|
كىرىستىيانو رونالدو تەكشۈرۈشنى داۋام قىلماقتا، ئۇ بار كۈچى بىلەن مۇسابىقە ئۈچۈن كۈچىمەكتە發表時間:2020-10-27 11:06來源:تېڭشۈن تورى ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:بارسېلونا كوماندىسى بىلەن يۇۋېنتۇسنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى، ئەمما ئەڭ چوڭ تەشۋىش يەنىلا ئاشكارىلانمىدى، ئۇ بولسىمۇ كىرىستىيانو رونالدو دەل ۋاقتىدا مېسسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، « پۇتبول شاھلىرى جېڭى» نى قوزغىتالامدۇ يوق؟ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو بولمىسا، مېسسىنىڭ يالغۇز ئوينىشىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ يارقىن نۇقتا پەقەتلا مېسسىنىڭ رېكورت بۇزۇشى ۋە ئىككى زەردار كولۇبنىڭ تارىخىي رىقابىتىنىڭ داۋامى خالاس، « پۇتبول شاھى جېڭى» دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. كىرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چىقسا، مېسسى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىش پۇرسىتى بولمىسىمۇ، ئىككى كىشىلىك تەسىر كۈچىگە تايىنىپ بۇ مەيدان تاماشىبىنسىز مۇسابىقىنى نەچچە كۈن ئىلگىرى بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت دېربىسىغا قارىغاندا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتالايدۇ.
ئەمما ھەممىگە ئايان پاكىت شۇكى، كىرىستىيانو رونالدوغا دىياگنوز قويۇلغىنىغا يېرىم ئاي بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بەدىنى ھازىرغىچە ۋىرۇسنى تازىلاپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا دەل ۋاقتىدا بارالايدىغان-بارالمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق سىناقتا،رونالدودا باشتىن-ئاخىر ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن، ئۇ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بەلگىلىگەن مۇسابىقىدىن بىر ھەپتە بۇرۇنقى بۇ پىرىنسىپنى قولدىن بېرىپ قويغان، لېكىن پەقەت مۇسابىقىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئەسلىگە كەلسىلا، يەنىلا قانۇنلۇق ھالدا مەيدانغا چىقالايدۇ.
رونالدوغا نىسبەتەن، مېسسىمۇ ئۇنى بىر قەدەر سېغىنىدۇ. دۆلەت دېربىسىدىكى بىر تاساددىپىيلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، مېسسى خانلىق مادرىدتىن كېيىنكى كىرىستىيانو رونالدو يوق دەۋرىدە، سانلىق مەلۇمات يوق:0 توپ كىرگۈزۈپ 0 ياردەمچى پاس بەرگەن. 2018-يىلى، كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىن يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، مېسسى قارشى تەرەپنى سېغىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2019-يىلى مېسسى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خازارد يامان بولغان بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كىرىستىيانو رونالدو كەتكەندىن كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 2020- يىلىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، مېسسى ئۆزىنىڭ كىرىستىيانو رونالدونىڭ پۇتبول شاھى جېڭى بىلەن (ئەلۋەتتە، بۇ ئۇقۇم سىرتقى دۇنيانىڭ باھاسى، مېسسى ئۆزى بايان قىلغان ئەمەس) ئىنتايىن ئالاھىدە ھەم مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىلىشى بىر قەدەر ئاقىلانە بولۇپ، ئۇ مېسسىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا مېسسى بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن، كىرىستىيانو رونالدو ئەسلىگە كېلىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا دورا يېيىش ياكى دوختۇرخانىغا بېرىش ھاجەتسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك بەدەن ساپاسىغا ئىگە بولغاچقا، ئاتالمىش سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى پەقەت ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈشتىنلا ئىبارەت خالاس. ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرىستىيانو رونالدو شۇ يەر ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم ۋىرۇس تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان، نەتىجىسى سەيشەنبە كۈنى بېكىتىلىدىكەن، يەنى مۇسابىقىدىن 24 سائەت بۇرۇن ئىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ھالقا دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر مەنپىيلىككە ئۆزگەرسە، كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ توپ شاھى جېڭى شەكىللىنەلەيدۇ، بولمىسا بىر ئايدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىنى كەينىگە سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئەگەر مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ھېچقانداق قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىلغا ئۇچرىمىغان بولسا ئاساسلىقى ۋىرۇس بولسا، ئۇنداقتا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كەسپىي ھاياتىدا تۇتۇشىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىرقى بۇ قېتىممۇ ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ياخشى ئويۇننى كۆرۈش ھامان كۇپايە قىلمايدۇ، تارىخنى ئەسلەش بەك مەنىسىز.
ئەگەر كىرىستىيانو رونالدو راستتىنلا ۋاقتىدا مەنپىيگە يۆتكىلىشكە ئامالسىز قالسا، دىققەت قىلىش دەرىجىسى جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن سىرت، يوۋىنتۇس قاتلىمىمۇ ئەمەلىيەتتە بەك ناچار ئەمەس، چۈنكى ئۇلار يېقىندىن بۇيان كىرىستىيانو رونالدو بولمىغان ئەھۋالدىمۇ غەلىبە قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە رەقىبى ئوخشىمايدۇ، بۇ دېگەن مىسسىغا ئىگە بارسېلونا، ئۇنىڭدىن باشقا، دىبالامۇ ئەسلىگە كېلىپ مەيدانغا چىقىدۇ. |
|