新聞詳情

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ «ئۇششۇق»لىقىغا چىداپ كەلمەكتە

發表時間:2020-10-27 21:13作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى


10-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قەرز بولۇپ قېلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. بۇ ھۆججەتتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەينىگە سۆرىگەن ئەزالىق بەدەل پۇلىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 497 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا 1 مىليارد 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بولۇپ، تاپشۇرمىغان ئەزالىق بەدەل پۇلى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ%73 تىنى ئىگىلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرمىغان تىنچلىق ساقلاشقا ئالاقىدار خىراجەت جەمئىي 2 مىليارد 557 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا 1 مىليارد 388 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇششۇق دۆلەت. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇششۇقنىڭ زادى قاچاندىن باشلاپ بۇ نامنى ئۆزىگە چاپلىۋالغىنىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنىڭ بۇ «شەرەپلىك»نامغا ئېرىشكىنىگە 30 نەچچە يىل بولدى.

1986-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىق بەدىلى نىسبىتىنى % 20تىن تۆۋەنلىتىشنى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن «خامچوتنى توڭلىتىش»نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قەرز بولۇپ قېلىشقا قاراپ قەدەم ئالغان.

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى يولغا قويۇپ، ھە دېسىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى پۇل خەجلەپ ئىش بېجىرمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا قەرز پۇلنى كەينىگە سۆرەۋەرگەچكە، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گەدەنگىچە قەرز بولۇپ كەتتى.

ئەزالىق بەدەل پۇلنى يىغالمايۋاتقان، نېسىدىن تەلىيى يوق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇشى تەسكە چۈشمەكتە. تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ پۇلى بولمىسا، قورال-جابدۇق، خادىملار جەھەتتە ئارقىدا قالىدۇ. 2014-يىلى 10-ئايدا رىيېتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ بايلىقى كەمچىل بولغاچقا، كونگو رايونىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى توقۇنۇشنى كونترول قىلالماي، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ياردەمچى قىسىم يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن قۇتۇلۇپ قالغان.

ئامېرىكىنىڭ كۆكىرىپ تۇرىۋېلىپ بۇنچە كۆپ پۇلنى تاپشۇرماسلىقى پۇل كەملىكىدىن بولغانمۇ؟


ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ھەر يىللىق ھەربىي خىراجىتى 700 مىليارد دوللىرىدىن ئاشىدۇ، بۇنچىلىك ئەزالىق بەدىلى ھەتتا پارچە پۇلچىلىكمۇ ھېسابلانمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇلتۇر ئىران ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەن «يەرشارى بۈركۈتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بىرى 100 مىليون دوللارغا توختايدۇ، بۇنداق ئايروپىلاندىن ئون نەچچىسىنىڭ پۇلىلا ئەزالىق بەدىلىگە يېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ قەرز پۇلنى تاپشۇرماسلىقىدىكى سەۋەب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى گەپ ئاڭلىمايدۇ دەپ قارىغانلىقىدا.

ئامېرىكا پەقەت بىر نەچچە قېتىملا، قىسقا مۇددەتلىك قەر قايتۇرغان. 1989-يىلى چوڭ بۇش تەختكە چىقىپ پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنى قوزغىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا 1992-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قەرزىنى قايتۇردى. ئەمما، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا باشقا ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئۇرۇشۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا يەنە ئۇششۇقلۇق قىلىشقا باشلىدى.

كېيىن« 11-سىنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئويلاپ يەنە قەرزنى قايتۇردى. كېيىن ئىراق ئۇرۇشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامېرىكىنى قوللىمىدى، ئامېرىكا يەنە پۇل تاپشۇرماي ئۇششۇقلۇق قىلدى...

مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى: سەن گەپ ئاڭلىساڭ، مەن پۇل تاپشۇرىمەن؛ ناۋادا رايىمغا باقمىساڭ، داۋاملىق ئۇششۇقلۇق قىلىمەن.

ئامېرىكىنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرىغىنى يالغۇز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىلا ئەمەس. 2018- يىلى ئامېرىكا خەلقئارا پوچتا ھەققى مەسىلىسى سەۋەبىدىن خەلقئارا پوچتا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقتى؛ 2017- يىلى ئامېرىكا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ سۆھبەتلەشكەن TPPدىن چېكىنىپ چىقتى؛ شۇ يىلى يەنە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشقا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان « پارىژ كىلىمات كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقتى.

مۇشۇنداق چېكىنىۋەرسە، قەرزنى تۆلىمەي ئۇششۇقلۇق قىلىۋەرسە، ئامېرىكىنىڭ «ئۇششۇق» دېگەن نامى پۈتۈن جاھانغا تارقىلىپلا قالماي، تەسىر كۈچىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىدۇ.


分享到: