داڭلىق شەھەرلەردىن كىچىك بولسىمۇ بىر ئېغىز ئۆي سىتىۋالغىلى بولىدۇ. «دۆلەت دېربىيسى»دا مەيدانغا چىقىش سانى: مېسسى ۋە رامونس 1-ئورۇندا ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى 10 يىل جەريانىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، شۇڭا بۇ جەرياندا مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچىلار يەنىلا ھازىرقى توپچىلار. يەنى خانلىق مادرىدتا كاپىتان راموس 43 قېتىم، بارسېلونادا مېسسى 42 قېتىم «دۆلەت دېربىيسى»غا قاتنىشىپ، ئىككى كوماندىدا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان توپچىلار ھېسابلىنىدۇ. مېسسى بارسېلوناغا ۋاكالىتەن خانلىق مادرىد بىلەن 26 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، سەككىز مەيدان شاھلىق لوڭقىسى، ئالتە مەيدان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ئىككى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇچراشقان. خانلىق مادرىدتا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان راموس يەنە ئەڭ كۆپ كارتىغا ئېرىشكەن دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان خانلىق مادرىد كاپىتانى راموس يەنە جەمئىي 25 قېتىم كارتىغا ئېرىشىپ (سېرىق كارتا ياكى قىزىل كارتا) بۇ جەھەتتىمۇ 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈچ توپچى خانلىق مادرىدتىن بولۇپ، بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بۇسكېس 13 قېتىم كارتا جازاسى بىلەن 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. بارسېلونادا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان مېسسى «دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مېسسى ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدا جەمئىي 26 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 18 توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرماقتا، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ بۇ ئىككى تۈردە داۋاملىق ئۆز رېكورتىنى يېڭىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دىستىفانو ۋە كىرىستىيانو رونالدو «دۆلەت دېربىيسى»دە ئوخشاشلا 18 توپ كىرگۈزگەن، راھۇل 13 توپ، سۇئارېز 11 توپ، بېنزېما توققۇز توپ كىرگۈزگەن ئۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدا جەمئىي 28 قېتىم «قالپاق ئويۇنى» تاماملانغان بولۇپ، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىقى بولسا سۇئارېز. تارىختا ھازىرغىچە بېرنابۇ، پۇسكاش ۋە مېسسى قاتارلىق توپچىلار ئىككى قېتىمدىن «قالپاق ئويۇنى» تاماملىغان. ئاساسلىق ئەزالار ئومۇمىي قىممىتى ئەڭ يۇقىرى «دۆلەت دېربىيسى»: بۇ پەسىلدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش گەرچە بارسېلونا MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ۋە خانلىق مادرىد BBC ھۇجۇم گۇرۇپپىسى قاتناشقان «دۆلەت دېربىيسى» ھەممەيلەنگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن نېيمارنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان «مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش» ئەھۋالى بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق «دۆلەت دېربىيسى»نى ئاساسلىق ئەزالار ئومۇمىي قىممىنى ئەڭ يۇقىرى بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالدى. ئالدىنقى يىلى ئاخىرىدىكى «دۆلەت دېربىيسى» مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 775 مىليون ياۋرو، خانلىق مادرىد ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بولسا 540 مىليون ياۋروغا يېتىپ، ئىككى كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئومۇمىي قىممىتى بىر مىيارد 320 مىليون ياۋرو بولغان، خانلىق مادرىد ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بۇنچە تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەب بولسا كوماندىنىڭ داڭلىق توپچىسى خازاردنىڭ يارىلىنىش سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى. ئىككى كوماندىنىڭ بىر دەۋردىكى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ تارىخى ئۇچرىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بارسېلونا ۋە خانلىق مادرىد ئوخشاشلا 72 مەيدان غەلىبە قىلغان ۋە 35 مەيدان تەڭلەشكەن، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ رەقىبىدىن ئېشىپ چۈشىشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا سابىق تېرىنېر ۋالۋېرد باشچىلىقىدا ئىككى مەيدان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدا خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، يېقىنقى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان خانلىق مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى. |
|