|
بايدېن: دېمەكچى بولغىنىم بېلەت ھېسابلاش ئاخىرلاشقاندا، بىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچى بولىمىز發表時間:2020-11-05 16:41來源:تېڭشۈن تورى
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدېن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بۇ قېتىمقى چوڭ سايلامغا قاتناشقان ئامېرىكا خەلقى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ، 150 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى. بۇ يەردە خەلق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، خەلىقنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. دەل ئۇلارنىڭ ئىرادىسى كىمنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىر ئۇزاق بىر كېچە بېلەت ھېسابلاش ئارقىلىق، ناھايىتى ئېنىقكى، بىز كۆپلىگەن ئىشتاتلاردا قوللاشقا ئېرىشىپ سايلامدا غەلىبە قىلىشقا كېرەكلىك 270 سايلام بېلىتىگە ئېرىششكە ئاز قالدۇق. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم بىزنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىش ئەمەس، دېمەكچى بولغىنىم بېلەت ھېسابلاش ئاخىرلاشقاندا، بىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچى بولىمىز.» بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا فوكس ئاخباراتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بايدېن نۆۋەتتە 264 سايلام بېلىتىگە، تىرامپ 214 بېلەتكە ئېرىشكەن. (بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 غىچە). ئامېرىكا تاراتقۇسى: بايدېن ۋىسكونسىن ئىشتاتى ۋە مىچىگان ئىشتاتىدىن ئىبارەت ئىككى «ھالقىلىق تەۋرەنمە ئىشتات» تا ئارقا-ئارقىدىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ 264 بېلەتكە ئېرىشتى. ئامېرىكا فوكس ئاخبارات ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېن ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا قوللاشقا ئېرىشىپ، بۇ ئىشتاتنىڭ 10 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە مىچىگان ئىشتاتىدا قوللاشقا ئېرىشىپ، بۇ ئىشتاتنىڭ 16 سايلام بېلىتىگە، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي 264 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن. سايلىغۇچىلار بېلىتىنىڭ ئومۇمىي سانى 538 بولۇپ، 270 بېلەتكە ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ نامزاتى ئاق سارايغا كىرەلەيدۇ. ھازىرغا قەدەر تىرامپ 214 سايلام بېلىتىگە ئېرىشتى. بېلەت ھېسابلاش تېخى ئاخىرلاشمىغان نېۋادا ئىشتاتىدا (ئالتە سايلام بېلىتى) بايدېن تىرامپنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى (20 سايلام بېلىتى) نىڭ نۆۋەتتىكى بېلەت ھېسابلاش نىسبىتى %86 بولغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، تىرامپ بۇ ئىشتاتتا بايدېننىڭ ئالدىدا تۇرغان. (بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 غىچە). تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى مىچىگان ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى، ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا دەۋا قىلىپ قايتا بېلەت ھېسابلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا ئەرز سۇنۇپ، بۇ ئىشتاتنىڭ بېلەت ھېسابلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بۇ سايلام ئۆمىكى يەنە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئۇلار پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش كۈزەتكۈچىسى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى توغرىسىدا ئەرز سۇنۇۋېتىپتۇ. تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاستىن كلارك (Justin Clark) باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا ناچار ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. دېموكراتلار پارتىيىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلام بېلىتىنى تارتىۋېلىشنى مەخپىي پىلانلاۋاتىدۇ. زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى بۇ خىل ئەھۋالنى تىرىشىپ توسۇۋاتىدۇ.» بۇنىڭغا قارىتا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى جوش شاپىرو (Josh Shapiro) مۇنداق دېدى: «بۇ بەلكىم قانۇن ھۆججىتى بولماستىن، تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ھۆججەت بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشتاتتا ھەرقانداق ئىشنىڭ بېلەت ھېسابلاش جەريانىغا كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.» شۇ كۈنى سەل بۇرۇن، ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى (NBC) ۋىسكونسىن ئىشتاتى سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىگېن ۋولفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بايدېن ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا غەلبە قىلدى» دېگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپنىڭ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكلەردىن قايتا بېلەت ھېسابلاشنى تەلەپ قىلغان. تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىنىڭ دىرېكتورى بىل ستىپېن (Bill Stepien) بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى بىر قانچە رايوندا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلدى، بۇ كىشىلەرنىڭ نەتىجىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا قارىتا قاتتىق گۇمانىنى پەيدا قىلدى. زۇڭتۇڭ قايتىدىن بېلەت ھېسابلاشنى تەلەپ قىلدى، بىز دەرھال مۇشۇنداق قىلىمىز.» بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىل ستىپېننىڭ بۈگۈن ئەتىگەن بىر تېلېفوندا سايلام رىقابىتى ۋاكالەتچىسىگە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى دەسلەپكى قەدەمدە ۋىسكونسىن ئىشتاتى ۋە مىچىگان ئىشتاتى قاتارلىق ئىشتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئىشتاتلارنىڭ قايتا بېلەت ھېسابلىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ توردا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا غەلىبە قىلدۇق، لېكىن بۇ ئىشتات ئەمەلدارى «يەنە نەچچە مىليون سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا» توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى كاتىي بۇكۋار (Kathy Boockvar) پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ مەركىزى خارىسبۇرگتا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى يەنىلا پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ ئىشتاتنىڭ يېرىمغا يېقىن پوچتا بېلىتى ھېسابلىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نەچچە مىليون سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.» |
|