|
فرانسىيە زۇڭتۇڭى: 30-چىسلادىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت يەنە بىر قېتىم«تاقىلىدۇ» دېدى發表時間:2020-10-29 12:13來源:央视新闻 ئەلكۈيى تورىى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 28 ـ ئۆكتەبىر كەچتە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، فىرانسىيەنىڭ 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن باشلاپ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ شىددەت بىلەن قايتا باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قايتا يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. ماكرون شۇ كۈنى كەچتە فىرانسىيەنىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىن، ئۆلۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى. ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالىدا، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋېروسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھەتتا ئىلگىرىكى ئەڭ ئۈمىدسىز مۆلچەردىن ئېشىپ كېتىدۇ. 1-قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى ئاساسلىقى نوپۇس مەركەزلەشكەن چوڭ شەھەرلەردە يۈز بەرگەنگە ئوخشىمايدۇ، ھازىر فرانسىيىدىكى بارلىق رايونلار يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش بوسۇغىسىغا يېقىنلىشىپ قالدى. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا، فرانسىيەدىكى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار 9000 غا يېتىدۇ. ئەگەر يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىسا، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا فرانسىيەدە 400 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشانغانلار، ياشلار، تېببىي خادىملار، ئەڭ نامرات كىشىلەر توپى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى قوغداش ئۈچۈن، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، فىرانسىيە يېتەرلىك بولۇشنى چەكلەش تەدبىرىنى قايتىدىن يولغا قويىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت، يېمەكلىك دۇكىنى قاتارلىق سودا ئەسلىھەلىرىدىن باشقا، ئاشخانا، قاۋاقخانا قاتارلىق زۆرۈر بولمىغان سودا سورۇنلىرى تاقىلىدۇ. ئامما سەپەرگە چىققاندا سىرتقا چىقىش ئىسپاتىنى ئېلىپ چىقىشى كېرەك، شەخسىي يىغىلىش ۋە ئاممىۋى يىغىلىشنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ. بۇ يىل ئەتىيازدا چەكلەش تەدبىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان بارلىق مەكتەپلەر يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، داۋاملىق ئېچىۋېتىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەردە يىراق مۇساپىلىك توردا دەرس ئۆتۈلىدۇ، ئامما داۋاملىق سىرتقا چىقسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت شارائىتى بار ئورۇنلارنى يىراق مۇساپىلىك توردا ئىش بېجىرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاپپاراتلار يەنىلا يوقلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر كېسەللەر كارۋىتىنىڭ سانى 10 مىڭغا يېتىدۇ، پورت، ئايرۇدروم قاتارلىق جايلارمۇ تېز سۈرئەتتە تەكشۈرىلىدۇ. ماكرون شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان كارخانا ۋە شەخسلەرگە داۋاملىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتى بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تەدبىر ئاز دېگەندە 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە يولغا قويۇلىدۇ، ھۆكۈمەت ھەر 15 كۈندە تەدبىر ئۈنۈمىنى باھالاپ، كېيىنكى تەدبىرلەرنى قارار قىلىدۇ. ماكرون فىرانسىيە خەلقىنى ئىمكانقەدەر ئۆيىدە تۇرۇپ، يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيە زۇڭلىسى كاستېي 29-چېسلا كەچقۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىدىكەن. فىرانسىيە ئاممىۋى سەھىيە مەھكىمىسى 28-چېسلا كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى سائەت 14 كىچە، فىرانسىيەدە 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 36 مىڭ 437 نەپەر يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، جەمئىي 123 مىڭ 5132 نەپەر، دوختۇرخانىدا يېڭىدىن 244 نەپەر ئادەم قازا قىلغان، جەمئىي 35 مىڭ 785 نەپەر قازا قىلغان. ئۆتكەن 7 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت بولۇش نىسبىتى داۋاملىق% 18.6 كە ئۆرلىگەن. |
|