新聞詳情

مودا بولغان مۇسكۇل كىيىمى «ئاجىز ئەرلەر»نى «جىگەرلىك ئەزىمەت»كە ئايلاندۇرماقتا

發表時間:2020-10-27 12:35作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىلگىرى «ئامېرىكا كاپىتانى»نىڭ بەدىنىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەركەكلەر نەچچە يىللارنى جاپالىق مەشىق قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلەتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە «بوش، مىجىق، لىڭشىق، پارنىكتا چوڭ بولغان» يىگىتلەرنىڭ تايسوندەك بولۇپ كېتىشىگە پەقەت ئۈچ سېكۇنتلا كېتىدىغان بولدى.

بەدەنگە گۈل چەككەندەك كۆرسىتىدىغان كىيىملەردىن كىيىن، مۇسكۇل كىيىمى يەنە بىر قېتىم ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ئوغۇللارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان قورالى بولۇپ قالدى.

مەيلى ئېگىز-پاكار ياكى سېمىز-ئورۇق بولسۇن، بۇ كىيىملەرنى كىيىۋالسىلا ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتىدىن قىزلارنى جەلپ قىلىدىغان مۇكەممەل ئەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ. بىر سېتىۋالغۇچى ھەتتا ماقالىسىدە :«يىۋۇ ئىمپېرىيەسى بارلىق مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى» دەپ يازدى.

«ئۇ مېنى بۆرتۈپ چىققان ئىككى باشلىق مۇسكۇلغا، مۇكەممەل بولغان كۆكرەك مۇسكۇلى ۋە ئۇۋۇلاش تاختىسى شەكلىدىكى قورساق مۇسكۇلىغا ئىگە قىلدى...»

گەرچە بۇ تېخنىكا يەنىلا دېگەندەك پىشىپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بەش يۇلتۇزلۇق ياخشى باھا بەردى.

ئامېرىكا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، گىرېتسىيە، ئىتالىيە، پولشا، ياپونىيە...ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دوستلار مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ سەمىمىي رەھمىتىنى يوللىدى.

«تېز سېتىش مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك ھالەتكە كەلتۈردى، مەن رەپ ناخشىچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندا پەقەت 0.99 دوللار خەجلەپلا (ئالتە يۈەن ئالتە مو) بىر تال توم ھەم ئالماس قوشۇلغان ئالتۇن زەنجىر سېتىۋالالايدىغان بولدۇم».

«مۇسكۇللۇق ئەرگە ئايلانماقچى بولغىنىمدا، توردىن بىۋاسىتىلا مۇسكۇل كىيىمى سېتىۋېلىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم».

«مۇسكۇل كىيىمى تۇرمۇشۇمنى ئۈزۈل كېسىل ئۆزگەرتتى»...

تورداشلار بۇ كىيىمگە قارىتا ئۆزىنىڭ باھالىرىنى ئايىماي يېزىشقا باشلىدى.

بەزىلەرنىڭ خوتۇنى ھەتتا بۇرۇنقىدەك قوشنىسىغا قارىمايدىغان، دوستلىرى ئۇنىڭ تور ئىسمىنى مەسخىرە قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇزۇن يىل كوتۇلدىغان قېيىن ئاتىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلىدىغان بولغان.

مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئۆزىگە ئىشەنگەندە كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدۇ. سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دوستلار مۇسكۇل كىيىمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى كىيىپ تار ئىجارە ئۆيىدە قانغۇچە سۈرەتكە چۈشكەن.


بۇ كىيىمنى كىيگەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزىنى تىزگىنلەش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەم ئۆزىگە ئىشىنىش نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. گەرچە ئۇ مۇسكۇل كىيىمى ئۈچۈن 100 ياۋرو (668 يۈەن) توشۇش ھەققى تۆلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە بىر تالاي ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سېتىۋېلىشنىڭ ياكى 100 مىڭ قېتىملاپ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى ئىشلەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئويلىغىنىدا، بۇ باھانىڭ يەنىلا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.


يۇقۇم مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كېلىشكەن چىرايىنى ماسكا توسۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسكۇل كىيىمى بولسىلا ئۇلارنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئەسلا مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.

ئۇكرائىنالىق بىر تورداش بىرمۇ ئادەم يوق چىملىقتا مۇسكۇللىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ پارچە سۈرىتىنى يوللىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە :«مەن بۇنىڭ ئۆزۈمنىڭ مۇسكۇلى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدىم، بۇ كىيىمنىڭ كىندىكى ۋە كىچىككىنە ئەمچەك توپچىسىمۇ شۇنچىلىك نەپىس، شۇنداق مۇكەممەل ياسالغان ئىكەن. ئۇنى كىيگەندىن كېيىن، مەن دائىم ئۆزۈمنى تۇتالماي كىيىملىرىمنى قايرىپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. بىر قېتىم بىر قىزنىڭ ئالدىدا ئىختىيارسىزلا شۇنداق قىلىپ ساپتىكەنمەن، يانفونىنى ئېلىپ ساقچىغا تېلېفون قىلىشقا ئۇرۇنماقچى بولغان ئۇ مېنىڭ مۇسكۇللۇق بەدىنىمنى كۆرۈپلا تېلېفون ئۇرۇشتىن يالتىيىپ قالدى» دەپ يازغان.

ئەمما نۇرغۇن ئامېرىكىلىق يىگىتلەر پەقەت برۇكلىندا نورمال ياشاش ئۈچۈنلا مۇسكۇل كىيىمى سېتىۋالىدۇ. شەرق چوڭ يولىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ دوستىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دائىم كوچا بويىدا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل رېمونت قىلىدىغان لۈكچەكلەرنىڭ ئاشكارا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن. لېكىن ئۇ مۇسكۇل كىيىمىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇلاڭچىلارمۇ ئۇنى كۆرسە ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولغان.

ئۇزۇن مەزگىل ئۆيدە ئولتۇرغان بويتاق ئەرلەر يوتقاننىڭ ئىچىدە ياتقان ۋاقىتتىمۇ مۇكەممەل بىر تەنگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىيىمنى كىيىپ چۈشكەن سۈرىتىنى توردىكى قىز دوستىغا يوللاپ بەرگەندىن كېيىن، ھەتتا تېلېفون ھەققىنىمۇ يېنىدىن چىقىرىپ تاپشۇرمايدىغان بولغان ئىكەن.

ئەڭ قالتىس بولغىنى، ئۇنى كىيىۋالسىڭىزلا كۈن بويى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيەلەيسىز، قىزلارنىڭ مەستلىكى كېلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنالايسىز.....ئىشقىلىپ بۇنىڭ پايدىسى ئويلىغىنىڭىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

مەيلى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلاردىن چىقمايدىغان زەئىپ ئەرلەر بولسۇن ياكى پىۋا قورساق تاغاشلار بولسۇن، ھەممىسى مۇسكۇل كىيىملىرىنى كىيىش ئارقىلىق قەيسەر، جەسۇر ئەرلەرگە خاس جاسارىتىنى ئىپادىلىگەن. مۇھىمى تېخى ھېچكىم بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن.

سەزگۈر جۇڭگولۇق سودىگەرلەرمۇ بۇ سودا پۇرسىتىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان بەدەنگە نىسبەتەن ئەڭ ئەتراپلىق مۇسكۇل كىيىمى لايىھەسىنى ئىشلەشنى باشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، بۇ كىيىملەر كۆپ خىل ئۇسلۇب، كۆپ خىل پاسون، تۈرلۈك كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان ھالەتكە كەلدى.

كالتە يەڭدىن يەڭسىزگىچە، ئېگىزدىن-پاكارغىچە، سىلىقتىن-قوپالغىچە، ھەتتا يەنە شىۋاسىنگىرنىڭكىگە ئوخشاش پاسوندىكىلىرىدىن تارتىپ پۈتۈن يۈرۈشلۈك كىيىملەر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇسكۇل كىيىملىرىنىڭ ئىشلىنىشى سىپتا، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، ھاۋا ئۆتكۈزىدۇ.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، ساتقۇچى يەنە زامانغا لايىق ھالدا مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق بەدەن چەكمىسى بار بولغان مۇسكۇل كىيىمىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ مۇسكۇل كىيىمى ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

گۈل چېكىلگەن مۇسكۇل كىيىملىرىنىڭمۇ تۈرى بەكلا كۆپ بولۇپ، مۇنداق گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر بىلەن تولغانلىرىنى كىيسىڭىز ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ساپال قاچىلارغا ئالاھىدە ئامراق كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان نۇسخىلاردىنمۇ بار.

ئەگەردە راستتىنلا بىرى بۇنى كىيىپ سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا، مەن چوقۇم شۇنى ئاكا دەپ چاقىرىمەن.

جۇڭگولۇق سودىگەرلەر بۇ تىجارەتنى باشلىغاندىن كېيىن ئىلھام مەنبەسى دېگەننى ھەق دادىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى كىيىملەر ئىستېمالچىلارنىڭ ئەركىن ئازادە تاللىۋېلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن.


分享到: