|
كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى發表時間:2020-10-29 14:20來源:مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى شۇ يەر ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سابىق زۇڭتۇڭ ئىميوڭباگ (이명박) نىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق دېلوسىغا ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقاردى، ئىككىنچى سوتنىڭ ھۆكۈم نەتىجىسىنى ساقلاپ قېلىندى، 78 ياشلىق ئىميوڭباگ 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىميوڭباگ سوتقا چىقمىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككىنچى سوتتا ئۇنىڭغا 17 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، 13 مىليارد ۋون جەرىمانە قويۇلغان، بەش مىليارد 780 مىليون ۋون قايتۇرۇۋېلىنغان. ھازىر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان ئىميوڭباگ يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. 2018-يىلى 4-ئايدا، كورېيە تەپتىش ئورگىنى خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، باجدىن قېچىش قاتارلىق 16 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئىميوڭباگنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا ئىميوڭباگ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى «سىياسىي ئۆچ ئېلىش» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ يىلى 10 ـ ئايدا، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ، ئىميوڭباگقا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، 13 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 77 مىليون 110 مىڭ يۈەن ) جەرىمانە قويۇلغان. ئۇ تەپتىش تەرەپ بىلەن بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن مۇخبىرلار ئىميوڭباگ تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى (كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى) 2019 ـ يىلى 6-مارت، كورېيە سوت مەھكىمىسى كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان، ئىميوڭباگ بىر يىلغا يېقىن قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتقان. بۇ يىل 19 ـ فېۋرال، ئىميوڭباگنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق دېلوسىغا ئىككىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان، 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 13 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 77 مىليون 110 مىڭ يۈەن) جەرىمانە قويۇلۇپ، تەخمىنەن بەش مىليارد 780 مىليون ۋون قايتۇرۇۋېلىنغان. ھەمدە كېپىللىككە بېرىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىپ، تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. لېكىن ئىميوڭباگ شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە قولغا ئېلىنىپ ئالتە كۈندىن كېيىن ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلگەن. |
|