|
سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ۋاپات بولدى، ئەمدى سامسۇڭ كىمگە قالار؟發表時間:2020-10-26 21:48來源:nur مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باشلىقى لى كۈنخې 25–ئۆكتەبىر سىئولدا 78 يېشىدا ۋاپات بولغان. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى كەسمە سۈرىتى لى كۈنخې سامسۇڭنىڭ قۇرغۇچىسى لى بيۇڭچۇلنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى، 1987-يىلىدىن باشلاپ ۋاپات بولغان دادىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سامسۇڭ كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت كارخانىسى ۋە «تەڭداشسىز زومىگەر» بولغان، ئۇ ھەتتا كورىيەنىڭ «ئىقتىساد زۇڭتۇڭى» دەپ ئاتالغان. 2014-يىلى لى كۈنخې ئۆيىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان، ئارقىدىن ئىزچىل دوختۇرخانىدا داۋالانغان، ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى لى جائىيوڭ سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى بولۇپ قالغان. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى فوربېس ئېلان قىلغان 2020-يىللىق كورىيەلىك بايلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ باشلىقى لى كۈنخې 17 مىليارد 300 مىليون دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغىلى نەچچە يىل بولغان. سىنا پەن–تېخنىكىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لى كۈنخې 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سىئول شەھەر مەركىزىدىكى ئۆيىدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئۇ سامسۇڭ داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلىپ يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيە قىلىنغان ھەمدە ئىزچىل دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس رايونىدا داۋالانغان. سامسۇڭ گۇرۇھى 25–ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «لى كۈنخې يەكشەنبە كۈنى ۋاپات بولدى، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئوغلى لى جائىيوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ يېنىدا بولدى» سامسۇڭ بايانىتىدا يەنە: «لى باش مۇدىر ھەقىقىي يىراقنى كۆرەر كىشى ئىدى، ئۇ سامسۇڭنى بىر يەرلىك كارخانىدىن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق ياراتقۇچىغا ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ مىراسى مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ.» سامسۇڭ ھازىرغىچە جەمەت كونترول قىلىدىغان ئەڭ چوڭ كارخانا گۇرۇھى بولۇپ، كورىيەدىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە 12 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋىدىنىڭ سودىسىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سامسۇڭنىڭ ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى كورىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىگە تەڭ بولۇپ، كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لى جائىيوڭ: «بىز سامسۇڭدىكى ھەممىمىز ئۇنىڭ خاتىرىسىنى قەدىرلەيمىز ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىگە رەھمەت ئېيتىمىز» قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، «سۈكۈتتىكى تىجارەتچى» دەپ ئاتالغان لى كۈنخې 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتا كەسپىگە رەسمىي ۋارىسلىق قىىلىپ، سامسۇڭنىڭ باشلىقى بولغان. 1993-يىلىدىن باشلاپ، لى كۈنخې «يېڭى تىجارەت» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان. لى كۈنخې دەۋرىدە سامسۇڭنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئېچىشى رەسمىي ئوربىتىغا كىرگەن، LCD مۇ باشلانغان. لى كۈنخې 1987-يىلى گۇرۇھنىڭ باشلىقى بولغاندىن بۇيانقى 20 يىلدا، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ سېتىش سوممىسى 8.9 ھەسسە، ساپ پايدا 53 ھەسسە، ئومۇمىي بازار قىممىتى 140 ھەسسە، ئېكسپورت 74 ھەسسە ئاشتى، دۇنياۋى كارخانا بولۇپ قالغان. ئەمما كورىيە جەمئىيىتى ۋە ئاھالىلەر تەشكىلاتى لى كۈنخېنىڭ نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورىيەدىكى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش كەسپىگە مەسئۇل بولغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، «سامسۇڭ پادىشاھلىقى»نى قۇرغانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن. سامسۇڭ تىجارەت ھوقۇقىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ يىل 5-ئايدا، كورىيە سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۇرۇھنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى لى جائىيوڭ بارلىق پۇقرالاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ «شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرۇش ئويى يوق»لىقىنى ئېيتقان. بۇ سامسۇڭ «ۋارىسلىق تۈزۈمى»دىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، كورىيەدىكى مالىيە ماگناتى سىستېمىسىنىڭ بەلكىم ئىسلاھاتنى كۈتىۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لى جائىيوڭنىڭ ئاشكارا كەچۈرۈم سوراش سەۋەبىنى 2016-يىلى كورىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گۇنھېينىڭ يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋەقەسىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. لى جائىيوڭ دادىسى لى كۈنخې ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، سامسۇڭنىڭ ئەمەلىي خوجايىنى بولۇپ قالغان. ئۆزىنىڭ پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەينى چاغدا لى جائىيۇڭ سامسۇڭ مۈلۈك بايلىقى بىلەن سامسۇڭ 1-يۇڭ توقۇمىچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. سامسۇڭ چوڭ پايچىكىنىڭ بىرى بولغان كورىيە پۇقرالىرىنىڭ يىللىق پۇلى سىستېمىسنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، لى جائىيوڭ پاك گۇنھېي ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىغا پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۆت يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان. كېيىن بۇ دېلو كورىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغاندىن كېيىن يەنە سىئول يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇلغان، نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىلا سوت قىلىش جەريانىدا. بۇ قېتىم لى جائىيوڭنىڭ سامسۇڭ گۇرۇھىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ قارار چىقىرىشى، بەلكىم ئازراق ئامالسىزلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، ئۇ ئۆزى ھازىرغىچە دەۋا پاتقىقىدا، يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە قامىلىشى مۇمكىن؛ ئىككىنچىدىن، سامسۇڭ بۇلتۇر ياپونىيە-كورىيە سودا ئۇرۇشى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بازىرىنىڭ كاسات مەزگىلىگە دۇچ كەلگەن، بۇ يىل يەنە يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، بۇ باشلامچى چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا سامسۇڭ ئېلىكتىرونچىلىقى 2020-يىلى 1-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، 1–پەسىلدە ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 55 تىرىليون 330 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 278 مىليارد 900 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.61 ئاشقان، ئەمما ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 7.6 تۆۋەنلىگەن. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئېنىقسىزلىق، كېيىنكى يېرىم يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ئىككىنچى پەسىلنىڭ نەتىجىسى يەنە تۆۋەنلەيدىكەن. ۋارىسلىق قىلغۇچى 7 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مىراس بېجىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ يىل 9-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان فوربېسنىڭ 2020-يىللىق كورىيەلىك بايلار تىزىملىكىدە، سامسۇڭنىڭ باشلىقى لى كۈنخې بايلىق جەھەتتە كورىيەدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، مۈلكى17مىليارد 300مىليون دوللارغا يەتتى؛ ئۇنىڭ ئوغلى، سامسۇڭنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلى لى جائىيوڭ 6 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. سىنا پەن-تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئېرنست&ياڭ بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيەنىڭ مىراس بېجى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى باج نىسبىتى فىرانسىيەنىڭ %45 ، ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ %40ىدىن يۇقىرى، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە بىلەن تەڭلىشىدۇ، ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتى %18 بولۇپ، 25 مىليون دوللاردىن يۇقىرى مۈلۈكنىڭ ئەڭ يۇقىرى باج نىسبىتى %50 بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، لى كۈنخې ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى 7 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مىراس بېجىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. |
|