|
كومان: مەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەتە مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن發表時間:2020-10-28 03:39來源:جىبوبا تورى
يۇۋېنتۇسقا نىسبەتەن، گەرچە پەقەت ئىككىنچى ئايلانما بولسىمۇ، بىراق گۇرۇپپىدىن چىقىش شەكلى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەتىدىكى مۇسابىقىگە قانداق قارايسىز؟ مېنىڭچە ھەل قىلغۇچ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ھەممەيلەن ئۇزغۇنلۇقتا بىر ئىش قىلىشنى ئويلايدۇ، يوۋۋىن ئۆز مەيدانىدا، بىز بولسا بىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشىشنىئارزۇ قىلىمىز، بۇنداق بولسا بەك ياخشى بولىدۇ. پۇرسەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا يۇۋېنتۇسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمىز، ئەتىكى مۇسابىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
كىرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چىقالماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ سىز ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ئەتىدىكى مۇسابىقە بارلىق توپ مەستانىلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنداق مۇسابىقىدە، كۆپچىلىك ئەڭ ياخشى توپچىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، كىرىستىيانو رونالدو بىر قالتىس توپچى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى مەن قارار قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەس، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى كىرىستىيانو رونالدونىڭ نامى، چۈنكى ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ،مەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن. كىرىستىيانو رونالدونىڭ مەيدانغا چىقالىشى بىز ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى ئىش.
بۈگۈن ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سىزنىڭ خان مادىرىد مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى سۆزلىرىڭىزنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى، ھەمدە ئىلگىرى باتومىئۇ مۇنداق دېدى: بارسېلونا بىر ئىسپاتنى قولىغا ئالدى، ئۇ چاغدا راموس يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن يان رېپىر باش رېپىرغا ئەسكەرتكەن، ئۇ چاغدا راموس ئاۋۋال قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان؟ مەن ئۆزەمگە دېگەن گەپلەرنىڭ پۇشايمان قىلغۇدەك يېرى يوق، مەنمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەققىدە كۆپ پاراڭلىشىشنى خالىمايمەن، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئەتىدىكى مۇسابىقە، بىز ئەتە قالتىس نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.
ئەتىكى مۇسابىقىگە قارىتا، ھازىر مەيدان سىرتىدا نۇرغۇن خەۋەرلەر بار، مەسىلەن ئەيىبلەش ، مۇدىرىيەت خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش مەسىلىسى، بۇنىڭ كوماندا ۋە توپچىلارغا تەسىرى بارمۇ؟ ياق، بىلىمەن، تېرىنىرلىق قىلغاندا، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن، چۈنكى تاشقى جامائەت ئەھۋالى، مالىيە ئەھۋالى، خىرىس ناھايىتى كەسكىن، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە سەۋرچانلىق كېرەك. بارسېلونا ھازىر ئۆزگىرىش ياساۋاتىدۇ، بىزنىڭ خانلىق مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىمىزدە 60 مىنۇتتەك ئىپادىمىز ياخشى بولدى، لېكىن نۇقتا توپتىن كىيىن ئىپادىمىز تازا ياخشى ئەمەس. بىراق مەن يەنىلا كوماندىمىزنى جەڭگىۋارلىققا تولغان دەپ قارايمەن، ھەتتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ.
كوتىنھو يارلانغاندىن كىيىن، تىرىنكان ياكى دېمبېلې ئاساسلىق ئەزا پۇرسىتىگە ئېرىشتىمۇ قانداق؟ خۇددى مەن ئېيتقاندەك، بىز ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ھۇجۇمچىلارغا ئىگە، ھەر بىر ئادەم ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخنىكا تاكتىكا ئېھتىياجىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەتە بىزنىڭ نىشانىمىز توپ يېڭىش، ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋالدا بىز ھۇجۇمچى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئالدىنقى ھەپتە سىز پېدېل بىلەن فاتتىنى تۇنجى بولۇپ تاللاپ، ئەتە مېھمان مەيداندا يۇۋېنتۇسقا يۈزلەندىڭىز، سىز داۋاملىق مۇشۇنداق ئاكتىپ بولۇشنى تاللامسىز ياكى ئەنئەنىگە ئېسلىپ قىلىشنى ئويلىشىپ باقامسىز؟ مەن بىر ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئامراق تېرىنىر، لېكىن مۇداپىئەگىمۇ مۇھتاج، يۇۋېنتۇس بىر قالتىس رەقىب، بىز مۇسابىقىنى كونترول قىلىشقا مۇھتاج، بۇنىڭغا ئىقتىدارى بار توپچى كېلىپ رەقىبىگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك.
پىرلونىڭ مەشقاۋۇللىقىغا قانداق قاراش كېرەك؟ مىنىڭچە ئۇنىڭ توپچىلىق نەتىجىسىگە باھا بىرىش تېخىمۇ ئاسان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلىدۇ، ئۇ ئىتالىيەدىكى نۇرغۇن زەردارلاردا ئۇتۇق قازاندى، تېرنىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرچە بىر نېمە دىمەك تەس، چۈنكى ئۇ پەقەت ناھايىتى قىسقا ۋاقىت مەشقاۋۇل بولدى، ئەلۋەتتە ئۇ يۇۋېنتۇسنىڭ باش مەشقاۋۇلى بولالايدۇ، بۇنىڭ چوقۇم سەۋەبى بار. بىزنىڭ ئوخشاشلىقىمىز شۇكى، بىز ھەممىمىز يېڭى مەشقاۋۇل، بىز ۋە يۇۋېنتۇس يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن ھەرقانداق كۇلۇبتا ئۆزگىرىش بولۇشقا ۋاقىت ۋە سەۋرچانلىق كېتىدۇ، پۇتبول ئەلۋەتتە ئادەم ساقلىمايدۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئىمكانقەدەر بىزگە ۋاقىت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە نۇرغۇن زەردارلار سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى، سىزنىڭچە بۇ تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈزلىنىشمۇ؟
مېنىڭچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە نۇرغۇن زەردارلار قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بارغانسېرى كۆپ كوماندىلار زەردارلارغا جەڭ ئېلان قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جىسمانىي ئىقتىدار مەسىلىسى، ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى، ساھىبخان بوش مەيدان مەسىلىسى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن غەلىتە نەتىجىلەر بار، مېنىڭچە ھەممىسى Covid 19بىلەن مۇناسىۋەتلىك. |
|