新聞詳情

ئەڭ قالايمىقان سايلام! ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا زور بۇرۇلۇش بولدى (264 : 214)

發表時間:2020-11-05 11:38作者:ئەلكۈيى تورى來源:腾讯

بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالايمىقان سايلام بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ھازىر ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى سايلامدا يۈز بەرگەن مۇتلەق قايتۇرما زەربە ۋە ئوڭۇشسىز ئەھۋالىنى بۇرۇنقىلار باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، دېيىشكە بولىدۇ. سايلام رىقابىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىرامپنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى پەقەت %10 ئەتراپىدا ئىدى، لېكىن تىرامپ بىر ئاخشامدا قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئۇدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ ئاخىرى بايدېن بىلەن تەڭ ئورۇنغا يەتتى ھەمدە ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە رەقىبلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى. بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن (11-ئاينىڭ 4-كۈنى) چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىكى ئىككى نامزات ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


تىرامپ: «بىزنىڭ يېڭىش ئېھتىماللىقىمىز چوڭ، لېكىن ئۇلار بىزدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى. بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمايمىز، ئۇلار بېلەت تاشلاش پونكىتى تاقالغاندىن كېيىن يەنە بېلەت تاشلىسا بولمايدۇ!»

تىرامپ ھەتتا سەھەردە سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ سايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن سايلام بېلىتى ئىستاتىستىكا قىلىنمىدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا يۇقۇم ئەھۋالى، ئىرقچىلىق، يەر شارىنىڭ ھايات-ماماتى، غەرب قىممەت قارىشىنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق زور بېسىملارغا دۇچ كەلدى، شۇنداقلا ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىپ كەتكەن ئامېرىكا جەمئىيىتى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.

بۇنداق ئىجتىمائىي بېسىم تۈپەيلىدىن بۇ يىل ئامېرىكا خەلقىنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر يىل بولدى، ئىككى لاگېر پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغۇچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قىل ئۈستىدە قالدى، ھەتتا قوراللىق قارشىلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ قائىدىسى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا سايلىغۇچىلار تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. زۇڭتۇڭنى 538 نەپەر سايلىغۇچى بېلەت تاشلاپ قارار قىلىدۇ. بېلەت سايلىغۇچىلار نوپۇسىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قاراپ ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتقا بۆلۈپ بېرىلدۇ، مەسىلەن، نيۇيوركقا 29 بېلەت، كالفورنىيە ئىشتاتىغا 55 بېلەت دېگەندەك. سايلام كۈنى دېموكراتلار پارتىيىسى نيۇيورك ئىشتاتىدا غەلىبە قىلسا، ئەڭ ئاخىرقى بېلەت سانى قانچە كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق 29 سايلىغۇچى دېموكراتلار پارتىيىسىنى شەرتسىز قوللىشى كېرەك.

بۇنداق غەلىتە سايلام تۈزۈمى مۇنداق بىر نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: مەلۇم بىر پارتىيە-گۇرۇھقا خاھىشى ئېغىر بولغان ئىشتاتلاردا، يەنە بىر پارتىيە-گۇرۇھنى قوللايدىغان ئاز ساندىكى سايلىغۇچىلاردا مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى پۈتۈنلەي يوق. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سايلام ئەھۋالىنى مىسالغا ئالساق، دېموكراتلار پارتىيەس مەيلى %90 مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭسۇن ياكى %51 ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭسۇن، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى 55 بېلەتنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا تەۋە بولىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقىدەك تۈزۈمى ئاستىدا، ئاممىنىڭ پوزىتسىيەسى تۇراقسىز ئىشتاتلارلا سايلامنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا نامزاتلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بايلىقنى بۇ رايونلارغا توپلايدۇ، قارشى تەرەپنى ئازراقلا ئۇتسا، بارلىق سايلام بېلىتى ئۇلارغا تەۋە بولىدۇ.

سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بايدېننىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنى %90 دەپ قارىغان، ئەمما تىرامپنىڭ ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى پەقەت %10 ئىدى.

ئۇنداقتا، بىز ئالدى بىلەن بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن (11-ئاينىڭ 4-كۈنى) سەھەردىكى ئامېرىكا سايلىمىنىڭ جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى! كېنتۇكىي ئشىتاتى تىرامپنى، ۋېرمونت ئشىتاتى بايدېننى قوللىدى، بۇ ئىككى ئىشتاتنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە تاسادىپىيلىق كۆرۈلمىدى. ئەڭ دەسلەپكى نەتىجە بايدىن 3 بېلەتكە، تىرامپ 8 بېلەتكە ئېرىشتى.

ئەڭ دەسلەپكى تالىشىش ئاساسلىقى فلورىدا ئىشتاتىدا بولدى. فلورىدا ئىشتاتى تىرامپ ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ، ئۇ چوقۇم فلورىدادا قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى، ئەگەر ئۇ فلورىدادا مەغلۇب بولسا بايدېننى ئاغدۇرۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى. بېلەت تارقىتىلىپ 30 مىنۇتتىن كېيىن، فىلورىدا ئىشتاتىدا %40 بېلەت ھېسابلاندى، ئىككىيلەننى قوللاش دەرىجىسى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، تىرامپ %1.1 لىك نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

ئون مىنۇتتىن كېيىن فلورىدادىكى بېلەت ھېسابلاشتا بايدېن %67 قوللاش بىلەن %0.9 ئالدىدا تۇردى. فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ بېلەت ھېسابلاش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى، شەھەرلىكلەر بايدېننى، يېزىدىكلەر تىرامپنى قوللىغان بولۇپ، تىرامپ يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.


11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:43 ئۆتكەندە، يەنە ئىككى ئىشتاتتىكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى چىقتى. غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتى تىرامپنى، ۋىرگىنىيە ئىشتاتى بايدېننى قوللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىندىيانا ئىشتاتىدا %12 بېلەت ھېسابلاندى، لېكىن پۈتۈنلەي تىرامپنى قوللىدى، كۆپچىلىك ئىندىيانا ئىشىتاتىنىمۇ تىرامپ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، دەپ قارىدى. بۇ ۋاقىتتىكى نەتىجىدە بايدىن 16 بېلەتكە، تىرامپ 13 بېلەتكە ئېرىشتى.


بېلەت نەتىجىسى ھېسابلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بېلەت تاشلاش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، 2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياشانغانلار، بايلار ئارىسىدا قوللاش دەرىجىسىنىڭ ئازراق ئۆرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. تىرامپ قاراتەنلىكلەر، لاتىن پۇشتىدىن بولغانلار، بولۇپمۇ كۇبا پۇشتىدىن بولغانلار ئىچىدە زور دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشتى. بۇ بۈگۈن ئەتىگەن تىرامپ ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ تەتۈر ئېشىپ كېتىشىنىڭ تۇنجى ئالامىتى ئىدى.

بۇ چاغدا تىرامپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بىر سائەتكىچە ئۈندىمىدى. بەلكىم ئۇنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىشكە ئىشەنچىسى يوق بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئوكلاخوما، مىسسىسىپى، تېننىسىسى قاتارلىق ئىشتاتلارنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى چىقتى، بۇ ئىشتاتلاردا تىرامپنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولدى. ئىللىنوئىس، مارىلاند، ماسساچۇسېتس، كوننېكتىكۇت قاتارلىق ئىشتاتلاردا بايدېننى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولدى. بايدېن 85 بېلەتكە، تىرامپ 55 بېلەتكە ئېرىشتى. ئەمما، بۇ قېتىمقى سايلامدىكى ھالقىلىق ئىشتات فلورىدادىكى بېلەت ھېسابلاش نىسبىتى %83 كە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ نەتىجىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

تۇنجى سائەت ئىچىدە فلورىدادىكى بېلەت ھېسابلىشى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئىككىيلەن نەچچە قېتىم %0.1 بېلەت بىلەن ئۆزئارا يۇقىرى-تۆۋەنلىك ئالماشتى. تىرامپ بۇ چاغدا چوقۇم تەرلەپ كەتتى: «ئەگەر فلورىدادا قوللاشقا ئېرىشەلمىسەك ھەممە ئىش تۈگەيدۇ.»

11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:20 دە تېكساس ئىشتاتىمۇ بېلەت ھېسابلاشقا باشلىدى. تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتى بايدېننى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، بېلەت ھېسابلاش نىسبىتى %32 بولدى، بايدېن %54 لىك نەتىجە بىلەن ترامپنىڭ %44.7 نەتىجىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تېكساس ئىشتاتى تىرامپ مەستانىلىرىنىڭ چوڭ لاگىرى، ئەگەر بايدېن تېكساس ئىشتاتىدا يۇقىرى قوللاشنى قولغا كەلتۈرسە، تىرامپ فىلورىدادا غەلبە قىلغان تەقدىردىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بېلەت تاشلىغانلارنىڭ ھەممىسى شەھەر رايونىدىكى كىشىلەر بولۇپ، كەڭ يېزىلاردىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى تېخى ھېسابلانمىغانىدى، كېيىن بېلەت ھېسابلاشنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تىرامىپ قايتىدىن تېكساس ئىشتاتىدىكى ئاساسىي مەيدان ئەۋزەللىكىنى تىكلىدى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:40 قا كەلگەندە، فلورىدا ئىشتاتىدىكى بېلەت ھېسابلاش نىسبىتى %91 كە يەتتى، كۆپ ساندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تىرامپنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا زور قوللاشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا باشلىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تىرامپنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەب ئاز سانلىقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ تىرامپنى قوللاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، لاتىن پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ قوللاش نىسبىتى 2016-يىلىدىكى %40 تىن %50 كە ئۆرلىگەن، غەيرىي ئاق تەنلىكلەر توپىنىڭ قوللاش نىسبىتى % 20 تىن %30 كە ئۆرلىگەن، پەقەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئاياللارنىلا قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا يەنە بىر قېتىملىق يېڭى نەتىجە كەلدى. تىرامپ نېبراسكا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي داكوتا ھەمدە لۇئىسئاننا ئىشتاتلىرىدا قوللاشنى قولغا كەلتۈردى. بايدېن نيۇيورك ۋە يېڭى مېكسىكا ئىشتاتلىرىدا قوللاشنى قولغا كەلتۈردى. بايدېن ۋاقتىنچە 119:94 نەتىجە بىلەن تىرامپنىڭ ئالدىدا تۇردى.

فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى يەنىلا چىقمىدى، لېكىن ئەينى چاغدا ئۇ يەردە بېلەتنىڭ %92 ئى ھېسابلانغان بولۇپ، تىرامپ ئۈچ نۇقتىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. بۇ ۋاقىتتا، بايدېن ئەترىتى باشقىچە ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى تۆت يىل ئىلگىرى تىرامپ بۇ يەردە ھىلارىنى مەغلۇب قىلغان چاغدا ئاران %1.2 قوللاشقا ئېرىشكەن. چوڭ سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇن، بارلىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايدېننىڭ فىلورىدادىكى ئەۋزەللىكى نامايان بولغان. ئەمما ھازىر تىرامپنىڭ بۇ يەردىكى ئەۋزەللىكى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى ئىدى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 دا فلورىدادىكى تىركىشىش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئارقىدىنلا شىمالىي كارولىنا ۋە جورجىيە ئىشتاتى ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشتاتقا ئايلاندى. تۆت يىل ئىلگىرى تىرامپ بۇ ئىككى ئىشتاتتا زور قوللاشقا ئېرىشكەن، ئەمما تىرامپ بۇ قېتىم قوللاشقا ئېرىشەلمىسە ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى.

ئەينى چاغدا شىمالىي كارولىنانىڭ بېلەت ھېسابلاش نىسبىتى %80 بولۇپ، بايدېن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. جورجىيە ئىشتاتىتىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نىسبىتى %38 بولۇپ تىرامپنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. لېكىن تىرامپنىڭ جورجىيەدە زور قوللاشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، زور مىقداردىكى بايدېننى قوللاپ پوچتىدىن ئەۋەتكەن سايلام بېلىتى ھېسابلانمىغان. ھازىرغىچە بېلەت ھېسابلاپ بولغان ھەرقايسى ئىشىتاتلارنىڭ ئەھالى 2016-يىلىدىكى ئەھۋال بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دە بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئويى ئاساسەن يوققا چىقتى. شىمالىي كارولىنا، جورجىيە ۋە فىلورىدا قاتارلىق ئىشتاتلاردا تىرامپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

بايدېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېز غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس، تاللاش جېڭىنىڭ ئاچقۇچى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەش چوڭ كۆل رايونىدىكى ئىشتاتلار: «ۋىسكونسىن، مىچىگان، ئوخىئو ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى» دا قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بايدېن باشلىنىشىدىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تىرامپ تەرەپدارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، شىمالدىكى ئۆزىنىڭ چوڭ لاگېرىغا چېكىندى.

ئەتىگەن سائەت 11 يېرىمدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ توردا دو تىكىشىش شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن بايدېننىڭ غەلبە قىلىش نىسبىتى %60 تىن يۇقىرى بولۇپ، تىرامپنىڭ پەقەت %30 ئەتراپىدا بولغان. بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن تىرامپقا دو تىكىدىغانلار كۆپەيدى، ھازىر تىرامپنىڭ غەلبە قىلىش نىسبىتى ٪70 تىن ئاشتى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 دە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەرقايسى ئىشتاتلار بېلەت ھېسابلاشقا باشلىدى.

ۋاشىنگتون، ئورېگون، كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بايدېن قوللاشنى قولغا كەلتۈردى. تىرامىپ ئىداخو ئىشتاتىدا قوللاشنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ ۋاقىتتىكى بېلەت ئەھۋالىدا بايدىننىڭ ئومۇمىي بېلىتى 205 گە، تىرامپنىڭ 112 گە يەتتى.

ئەينى چاغدىكى تاللاش ۋە 2016-يىلىدىكى ئەھۋال ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تىرامپ جەنۇبتىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى. تاللاش ئۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى شىمالغا يۆتكىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەش چوڭ كۆل رايونىدىكى «ۋىسكونسىن، مىچىگان، ئوخىئو ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى» ۋە ئارىزونا ئىشتاتى مۇھىم ئىشتاتلار بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، داغدۇغا پەيدا قىلماقتا.

چوڭ سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇنقى نۇرغۇن ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە بايدېننىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى ھەتتا %90كە يەتكەن، ئەمما ھازىر تىرامپ يەنە بىر ھالقىلىق ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر ئاخىرى ئىككىسىنىڭ يېڭىش نىسبىتى بەشتە-بەشكە يەتتى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، تەۋرىنىشتىن خالىي ئىشتاتلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك نەتىجە چىقتى، بايدېىننىڭ بېلىتى 223 كە، تىرامپنىڭ 212 گە يەتتى. گەرچە بايدېن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى قەدەمدە بېلەت نەتىجىسى چىقمىغان ھەر قايسى تەۋرەنمە ئىشتاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تىرامپقا مايىل بولدى.

.

بايدېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۈنۈگۈن كەچتىكى بىردىنبىر خۇش خەۋەر ئارىزونا ئىشتاتىدا قىممەتلىك 11 تال سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش بولدى. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بايدېننىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدا قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلىتىدە بايدېن 236 بېلەت، تىرامىپ 213 بېلەت بولدى.

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 غىچە بايدېننىڭ ئومۇمىي بېلەت سانى 264 كە يەتتى، تىرامپ ئېرىشكەن ئومۇمىي بېلەت سانى 214 كە يەتتى.

2020-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىقىشتا نۆۋەتتە يەنىلا بەش ئىشتات ئاخىرقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىدى، ئۇلار: پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى (20 بېلەت) ، جورجىيە ئىشتاتى (16 بېلەت) ، شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى (15 بېلەت) ، نېۋادا ئىشتاتى (6 بېلەت) ، ئالياسكا ئىشتاتى (3 بېلەت) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 270 بېلەتكە باشتا ئېرىشكەن نامزات 2021-يىلى 1-ئايدا ئاق سارايغا كىرىدۇ.

سايلام ھەققىدە بولۇنغان گەپ-سۆز پاراڭلار:

بۇ يىلقى چوڭ سايلامنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن جىددىي بولدى، بىر توپ ئامېرىكىلىق تورداشلار توردا تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.


فىلورىدا ئىشىتاتى يېڭىش-يېڭىلىشتىكى مۇھىم ئىشتات بولغاچقا، بۇ نۆۋەتلىك چوڭ سايلامنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. بېلەت نەتىجىسىنى ھېسابلاشقا ئاز قالغاندا، پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلار فلورىداغا مىختەك قادالدى. بولۇپمۇ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەر خىل بەخت تىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

بىراق خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىلورىدادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر بېلەتنى تىرامپقا تاشلىغان، تورداشلار ھەر خىل نالە قىلىشقا باشلىغان ھەمدە توردا ھەرخىل ھەجۋى سۈرەتلەرنى يوللاشقان.

ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، فىلورىدا ئىشتاتىدا تەبىئىي ئاپەت ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندە، دائىم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پۇل ياكى ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ. تورداشلار بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېيىشتى:

-ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغىنى خوپ بوپتۇ.

-تەبئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۇ يەردىكلەر تىرامپقا ئوخشاش زۇڭتۇڭنى تاللاپ چىقىپ ئۆزىگە ئۆزى قىلدى.

-بۇنىڭدىن كېيىن فلورىداغا پۇل ئىئانە قىلماسلىقنى قارار قىلدىم.

فىلورىدا ئىشتاتىدىكلەر ئاپەت يۈز بەرگەندە بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنى ھېس قىلىپ باقمىغان، فىلورىدا ئىشتاتىدىكىلەر: « فىلورىدا ئىشتاتىدا تۇرىدىغان ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىر ئوڭايسىزلىنىپ قىلىۋاتىمەن.»

-فلورىدانى پارتلىتالايدىغان قارا (كۈچلۈك) پەن-تېخنىكىنى قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىمىز.

فىلورىدا ئشتاتى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرغانلاردىن يەنە تېكساس ئىشتاتىمۇ بار، تېكساس ئىشىتاتىمۇ مۇھىم ئىشتات، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قوللىمىسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئۆز جايىدا تارقىلىپ كېتىشنى ئويلىشىشى كېرەك.

بىراق، بۇ يىلقى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايدېننىڭ تېكساس ئشتاتىدا ئازراق غەلىبە قىلغانلىقى مەلۇم بولدى، بۇ بايدېننىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قاتتىق خوشال قىلىپ، تېكساس ئىشتاتىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

بۇنىڭغا تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قورسىقى كۆپتى: «مەن تېخى نوقۇل ھالدا بۇ يىل تېكساس ئىشىتاتىنى كۆك رەڭ (تىرامپنى قوللاش) گە كىرىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، مەن نېمانچە ئەخمەق.»

-ھەر قېتىم سايلام بولغاندا، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، دۇكاكىس (دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، كېيىنكى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى) تېخى شۇ يەردە سايلامغا قاتناشقان ھەمدە مەغلۇپ بولغان.

-مەن تېخى تېكساس ئىشتاتىدىكلەرنى پۈتۈنلەي تىرامپنى قوللايدۇ دەپتىمەن. ئازاب!

باشقا ئىشتاتتىكلەر: «فىلورىدا ئشتاتى بىلەن تېكساس ئىشتاتىدىكلەر بىزگە نىسبەتەن قىممىتىڭلار بەك تۆۋەن، سىلەر بىز ئۈچۈن بەرىبىر.»

مېلانىيانىمۇ چىشلەپ تارتىشتى، تورداشلار: «سىز فىلورىدا ئشتاتى بىلەن تېكساس ئىشتاتىدىكلەر سەۋەبلىك يەنە تۆت يىلدىن كېيىن ئاجرىشالايدىغان بولدىڭىز!»

بىر كۈن كەچكىچە تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەسلىدە تىرامپنىڭ كۈلكىلىك ھالىتىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولدى، لېكىن نەتىجىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەرىتە بارغانسېرى قىزىرىپ، تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى ئاشتى، تورداشلار فىلورىدا ئشتاتى بىلەن تېكساس ئىشتاتىدىكلەرنى تىللاشنى ئۆزگەرتتى.

-تېكساس ئىشتاتى، ئوخىئو، فىلورىدا ئىشتاتى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ.


-مەن ھازىر بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن، مەن ئۇلارنىڭ سايلام بېلىتىنىڭ بۇنداق يېقىنلىشىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، مەن ئۆلۈپ كېتىمەن! سىزگە 12 دوللار بېرەي، مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇۋېتىڭ!

-رېئال دۇنيادىمۇ خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ئاقساراي ئەتراپىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئاللىبۇرۇن كوچىلاردا نامايىش قىلىشقا باشلىدى، يەنە بەزىلەر ساليوتقا ئوت ياقتى.

ئۇلار ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن پوجاڭزا ئاتىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يەنە بەزىلەرنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋاشىنگتوندا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى.

قارىغاندا ھەپتە ئاخىرىدا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى چوڭ شەھەرلەردىكى دۇكانلارنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىگە تاختاي مىخلاش ھەقىقەتەن توغرا تاللاش ئىكەن.

-ئەلۋەتتە، تالادا نامايىش قىلىۋاتقان بۇ تورداشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەممىسى پەقەت ئويۇن خالاس!

-دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىلەر: «كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان كاللىسىدىكى كېسەل تېخى ساقايمىدىمۇ قانداق؟»

-دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ھازىرقى ئامېرىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

-بىزنىڭ بۇ ئويۇننىڭ نەتىجىسىنى بەكمۇ كۆرگۈمىز بار ئىدى، بىراق بەك ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى، بىراق بىز يەنىلا دېمەكچى

بوۋاي سايلامدا غەلبە قىلدى (74 ياشلىق بوۋاي ئەمەس، 77 ياشلىق بوۋاي، بەلكىم ئۇلار ھازىرمۇ ئۇخلاۋاتقاندۇ! )

كۆپچىلىك خۇددى مۇشۇ رەسىمدىكىدەك، ئامېرىكىلىق تورداشلارنىڭ نالە-پەرياد قىلىشلىرىنى كۆرۈپ، ئاغزىدا«ۋوجووون ئۇلار نېمىدېگەن بىچارە» دېگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆڭلى يايراپ كەتتى. ئويۇن كۆرگەندە كىم خۇشال بولمايدۇ؟

ھازىر مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتتە تۇرىۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، سايلام ئۇرۇشىنى قانچە ئۇزاق داۋاملاشتۇرسا، شۇنچە خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. نەچچە ئاي ئىلگىرى تىرامپ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان، ئۇ: «دېموكراتلار پارتىيىسى نۇرغۇن ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، سايلام نەتىجىسىگە قانۇنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغان.


دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى يۇقۇم ئەھۋالىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا پوچتا ئارقىلىق سايلام بېلىتى ئەۋەتىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ھالبۇكى، تىرامپ يېقىندا پوچتا ئارقىلىق يوللانغان سايلام بېلىتىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە ئۈزۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، پوچتا ئارقىلىق يوللانغان سايلام بېلىتىنىڭ ساختىلىقى كۆپ دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ يەنە ئامېرىكا پوچتا ئىدارىسىگە پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى رەت قىلغاچقا، پوچتا ئىدارىسى زور مىقداردىكى سايلام بېلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دۇچ كەلگەندە ئادەم يېتىشمەيتتى...

نۇرغۇن شەھەرلەردىكى دۇكانلار تاقىلىپ كەتتى، ئەسكەرلەر كوچىلارغا چىقىپ چارلىدى.

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 غىچە بايدېننىڭ ئومۇمىي بېلەت سانى 264 كە يەتتى، تىرامپ ئېرىشكەن ئومۇمىي بېلەت سانى 214 كە يەتتى.


分享到: