|
پىرئەۋنىنىڭ قەبرىسىدىكى سىرلار發表時間:2020-10-27 11:05來源:تور دۇنياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق چىراي ياكى نىقاب بولسا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇنداقلا نۇرغۇن كېپەن ئوغرىلىرىنىڭ قولىدىن ئۆتكەن تۇتانكاموننىڭ چىرايى بولسا كېرەك، ئالتۇن ۋە نۇرغۇن قىممەتلىك مېتاللاردىن ياسالغان بۇ چىراينى بىرلا كۆرگەن ئادەم ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايدۇ، لېكىن بۈگۈن مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ تارىخى ياكى ئۆلۈش سەۋەبى توغرىسىدا توختالمايمەن، بەلكى 19 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن بۇ پىرئەۋننىڭ قەبرىسىدىكى سىرلار ئۈستىدە توختالماقچى! قاھىرەدىكى مۇزېيى ئېچىلغاندىن تارتىپ، 1922-يىلى خوۋارد كارتېر قېزىپ چىققان بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5400 گە يېقىن قىممەتلىك بۇيۇم بۇ مۇزېينىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ساقلانماقتا، ئۇنداقتا بۇ بۇيۇملار كەسپىي ئارخېئولوگلارنىڭ نەزىرىدە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ ئالدى بىلەن جەسەت ساندۇقى ئىچىدىن تېپىلغان خەنجەرگە كەلسەك، بۇ خەنجەر ياش پىرئەۋننىڭ بىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەنجەر سېپىمۇ ناھايىتى سىپتا ئىشلىنىپ ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن، خەنجەر بىسىغا ئەينى چاغدا مىسىردا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان تۆمۈر ئىشلىتىلگەن، ئۇ چاغلاردا مىسىردا ئىشلىتىلىدىغان مېتال بۇيۇملار مىس ياكى بىرونزا بولۇپ، تۆمۈر تاۋلاشقا دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوق ئىدى، ئۇنداقتا بۇ تۆمۈر زادى قانداق پەيدا بولغان؟ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بولمىغان X نۇرلۇق ئانالىز ئەسۋابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بۇيۇملار تەركىبىدە ناھايىتى يۇقىرى زىچلىقتىكى نىكېل بايقالغان، بۇ خىل يۇقىرى زىچلىقتىكى تەركىب ھازىرغىچە يەر شارىدا مەلۇم بولغان كان بايلىقلىرىدىمۇ تېپىلمايدىغان بولۇپ، بىردىنبىر ئېھتىماللىق بولسا تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ كەلگەن مېتېئورىت تاشلار تەركىبىدىكى تۆمۈر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئارخېئولوگلار بۇنى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى يەر شارىغا ئۇچۇپ چۈشكەن كىچىك سەييارىنىڭ تەركىبىدىن ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى، بۇ مېتېئورىت تاشلار مىسىر قۇملۇقىدا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يىغىۋېلىنىپ تاۋلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرغىچە بۇ خىل تاۋلاش تېخنىكىسىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات تېپىلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا قالغان جەسەت ساندۇقلىرى بىر قورال ـ ياراغ ئىسكىلاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئارىسىدىن كۆپ مىقداردىكى يا ئوقى ۋە ئالتە دانە سىپتا ياسالغان جەڭ ھارۋىسى بايقالغان، بۇ بۇيۇملار پىرئەۋننىڭ جەڭچىلىك سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرگەندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ مىسىر ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىش ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا، تۇغما كېسەلگە گىرىپتار بولغان بۇ پىرئەۋننىڭ زادى جەڭگە ئاتلىنىش پۇرسىتى بولغانمۇ ـ يوق؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۆسمۈر پىرئەۋننى زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قەبرىسىدىن بۇ توغرىسىدا بەزى ۋاسىتىلىك ئىسپاتلارنى تاپقىلى بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا پىرئەۋننىڭ ھەمدەپنە بۇيۇملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بويۇملار بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ پىرئەۋننىڭ قەبرىسى ئىچىدىن تېپىلغان مىڭدىن ئارتۇق بويۇمنى باھالاش ئارقىلىق، بۇلارنىڭ نىمكەش ياكى ئەسلىدىنلا باشقىلار ئۈچۈن دەپنە قىلىنغان بۇيۇملار ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇيۇقسىز بۇ پىرئەۋن ئۈچۈن ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. مەسىلەن، بۇ قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان 400دىن ئارتۇق ھەيكەلنى ھەمدەپنە قىلىشتىكى مەقسەت بولسا، تۇتانكامون قايتا تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدى، شۇڭا ھەربىر ھەيكەلنىڭ چىرايى قەبرە ئىگىسىنىڭ چىرايى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن مىسىرلىق ئالىم سالما كىرۇننىڭ بايقىشىچە، گەرچە رەڭلىك سىزما تېخنىكىسى ئانچە پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن ھەيكەلنىڭ چىرايى روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زور بىر قىسىم بۇيۇملارنى ئەسلىدە بۇ ئۆسمۈر پىرئەۋن ئۈچۈن تەييارلانمىغان دەپ گۇمان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ جەسەت ساندۇقى، ئەگەر جەسەت ساندۇقى مۇشۇ پىرئەۋن ئۈچۈن مەخسۇس ياسىتىلغان بولسا چوقۇم ئىنتايىن چىڭ ھەم سىپتا بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن قازغۇچى كارتېرنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىككى پۇتىدىكى ئىزلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەسەت ساندۇقى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئېچىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىمۇ گۇمانلىق نۇقتىلار بار، مىسىر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇش دوستلار چوقۇم بىلىدۇ، مىسىر پىرئەۋنلىرىنىڭ چوقۇم مەخسۇس «پادىشاھلىق نامى» بولىدۇ، جەسەت ساندۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئويۇلغان پادىشاھنىڭ نامىمۇ قارىماققا قايتىدىن ئويۇلغاندەك قىلاتتى، چۈنكى سىزىقچىلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، قارىماققا ئەسلىدىكى خەتلەر قىرىپ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قايتىدىن ئويۇلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا جەسەت ساندۇقىنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبىمۇ پادىشاھنىڭ جەسەت ساندۇقىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى، بۇلاردىن قارىغاندا ھەتتا جەسەت ساندۇقىمۇ نىمكەش بۇيۇم ئىدى، مىسىر پىرئەۋنلىرىنىڭ قەبرىسىگە ھەقىقەتەن نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان، يەنە كېلىپ تا ھازىرغا قەدەر كىشىنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاب چىقمايۋاتىدۇ. |
|