|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن سەككىز تۈرلۈك ئىلمىي بايقاش發表時間:2020-10-26 21:52來源:تور دۇنياسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار ئىزچىل تۈردە بەزى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن بايقاشلارغا ئېرىشكەن، بۇ بايقاشلار مەلۇم دەرىجىدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ھەرقانداق ئىلمىي بايقاشنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىۋاسىتە نامايان بولۇشى ناتايىن. تۆۋەندە كۆپچىلىككە دۇنيادىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن سەككىز پايدىلىق ئىلمىي بايقاشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز! 1. كىنو كۆرۈش بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بارغانغا ئوخشايدۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىنتايىن ساغلام بولغان بىر خىل ھەرىكەت، كىنو كۆرۈش بولسا بىر خىل ھورۇنلۇق، كىشىلەر كىنو كۆرگەندە يەنە بىر قىسىم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئۈزلۈكسىز يەپ تۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، كىنو كۆرۈش يەنىلا خۇددى چېنىقىش ئۆيىگە بارغانغا ئوخشايدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، كىنوخانىدا كىنو كۆرۈش يېنىك ھەرىكەت قىلغانغا ئوخشاش پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، چوڭ مېڭە كىنوغا بېرىلىپ كەتكەندە، بەدەن ئىنكاس قايتۇرىدىغان ھەمدە غىدىقلاشقا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت كۆڭۈل قويۇش چوڭ مېڭىگىمۇ پايدىلىق ئىكەن. كىنوخانىدا كىنو كۆرۈش جەريانىدا، دىققەت نەزىرىمىز ئىزچىل تۈردە كىنوغا قارىتىلىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن، لېكىن ئۆيدە كىنو كۆرگەندە بولسا دىققىتىمىز ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدىكەن، مەسىلەن، بىز كىنو كۆرىۋاتقاندا يەنە ئامراق يانفونىمىز، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ خىل ئۈسكۈنىلىرىمىزنى ئويناپ ئەستايىدىللىق بىلەن كىنو كۆرەلمەيدىكەنمىز. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا 51 كىشى 2019-يىلى قويۇلغان «ئالاۋىدىن» ناملىق كىنونى كۆرگەندە، سېنزور ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك رىتىمى ۋە تېرە ئىنكاسىنى ئىز قوغلىغان. ئۇلار كىنو كۆرگەن ئادەم بىلەن ئوخشاش ۋاقتىنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلغان 26 ئادەم بىلەن سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كىنوخانىدا كىنو كۆرگەن كىشىلەرنىڭ نورمال يۈرەك سوقۇش ھالىتى تەخمىنەن 45 مىنۇت بولغان بولۇپ، يۈرەكنىڭ سوقۇش دائىرىسى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتىنىڭ %40 ~%80گە توغرا كېلىدىكەن. يېنىك دەرىجىدىكى يۈرەك قان تومۇر ھەرىكىتى (مەسىلەن، تېز مېڭىش)دىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈرەك سوقۇش يۈز بېرىدىكەن. 2. خامۇشلۇق خاتىرىسى ياردەم ئىلىپ كېلىدۇ. ئەنگلىيە شېففېلد خارلېم داشۆسىنىڭ پىسخولوگلىرى بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى خاتىرىسىگە بولغان ئىنكاسىنى ئىگىلىگەن. ئەسلىدە، ئاسان مەيۈسلىنىدىغان ۋە كەيپىياتى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان خاتىرىسى قايغۇ-ھەسرەت كەيپىياتى يوق كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە ئېنىق بولغان. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق خاتىرە خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سىرتقى جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۆزىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ پاسسىپ ئىدىيەسى ۋە ھېسسىياتىنى قايتىدىن ئويلىنىشىغا پايدىلىق. 3. ئالىملار ياغاچتىن ئەينەك ياساپ چىقتى ئەگەر بىرسى ياغاچتىن بىر سۈزۈك ئەينەك ياسىسا، بۇنى چوقۇم فانتازىيەلىك ھېكايە دەپ قارامسىز؟ ھالبۇكى، رېئاللىقتا ئالىملار ئاللىقاچان بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئورمان مەھسۇلاتلىرى تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مارىلاند داشۆسى ۋە كولورادو داشۆسىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر خىل سۈزۈك ياغاچ ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئەينەك ئورنىدا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، سۈزۈك ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ بارلىق جەھەتلەردىكى يوشۇرۇن كۈچى ھازىر بىناكارلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەينەكتىن ئېشىپ كېتىدىكەن. گەرچە ئەينەك دېرىزە قۇرۇلۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەننەرخى قىممەت بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيەلىك بەدەل تۆلەشكە موھتاج. ئىسسىقلىق ناھايىتى ئاسانلا ئەينەك ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، بولۇپمۇ يەككە پىلاستىنكىلىق ئەينەك سوغۇق ھاۋادىن قېچىپ، ئىللىق ھاۋاغا ئېقىپ كىرگەندە، تېخىمۇ يۇقىرى ئېنېرگىيە خىراجىتىنى پەيدا قىلىدۇ. قۇرۇلۇش ئەينىكى ئىشلەپچىقىرىشىمۇ ئېغىر كاربوندىن بۇلغىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ. ياساش كەسپىنىڭ ھەر يىللىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى تەخمىنەن 25 مىڭ توننا بولۇپ، ھالبۇكى سۈزۈك ياغاچ ماتېرىيالى ئەينىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئەڭ ئىستىقباللىق ماتېرىياللارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىسىدىكى تەبىئىي تالا ماددىسى ۋە سۈزۈك ياغاچ ماتېرىيالىدىكى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە پولىمېرلاشقان تولدۇرما ماتېرىيال ئۇنى ئەينەككە قارىغاندا تېخىمۇ چىداملىق، تېخىمۇ يېنىك قىلىدۇ. ئۇ ئەينەككە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينەك بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇ ئۇۋۇلۇپ ئەمەس، بەلكى ئېگىلىپ ياكى سۇنۇپ كېتىدۇ. سۈزۈك ياغاچ ئەينەك ئىشلەتسىمۇ تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئۈنۈمى ئەينەكنىڭ تەخمىنەن بەش ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئېنېرگىيە تەننەرخىنى ئازايتىدۇ. ئۇ بىر خىل ئىمكانىيەتلىكى سىجىل، قايتا ھاسىل بولىدىغان تۆۋەن كاربون قويۇپ بېرىدىغان بايلىقتىن ياسالغان. ئۇ يەنە ھازىر بار بولغان سانائەت پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ياساش كەسپىگە ئۆتۈشنى ئاسان بىر ئىستىقبالغا ئايلاندۇرىدۇ. 4. تەقلىدى پەلەي: پىيانىنو چالغۇچىنىڭ چېلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈردى بىرازىلىيەلىك ئىنژېنېر، قوشۇمچە لايىھەلىگۈچى ئۇبىراتو بىزارو كوستا داڭلىق پىيانىنوچى روئان كارلوس مارتىنىسقا يەنە بىر قېتىم پىيانىنو چېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، 1965-يىلى بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن مۇزىكانتنىڭ ئوڭ قولى يارىلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ بارمىقى يىگىلەپ قالغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، يارىسى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، ئۇ سول قولى بىلەن پىيانىنو چېلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن، مېڭە ئۆزگىرىش كېسىلى تۈپەيلىدىن، ئۇ مۇزىكا چېلىش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن. روئان كارلوس مارتىنىسنىڭ قولى 20 نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلغان بولسىمۇ، دوختۇر ئۇنىڭ قولىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن، ئەلۋەتتە قول چالغۇ چېلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. 2002-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ پىيانىنو چېلىش ھاياتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇرغان. ئىنژېنېر بىلاتو بىزارو كوستا بۇ پىيانىنوچىنى خۇشال قىلىش مەقسىتىدە يېقىندا ئۇنىڭ قولىغا تەقلىدىي پەلەي كەشىپ قىلدى. پەلەي كىيگەندىن كېيىن، بۇ ئۇستاز ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم تاماملىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەينىڭ ياسىلىش تەننەرخى ئاران 125 ئامېرىكا دوللىرى. 5. ھاۋادىن ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىش قۇرۇلمىسى سىز بەلكىم فانتازىيەلىك كىنولاردا بىر خىل ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، يەنى ئىستاكاننىڭ ئىچىدىكى سۇ تويۇقسىز يوقاپ كىتىدۇ، رېئال تۇرمىشىمىزدىمۇ بۇخىل سىرلىق ھادىسىنى نامايەن قىلالايدىغان قۇرۇلما ھەقىقىي پەيدا بولدى. ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنسىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە كورېيەلىك خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر خىل قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ خىل سېستىما نەملىك ئىنتايىن تۆۋەن شارائىت ئاستىدىمۇ ھاۋادىن سۇ ھاسىل قىلالايدۇ، ھەمدە كۈنىگە ھەر كۋادرات مېتر قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيەسى تەخمىنەن 0.8 لېتىر سۇ توپلىيالايدۇ. لېكىن بۇ ئۈسكۈنىگە مېتال ئورگانىك رامكا ياكى MOF دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس ماتېرىيال ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ تەننەرخى قىممەت ھەم تەمىنلەش چەكلىك، ھەمدە بۇ سىستېمىنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى ئەمەلىي سىستېمىغا ئىشلىتىشكە يەتمەيدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئىككىنچى باسقۇچتىكى سۈمۈرۈلۈش ۋە سوۋۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ئادسورپىسىيە رېئاكتىۋى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ھەمدە يوشۇرۇن كەڭ كۆلەملىك مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن كېڭىيىشچانلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مۇتەخەسسىسلەر دالا ئېكسپېدىتسىيەسى ئۈچۈن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك نۇسخىسىنى ئاچتى. 6. دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندا، بەزلەش دورىسى ئېففېكتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر سىز «بەزلەش دورىسى ئېففېكتى»نى ئاڭلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ نەقەدەر ئاجايىپ ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. بەزى ئەھۋاللاردا، ئەگەر بىرسى ئاغرىپ قالسا، دوختۇرنىڭ ئۇنىڭغا تەمىنلىگىنى پەقەت ۋىتامىن بولۇپ، كېسەل داۋالايدىغان دورا ئەمەس، بىمار ۋىتامىن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بەدىنىدە ھەقىقەتەن ياخشىلىنىش بولىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بىمار ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ھەمدە ۋىتامىننىڭ رولىغا ئىنتايىن ئىشىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا بەدەنگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما، يېقىنقى بىر نەچچە تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدامچىلىق قىلماي تۇرۇپ ئىستېمال قىلىنغان بەزلەش دورىسى ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئازابلايدىغان ھەر خىل كىلىنىكىلىق كېسەللىكلەر ۋە غەيرىي كىلىنىكىلىق توسالغۇلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن. 7. دۇنيادىكى تۇنجى تىرىك تەن تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قولىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ۋىيېتنام ھەربىي دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى تىرىك تەندىن قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. 2016-يىلى 31 ياشلىق بىمار بىر قېتىملىق ۋەقەگە چېتىلىپ قېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىلەكنىڭ ئاستى تەرىپى زەخمىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ سول بىلىكى ۋە يارا ئېغىزى ئەسلىگە كېلەلمەي، دوختۇر ئۇنىڭ قولىنى كېسىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن يەنە بىر ۋىيېتناملىق ئەرمۇ ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن كېسىۋېتىلگەن قولىنى تەقدىم قىلغان. ئوپېراتسىيە سەككىز سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، تاشقى كېسەللىك دوختۇرلىرى 36 پارچە مۇسكۇل، سۆڭەك ۋە باشقا توقۇلمىلارنى ئۇلىغان. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، بىماردا ئىنكاس پەيدا بولۇپ بارمىقىنى مىدىرلىتالىغان. 8. چىشىمىزدىمۇ يىل ھالقىسى بولىدۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر دەرەخنىڭ ئۆمرىنىڭ يىل ھالقىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە، ئالىملار چىشىمىزنىڭمۇ يىل ھالقىسى بارلىقىنى بايقىدى. نيۇيورك داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر پارچە يېڭى ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم چىشى «ھاياتلىق ئارخىپى» دېگەن بۇ بايقاش بىزگە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنسانلارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرى، تۇغۇت ئەندىزىسى ۋە بالا بېقىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، سۆڭەك تىنچ ھالەتتىكى ئەزا بولماستىن، بەلكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئەزادۇر. بۇ تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چىش سۆڭەك ماددىسى بولۇپ، بۇ چىش يىلتىزىنى ئوراپ تۇرغان بىر خىل چىش توقۇلمىسىدۇر. چىش مىلىكى ئۆسۈپ چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ، چىش سۆڭەك ماددىسى يىل ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ دەل-دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى مەخپىي تەپسىلاتلار ناھايىتى ئاز تەتقىق قىلىنىدىغان توقۇلمىغا خاتىرىلىنىدۇ، بۇ بايقاش چىش سۆڭىكىنى ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدىكى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار مەركىزىگە بىۋاسىتە ئېلىپ كىرىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ چىش سۆڭەك ماددىسىنىڭ مىكرو تۈزۈلۈشىدە مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتنى توغرا بەلگىلىيەلەيدىكەن. |
|