|
ئىنسانلار بىلەن بارلىق جانلىقلاردا جىنسىي ئايرىلىش مەۋجۇت، بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟發表時間:2020-10-26 21:41來源:تەبئىەت ژورنىلى ئادەم بىلەن بارلىق تۈرلەرنىڭ ئايرىۋېتىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ بىزنىڭ مۇستەقىل تۈر بولغانلىقىمىزدىن، بىز بىلەن يېقىن تۇغقانلاشقان تۈرلەرنىڭ يوقالغانلىقىدىن، ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ مەلۇم بىر كىچىك ئارال ياكى مەلۇم بىر چوڭ قۇرۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى يەر شارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رەسىم: جەبىلتارىق بوغۇزى ئۆڭكۈرىدە نېئاندېرتال ئادىمى قالدۇرغان تام رەسىملىرى بىز بىلەن جىنسىي ئايرىۋېتىش مەۋجۇت بولمىغان تۈرلەر 20 مىڭ يىل ئىلگىرى پۈتۈنلەي يوقالغان، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى جەبىلتارىق بوغۇزىدىكى تاغ ئۆڭكۈر. قېزىۋېلىنغان زور مىقداردىكى تاشقاتما، قورال، تام رەسىملىرىدە بۇ تارىخ بايان قىلىنغان، ئۇلار نېئاندېرتال ئادىمى بولۇپ، 300 مىڭ يىل ئىلگىرى ياۋروپادا دۇنياغا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بەدىنىدە يەنىلا نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ %4~2 گېنى بار. رەسىم: نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن رەسىمى بىراق، ئافرىقىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ تېنىدە نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ گېنى مەۋجۇت ئەمەس، بۇ پەقەت ئافرىقىدىن چىققان ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئۇلار بىلەن گېن ئالماشقانلىقىنى ھەمدە ياۋروپانى ئۆتەڭ قىلىپ پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 60 مىڭ يىل بۇرۇن ئەقىللىق ئادەم ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەندە، نېئاندېرتال ئادىمى بىلەن ئاز دېگەندە نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يىل بىللە ياشىغان. ئۇنداقتا، ئەينى چاغدىكى سوغۇق ياۋروپا مۇھىتىدا پەيدا بولغان نېئاندېرتال ئادىمى نېمە ئۈچۈن ئىسسىق ئافرىقا يايلىقىدىن كەلگەن ئەقىللىق ئادەملەر بىلەن كۆپىيىش سىستېمىسى ھاسىل قىلمىغان؟ بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇھىتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە «سەۋەب بولدى» بۇنىڭدىن 20 مىليون يىل ئىلگىرى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئاستىدىكى ماگما ھەرىكىتى شىددەتلىك بولۇپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى «بۆسۈپ ئۆتمەكچى» بولغان، «پارتلاش نۇقتىسى» دەل ھازىرقى شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى ئىدى. ئەسلىدىكى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئېكۋاتور تۆۋەن ھاۋا بېسىمىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، يىل بويى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، بۇ ھازىرقى ئامازون يامغۇرلۇق ئورمانلىقىغا ئوخشاش، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماكانى. ماگمىنىڭ يۇقىرىغا ئۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇق مەركىزىنىڭ يەر شەكلى ئېگىزلەپ كېتىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھاۋا بېسىمى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر 1 كىلومېتىر ئۆرلىگەندە، تېمپېراتۇرا 6 گرادۇس تۆۋەنلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، شەرقىي ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، سۇ پارلىرىنىڭ پارلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، كونۋېكسىيەلىك يامغۇر ھاسىل بولمايدۇ، ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتىنى ئوتلاق كىلىماتىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماگمىنىڭ زەربىسىدە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قاتتىق يەر تەۋرەپ، مەركىزىي نۇقتىسى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، بىر چوڭقۇر يېرىق شەكىللەنگەن، مانا بۇ يەر شارىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان تارتۇق ـــ شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى. ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەدرىجىي پارچىلىنىشقا باشلىدى، بۆلەكلەرنىڭ بارغانسېرى يىراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، نەچچە ئون مىليون يىللاردىن كېيىن، بۇ يەر يېڭىدىن پەيدا بولغان بىپايان دېڭىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇپ قالدى. مۇھىت مۇشۇنداق جىددىي ئۆزگەرسە، ئېكولوگىيە چەمبىرىكىمۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆزگەرتىپ يېزىلىدۇ، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىپ يېزىش پۈتۈن يەر شارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى بىر تۈرنى بارلىققا كەلتۈردى. جىلغىنىڭ شەرقىي قىرغىقى يەنىلا دەل ـ دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تۈرلەر ئەسلىدىكى يۆنىلىش بويىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ يەر ھازىرقى ئورانگۇتانلارنىڭ ماكانى. غەربىي ئافرىقىدىكى ئورمانلار يايلاققا ئايلىنىپ، ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئازىيىپ، تۈرلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمى جاپالىق جان تالاشقان، ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچرايدىغىنى دەرەختە ياشايدىغان ھايۋانلار بولۇپ، دەل ـ دەرەخلەر بولمىسا ئائىلە يوق بولغان بىلەن باراۋەر، مېۋە ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرى بولمىسا ئوزۇقلۇق مەنبەسى بولمىغان بىلەن باراۋەر، بۇ ياكى نەسلى قۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن، ياكى بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رەسىم: ئورانگۇتان، جەنۇب قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنى، ھازىرقى زامان ئادىمى 2 مىليون يىل ئىلگىرى ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەر بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن چىقىپ پۈتۈن يەر شارىغا تارقىلىشقا باشلىغان. 600 مىڭ يىل ئىلگىرى ھېيدېلبېرگ ئادىمى دۇنياغا كەلگەن، بىر قىسمى ئوخشاشلا ئافرىقىدىن ئايرىلىپ، سوغۇق ياۋروپادا تۇرغان. 300 مىڭ يىل ئىلگىرى، ھېيدېلبېرگ ئادىمى سوغۇق كىلىماتقا تېخىمۇ ماسلىشالايدىغان نېئاندېرتال ئادىمىگە ئۆزگەرگەن، ئۇلار تېخىمۇ قېلىن ياغلىق قاۋۇل بولۇپ، مېڭە سىغىمچانلىقى 1400 مىللىلىتىرغا يەتكەن. 200 مىڭ يىللار بۇرۇن، ئافرىقىدىكى ھېيدېلبېرگ ئادىمى دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەمگە، يەنى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزغا ئۆزگەرگەن، ئۇلار يايلاق كىلىماتىغا ماسلاشقان، تۇنجى قېتىم ياۋروپادىن چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، ئالىملارنىڭ ئانالىز قىلىشى ئەقىللىق ئادەمنىڭ سوغۇق كىلىماتقا ماسلىشالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 60 مىڭ يىل بۇرۇن، ئەقىللىق ئادەملەر ئىككىنچى قېتىم ئافرىقىدىن بۆسۈپ چىققان ھەمدە بۇ يەردە نېئاندېرتال ئادىمى بىلەن گېن ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن سوغۇق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان گېنغا ئېرىشكەن. نېئاندېرتال ئادىمى بىلەن ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھېيدېلبېرگ ئادىمىدىن كەلگەن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رايون ئايرىمىچىلىقىمۇ ئاران 200 مىڭ يىل بولۇپ، تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، گەرچە مۇھىت ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما 200 مىڭ يىل ۋاقىت ئىچىدە كۆپىيىشتىن ئايرىلىش يۈز بەرمىسىمۇ نورمال بولغان، چۈنكى گېن جۇغلانمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى يېتەرلىك بولمىغان. كۆپىيىش ئايرىمىسىنى قانداق پەيدا قىلىدۇ؟ ئىككى تۈر گېنىنىڭ ئالمىشىش-ئالماشتۇرالماسلىقى ئاساسلىقى گېننىڭ قۇرۇلمىسىغا باغلىق بولىدۇ، يەنە چوڭقۇرلىغاندا، گېننى تەشكىل قىلغۇچى مولېكۇلالار ئارىسىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىش-بېرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بولىدۇ، قۇرۇلما پەرقى چوڭىيىپ رېئاكسىيە قىيىنلاشقاندا، جىنسىي ئايرىمىچىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاشلا ھېيدېلبېرگ ئادەملىرىدىن كېلىپ چىققان دانيېل دانسوۋا ئادەملىرىمۇ ئەقىللىق ئادەملەر بىلەن گېن ئالماشتۇرالىشى مۇمكىن، چۈنكى شىزاڭ قاتارلىق دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز جايلاردا يەرلىك كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە دانيېل دانسوۋا ئادەملىرىنىڭ بىر قىسىم گېنى بار، بۇ گېنلار ئۇلارنىڭ ئېگىزلىك رېئاكسىيەسىنى تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەمما دانيېل دانسوۋا ئادىمىنىڭ نېئاندېرتال ئادەملىرىدىن يوقىلىشى تېخىمۇ بالدۇر بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار بىلەن بارلىق جانلىقلار ئارىسىدا جىنسىي ئايرىلىش بولىدۇ؟ 100 مىڭ يىللار بۇرۇن، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم تۈرى (ئۆرە ماڭالايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا ئەڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالغان، بىر «تەنھا» ئىرق يەر شارىنىڭ مۇتلەق ئېكولوگىيەلىك ئورنىنى ئىگىلىگەن، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر نېئاندېرتال ئادىمى، ھەتتا ھېيدېلبېرگ ئادىمى، دانسوۋا ئادىمى يەنە بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا مەۋجۇت بولسا، ئەقىللىق ئادەم مېڭە سىغىمچانلىقى بىزدىنمۇ چوڭ بولغان نېئاندېرتال ئادەملىرىگە يول قويارمۇ؟ ياكى باشقا ئىرقلارنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويامدۇ؟ نەتىجە مۇقەررەر. پەقەت بىز بىلەن كۆپىيىش ئايرىمىسىنى پەيدا قىلمىغان تۈر مەۋجۇت بولسىلا، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ گېن قۇرۇلمىمىز بىلەن بىر قەدەر ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەقىللىق ئادەمدىن ھالقىغان ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا پەقەت بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز بولسىلا، بارلىق تۈرلەر بىلەن كۆپىيىش ئايرىمىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ مۇقەررەر. |
|