新聞詳情

كۇلۇب رەئىسى ئالماشمىغۇچە، مېسسى مائاش تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلمايدۇ

發表時間:2020-10-27 21:15作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى


ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەنە سەككىز ئايدىن كېيىن، مېسسىنىڭ بارسېلونا بىلەن تۈزگەن توختام ۋاقتى ئاخىرلىشىدىغان بولغاچقا، ئارگېنتىنالىق بۇ چولپان ھەرگىزمۇ بارتومېئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 50 مىليون ياۋرو مائاشىنى تۆۋەنلەتمەيدىكەن. مېسسى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ھازىرقى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئۇزۇن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدىغان بولغاچقا، ئۇ توختامنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بارسېلوناغا تولۇقلىما بېرىشكە تېخىمۇ قوشۇلمايدۇ. بارسېلونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى بەزى مۇھىم توپچىلار، مەسىلەن پىك قاتارلىقلار كۇلۇبنىڭ شەرتىگە قوشۇلغان، لېكىن مېسسى ھەرگىز بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ.

بارسېلونا داۋاملىق غايەت زور مالىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى، لېكىن يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلار سەۋەبىدىن، مېسسى ھەرگىزمۇ بارتومېئۇ بىلەن بىردەكلىككە كەلمەيدۇ، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى كىرزىسنى ئاسانلىقچە بىر تەرەپ قىلمايدۇ. ھازىر مېسسىنى نىيىتىدىن ياندۇرىدىغان بىردىنبىر ئامال دەل باشقا رەھبەرنىڭ مېسسى بىلەن سۆھبەتلىشىشىگە باغلىق.


分享到: