|
داڭلىق رېپىر: مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بولسا، بىر مەيدان مۇسابىقىدە 40 نۇقتا توپقا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ發表時間:2020-10-26 21:42來源:تېڭشۈن بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 7-ئايلانمىسىدىكى «ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى»دا، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 3-1 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدتىن ۋالۋېرد، راموس ۋە مودرىچ بىردىن توپ، بارسېلونادىن فاتى بىر توپ كىرگۈزدى، لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى راموس كىرگۈزگەن نۇقتا توپ تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا خانلىق مادرىد يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، لېڭلېت چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە راموسنى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر VARنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، راموس نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىدنى 2-1 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. «ماركا گېزىتى»نىڭ رېپىر مۇتەخەسىسى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق رېپىر ئاندۇخار ئولىۋېر بۇ نۇقتا توپ توغرىسىدا «مۇشۇنداق يېنىك تارتىپ قويغانغا نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى، بولمىسا بىز بىر مەيدان مۇسابىقىدە 40 نۇقتا توپقا ھۆكۈم چىقىرىمىز» دېگەن. |
|