|
مېسسى راستىنلا «نۇقتا توپ بىلەن جان باقىدىغان» ھالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟發表時間:2020-10-29 14:36來源:sina بۈگۈن سەھەردىكى بىر مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ھۇجۇمچىسى مېسسى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بىر نۇقتا توپ كىرگۈزدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئۇدا تۆت قېتىم نۇقتا توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىشى ھېسابلىنىدۇ (دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇبقا ۋاكالىتەن كىرگۈزگەن يېقىنقى تۆت توپنىڭ ھەممىسى نۇقتا توپ). ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى مېسسىنىڭ ھەرىكەتچان توپ كىرگۈزەلمەسلىك قەدىمى داۋاملاشماقتا (نۇقتا توپ ۋە ئىختىيارى توپتىن باشقا توپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، چۈنكى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان مېسسى بارسېلونا ۋە ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا كىرگۈزگەن تۆت توپنىڭ ھەممىسى نۇقتا توپ بولۇپ، بۇ تۆت نۇقتا توپتىن باشقا ھەرىكەتچان ھالەتتە توپ كىرگۈزۈپ باقمىدى. ئۇ قاچان ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرالايدۇ؟ |
|