新聞詳情

ماسېراتى ھەيدەپ ئۆلۈم ۋەقەسى چىقارغۇچى مۇددەتسىز كېسىلدى

發表時間:2020-11-06 23:18作者:ئەلكۈيى تورى來源:بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى

بۇلتۇر خېنەندە يۈز بەرگەن «ماسېراتى ھەيدىگەن ئايال شوپۇرنىڭ BMW شوپۇرىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى» دېلوسىغا بۈگۈن رەسمىي ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ۋەقەگە چېتىشلىق ئايال شوپۇر جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلدى!

سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 19لار ئەتراپىدا، جاۋابكار تەن مىڭمىڭ، ليۇ سوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈ قاتارلىقلار خېنەن ئۆلكىسى يوڭچېڭ شەھىرى دوڭچېڭ رايونىدىكى بىر كاۋاپخانىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، تەن مىڭمىڭ 豫NE5S55S55 نومۇرلۇق ماسېراتى(玛莎拉蒂)سنى ھەيدەپ، ليۇ سوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان. بۇ ئارىلىقتا ئۇ يوڭچېڭ شەھىرى دوڭچېڭ رايونى توبىن يولى، مەدەنىيەت يولى قاتارلىق نۇرغۇن شەھەر يول بۆلەكلىرىنى بويلاپ ماڭغان. خۇايۈەن يولىغا كەلگەندە، ئارقا-ئارقىدىن يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان ئالتە ئاپتوموبىلغا سۈركىلىپ توختىغاندىن كېيىن، يەنە ئارقا تەرەپتىن كەلگەن بىر پىكاپ ۋە يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان بىر پىكاپ بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئاپتوموبىلنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. كۆپ ماشىنىنى سوقۇۋەتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئامما ئالدىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىپ توسقان. شۇ ئارىدا، ئارقا رەتتە ئولتۇرغان ليۇ سوڭتاۋ ۋە جاڭ شياۋچۈ جاۋابكار تەن مىڭمىڭنى دەرھال كەتكۈزۈۋەتكەن. تەن مىڭمىڭ دەرھال ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ زورلۇق بىلەن بۆسۈپ چىقىپ، خۇايۈەن يولى، جىجى يولىنى بويلاپ شەرقىي تاشقى ئايلانما يولى يۆنىلىشىگە قاراپ قېچىپ، شەرقىي تاشقى ئايلانما يولى ۋە يوڭشىڭ كوچىسى كېسىشىش ئېغىزىغا كەلگەندە، يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈش سىگنالىنى ساقلاۋاتقان 豫N0182L نومۇرلۇق BMW ماركىلىق پىكاپنى سوقۇۋەتكەن. BMW ماركىلىق پىكاپقا ئوت كېتىپ، ئاپتوموبىلدىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقىلارنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان.

ئۈچ جاۋابكارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك ئۇسۇلدا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قارالغان.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يوڭچېڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە جاۋابكار تەن مىڭمىڭ، ليۇ سوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈ قاتارلىق جىنايەتكارلارنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار تەن مىڭمىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ جاۋابكار ليۇ سوڭتاۋ ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلدى؛ جاۋابكار جاڭ شياۋچۈ ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلدى.

ساقچى تەرەپ جاۋابكار تەن مىڭمىڭ، ليۇسوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققان؛ ۋەقە سادىر قىلغۇچى ماسېراتىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى تەخمىنەن 120 كىلومېتىرغا يەتكەن؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گې xx، جيا xx ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىپ قازا قىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ xx ئېغىر دەرىجىدە بىرىنچى دەرىجىلىك يارىلانغان؛ چېن xx ئىككىنچى دەرىجىدە ئېغىر يارىلانغان، ليۇ سوڭتاۋ ئىككىنچى دەرىجىدە ئېغىر يارىلانغان، جاڭ شياۋچۈ بىرىنچى دەرىجدە يېنىك يارىلانغان. بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئۈچ جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ بىلەن ئايرىم-ئايرىم يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

بۇ دېلو توغرىسىدا شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى: «جاۋابكار تەن مىڭمىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئەمما قاتناش قانۇن – نىزاملىرى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىگە سەل قاراپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەسىھەتكە پەرۋا قىلماي، داۋاملىق ماشىنا ھەيدەپ سوقۇپ قېچىپ كەتكەن. شەھەر ئىچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەت ۋە مال- مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋابكار داۋاملىق يۈز بەرگەن زىيانلىق ئاقىۋىتىگە قارىتا قىلچە بىئارام بولماي، ئىزچىل ھالدا ماشىنا ھەيدەپ قەستەن ئاۋامنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن. جاۋابكار ليۇ سوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈ ۋە تەن مىڭمىڭ بىرلىكتە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، تەن مىڭمىڭنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمەسلىكىگە نەسىھەت قىلمىغان، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يەنە تەن مىڭمىڭنى ماشىنا ھەيدەپ قېچىپ كېتىشكە كۈشكۈرتكەن، ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىغان.

ئۈچ جاۋابكارنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ئاۋامنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى. ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشى كۈچكە ئىگە بولدى. ئۈچ جاۋابكار بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەن مىڭمىڭ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولۇپ، جىنايى قىلمىشنى بىۋاستە سادىر قىلغۇچى ھەم باش جىنايەتچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنايى قىلمىشى تولىمۇ قەبىھ، قانۇن بويىچە جازالىنىشى كېرەك؛ ليۇ سوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈ بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە قوشۇمچە رول ئويناپ ئەگەشكۈچى جىنايەتچى بولۇپ، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلگەن. جاۋابكارنىڭ دېلو يۈز بەرگەندە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۇبيېكتىپ جەھەتتە مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ ھەم ئاكتىپ قوغلاشمايدۇ، بۇ ۋاسىتىلىك قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ رەزىللىكى، جىسمانىي خەۋپى بىلەن قەستەن ماشىنا ھەيدەپ سوقۇۋېتىش ۋە ئاۋامنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەستەن زىيان يەتكۈزۈپ، قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ئوخشىمايدۇ.

تەن مىڭمىڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى ئاكتىپ تۆلەپ بەرگەن. كېيىن ئۆز جىنايىتىگە پۇشايمان قىلسا، قانۇن بويىچە ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ؛ جاۋابكار ليۇ سوڭتاۋ، جاڭ شياۋچۈنىڭ جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى ئاكتىپ تۆلەپ بەرگەن، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلسا قانۇن بويىچە جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا تەتبىقلانسا بولىدۇ»، دەپ ھۆكۈم چىقاردى .

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 50 نەچچە كىشى ھۆكۈمنى سىرتتىن ئاڭلىدى.


分享到: