新聞詳情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: موسكۋا پاراۋۇز 2:1 بايرېن مىيۇنخېن

發表時間:2020-10-28 10:56作者:alkuyi.com來源:qq.com


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 1:55تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە موسكۋا پاراۋۇز مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن پاۋاردنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن گورېتزكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېندىن كوماننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بايرېن مىيۇنخېننىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسىدىن مىرانچۇك بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، بايرېن مىيۇنخېندىن كىممىچ يىراقتىن يۇقىرى سەۋىيەلىك توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، سىمولوۋنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، بايرېن مىيۇنخېن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، گورېتزكانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لېۋاندوۋىسكىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا، مېھمان مەيداندىكى بايرېن مىيۇنخېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، تولىسسونىڭ سول تەرەپتىن يەتكۈزگەن پاس توپىنى پاۋارد توختاتمايلا ھاۋادىن ئوتتۇرىغا تاشلىدى، گورېتزكا قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، بايرېن مىيۇنخېن داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، كوماننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، موسكۋا پاراۋۇز ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئىگناتىيېۋنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، لۇئىسنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، بايرېن مىيۇنخېندىن پاۋاردنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، موكۋا پاراۋۇز كوماندىسىدىن كۇلىكوۋنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بايرېن مىيۇنخېننىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، ھەر ئىككى كوماندا توپچىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، شاۋى مارتىنېزنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، كىممىچنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، موسكۋا پاراۋۇزدىن ئىگناتىيېۋنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، بايرېن مىيۇنخېندىن كوماننىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 70 مىنۇت بولغاندا ساھىبخان مەيداندىكى موسكۋا پاراۋۇز بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، موسكۋا پاراۋۇز ھۇجۇم تەشكىللەپ، لۇئىس توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا پاس يەتكۈزدى، توپقا يېتىشكەن مىرانچۇك چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، موسكۋا پاراۋۇز داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، لۇئىسنىڭ تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 79 مىنۇتقا قەدەم باسقاندا، بايرېن مىيۇنخېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، شاۋى مارتىنېز توپنى كىممىچقا پاس يەتكۈزدى، كىممىچ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى توختاتمايلا ھاۋادىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا باسقۇچىدا ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.


分享到: