新聞詳情

بۇ يەردە بايقالغان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك!

發表時間:2020-10-24 17:23作者:ئەلكۈيى تورى來源:中央广播电视总台

نورۋېگىيە سەھىيە ئورگىنىنىڭ دەلىللىشىچە، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ترونخېيم شەھىرىدە تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرى بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.

ترونھېمنىڭ باش ۋىراچى توف روستادنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 16-ئۆكتەبىر ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنى نورۋېگىيە ئاممىۋى ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىپ بەرگەن،   دەسلەپكى ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىر خىل يېڭى ئۆزگەرگەن تۈر ئىكەن.

روستاد 19-ئۆكتەبىر نورۋېگىيە دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئۇ ئەزەلدىن نورۋېگىيەدە پەيدا بولۇپ باقمىغان. بىز يەنە خەلقئارالىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىزدەپمۇ ئۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىمىدۇق.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نورۋېگىيە سەھىيە ئورگىنى بۇ خىل ئۆزگىرىشچان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېز دەپ بېكىتكەن.

نورۋېگىيە دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترونخېيمدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، بۇ شەھەردە ئالدىنقى ھەپتە تەخمىنەن 1000 ئادەم ئايرىۋېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 800 ئادەم شەھەر ئەتراپىدىكى بىر مەيخانىغا بارغان. يەرلىك ھۆكۈمەت «يۇقۇم ئەھۋالى كونترول قىلىندى» دېگەن.

19-ئۆكتەبىرگىچە، نورۋېگىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار 16 مىڭ 456 گە يېتىپ، 278 كىشى قازا قىلغان.

ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 19-ئۆكتەبىر سائەت 16 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 400 مىڭ 50902 گە، ئۆلگەنلەر 111 مىڭ 3750 كە يەتكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەردە يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەندىن بۇيان، شۇ دۆلەتتە بىر كۈندە يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان كېسەل سانى بويىچە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن رايونلاردا ئامما ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاشتىن بىزار بولىدىغان ۋە سەھىيە قائىدىسىگە رىئايە قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن بۇ نورمال دائىرىدىكى ئۆزگىرىش جۇغلانمىسىغا تەۋە


20-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇللار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەرەققىيات پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن باۋگو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا، 15 كە يېقىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپى توپلانغان بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئالتە چوڭ قىتئەدىكى 113 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 80 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك ۋىرۇس گېنى تەرتىپىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋىرۇستا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما بۇ ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، نورمال دائىرىدىكى ئۆزگىرىش جۇغلانمىسىغا تەۋە بولۇپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساشقا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

640-42.png


来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:迪力夏提

640-529.jpeg

              www.alkuyi.com                                   



分享到: