新聞詳情

بايدېن: ئېنىقكى مەن كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولىمەن!

發表時間:2020-11-06 19:09作者:alkuyi.com來源:qq.com

نۆۋەتتە تىرامپنىڭ ھالقىلىق ئىشىتاتلاردىكى ئۈستۈنلۈكى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى، بايدېن يەنە ئالتە بېلەتكە ئېرىشسىلا غەلىبە قىلالايدۇ. تىرامپ بىر نەچچە تەۋرەنمە ئىشتاتتىكلەردىن بېلەت تاشلاشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى، ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى كۆپلىگەن ئىشتاتلاردا قانۇن دەۋاسى قىلدى.

بايدېن بولسا ئۆزىنىڭ ئېنىقلا ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھازىر ئۇ ئاقسارايغا كىرىشكە كېرەكلىك 270 سايلام بېلىتىگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

بايدېننىڭ ئىشەنچى ئاشقان پەيتتە، دونالد تىرامپنىڭ پېنسىلۋانىيە ۋە جورجىيە ئىشتاتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھالقىلىق ئىشتاتتىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىمەكتە. نۆۋەتتە سايلام بېلىتىنى ئېنىقلاش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە سايلام بېلىتىنى ساناپ بولالمىغان ئىشتاتلارنىڭ كۆپىنچىسى دېموكراتلار پارتىيەسىنى قوللايدىكەن.

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى تەخمىنەن %95 سايلام بېلىتىنى ساناپ بولغان بولۇپ، تىرامپ 78 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ جورجىيە ئىشتاتىدىكى ئۈستۈنلۈكى تۆۋەنلىگەن. بۇ ئىككى تەۋرەنمە ئىشتاتتىكى ساناپ بولالمىغان سايلام بېلىتىنى ئاساسلىقى دېموكراتلار پارتىيەسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن رايونلاردىكلەر پوچتىدىن ئەۋەتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ سايلام بېلىتىنىڭ بايدېنغا پايدىلىق بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

بايدېن پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېنىقكى بېلەت ھېسابلاش ئاخىرلاشقاندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كامالا خاررېس (Kamala Harris) بىلەن مەن غەلىبە قىلغۇچى دەپ جاكارلىنىمىز. مەن ھەممەيلەننىڭ سوغۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. سايلام بېلىتىنى ئېنىقلاش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. دېموكراتىيە بەزىدە قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا بەزىدە يەنە ئازراق سەۋرچان بولۇش كېرەك. 240 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل سەۋرچانلىق جاۋابقا ئېرىشتى.»

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى كەتىي بۇكۋار (Kathy Boockvar) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مۇتلەق كۆپ ساندىكى پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سايلام بېلىتىنى جۈمە كۈنىدىن بۇرۇن ساناپ بولىمىز، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ بېلەت سانىنىڭ يېقىنلىشىشىنى ئويلاشقاندا يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن غەلىبە قىلغۇچى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. چوڭ سايلام كۈنىدە تاشلانغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى سايلام بېلىتى تىرامپقا پايدىلىق بولدى، ساناپ بولدۇق.»

بۇ ئىشتاتنىڭ سايلام نەتىجىسى تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، يەنە تەخمىنەن 326 مىڭ پارچە پوچتا سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

چارشەنبە كۈنى بايدىن مىچىگان ۋە ۋىسكونسىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى سانائەت ئىشتاتىدا غەلىبە قىلىپ بېلەت سانى 264 كە يەتتى. 20 سايلام بېلىتىگە ئىگە بولغان پېنسىلۋانىيە ئىشىتاتى بايدېننى قوللىدى. لېكىن تىرامپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا غەلىبە قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ سايلىغۇچىلارنىڭ بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ.

بايدېن سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بايدېن نېۋادا ئىشتاتىدا غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشىنىدۇ. %87 سايلام بېلىتىنى ساناپ بولغان ئەھۋالدا بايدېن بۇ ئىشتاتتا 12 مىڭ بېلەتكە يەتمەيدىغان ئاجىز ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. ئەگەر بايدېن ئارىزونا ئىشتاتىدا غەلىبە قىلىپ، نېۋادا ئىشتاتىدا ئالتە بېلەتكە ئېرىشكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا غەلىبە قىلىپ 46-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان بولاتتى.»

ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئۇدا ئىككى كۈن ئۆرلىدى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنى تەڭشەپ، بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردى، لېكىن بايدېن تۇرۇشلۇق دېموكراتلار پارتىيىسى كېڭەش پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى.


分享到: