|
ئەگەر تىرامپ ھوقۇقنى تىنچ تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا بايدېن قانداق قىلىدۇ؟發表時間:2020-11-05 16:40來源:qq.com يەنە بەش ئىشتاتتىكى سايلام بېلىتىنىڭ نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن، بايدېن سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلىتىدە 264 ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ 214 بېلىتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ، ئەۋزەللىكى روشەن گەۋدىلەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ئالتە بېلەتكە ئېرىشسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاق سارايغا كىرىشكە كېرەكلىك بولغان 270 سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلىتىگە ئىگە بولالايدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى. ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر كۆپ قېتىم مۇنازىرە قىلغان تىرامپ ئەگەر ھوقۇقنى تىنچ تاپشۇرمىسا قانداق قىلىش كېرەك، دېگەن تېما نۆۋەتتىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى ئەڭ رېئال مەسىلە بولۇپ قالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ تاراتقۇلارنىڭ 4-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ سايلام كۈنى كەچتە كۆپلىگەن تەۋرەنمە ئىشتاتلار تېخى بېلەت ھېسابلاشنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆز ئالدىغا ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئېشىپ قالغان سايلام بېلىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانغان. بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئەگەر بايدىن ئازراقلا غەلىبە قىلسا، ترامپ سايلام جەريانىدا مەسىلە مەۋجۇت دېگەن نام بىلەن سايلام نەتىجىسىنى فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇشى مۇمكىن، سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھوقۇقنى تىنچ تاپشۇرۇشنى خالامدۇ-يوق، يەنىلا ئۆزگىرىش مەۋجۇت، دېدى. گەرچە بايدېننىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پەقەت ئالتە بېلەتلا كەم بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىللىق چوڭ سايلامغا قارىتا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى نورمال ئەھۋالدىن باشقا ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دېموكراتلار پارتىيەسىىمۇ بۇ يىلقى سايلام ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچىنىڭمۇ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولالىشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭدىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدىن كېيىن كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان رەھىمسىز تالاش تارتىشنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىراق، بۇمۇ نورمال ئىش. ئامېرىكا سايلام ئورگىنى پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز بېرىش تەدبىرىنى ماقۇللىغاندىلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بۇ چوڭ سايلامغا نىسبەتەن بىر قىلتاق، سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتكەندە ئاسانلا ساختىلىق قىلغىلى بولىدۇ، بەزىدە ئۆلۈك ئادەمنىڭمۇ بېلەت تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز، دېگەن ئىدى. شۇ چاغدا بەزى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئەگەر سايلامدا مەغلۇپ بولسا، بۇنى باھانە قىلىپ سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، شۇنىڭ بىلەن كېسىم قىلىش ھوقۇقىنى فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى. بۇ يىل 8-ئايدا بايدىندىن ئەگەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ سايلامدا مەغلۇپ بولسىمۇ، ھوقۇقنى تىنچ تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ قوللىغۇچىلىرىغا ئىنتايىن ئىشەنچكە تولغان ھالدا ۋاقتى كەلگەندە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇنى ئاق سارايدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، دېگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكى مىل ئامېرىكا سايلىمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ھېچقانداق خاھىشتا بولمايدۇ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋاقتى كەلگەندە ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بەرمىسىمۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئارىلاشمايدۇ، دېدى. |
|