新聞詳情

تىرامپقا قارشى تۇرىدىغانلار زادى نىمىگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ؟

發表時間:2020-11-07 00:12作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى

تۆت يىل ئىلگىرى تىرامپ سايلىغۇچىلىرىدىن: «سىزنىڭ قولدىن بېرىپ قويىدىغان نېمىڭىز بار؟» دەپ سورىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاقساراينىڭ مۇھىملىقى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قارىتا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئامېرىكىلىقلار ماسكا ۋە پەلەيلىرىنى كىيىپ، سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇشتى.

بۇ ئەگرى-بۈگرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بېلەت تاشلاش قوشۇنىنى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» «دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيى» دەپ سۈپەتلىدى، تاراتقۇلار: تىرامپقا قارشى تۇرۇش كىشىلەرنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، دېدى.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بىلەن سىئېنا شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك مەملىكەت بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدە، ئوخشىمىغان سىياسىي ئېقىمدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىدىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

بۇ خىل كەيپىيات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سايلىغۇچىلار ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر بولغىنى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولغان سوتسىيالىزم ھەمدە ساقچىلار ۋە تارىخىي شەخسلەرگە قارىتىلغان ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىدا كۆرۈلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. دېموكراتلار پارتىيەسى بولسا ئاقساراينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دېموكراتىيىنىڭ تەھدىتىدىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تىرامپ ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك قائىدە ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

2020-يىللىق ئامېرىكا چوڭ سايلىمىغا 100 كۈن قالغان پەيتتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ «لىكىند ھەرىكىتى»نى قوزغاپ، فېدېراتسىيە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنى چىكاگو قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە زوراۋانلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتتى، ھەمدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 61 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئاجرىتىپ، نەچچە يۈز يېڭى ساقچى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

6-ئايدا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ كانساس شەھىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تۆت ياشلىق ئوغۇل بالا ليكىند تالىيافېررو (Lykind Taliaferro)نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى تىرامپنىڭ سايلام تاكتىكىسىدىكى «قانۇن ۋە تەرتىپ»نىڭ باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى تاللاش جېڭىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىدا، 1968-يىلى نىكسون زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقاندا قوللانغان بۇ ئاساسىي تېما داۋاملىق يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.

بۇ يىل 6-ئايدا جورج فرېئۇد (George Freud) ئۆلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش پائالىيىتىدە، تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا «قانۇن ۋە تەرتىپ» شوئارىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويدى. گەرچە ئاقساراينىڭ مەسلىھەتچىسى مېدوس كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ «زۇڭتۇڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەرەپتە تۇرىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېن بىلەن بولغان مۇنازىرىدە، تىرامپ يەنىلا ياردەمچىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بويسۇنماي، ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ ئورتاق سۆز «قانۇن ئىدارە قىلىش»تىن ۋاز كېچىشنى تاللاپ، «قانۇن ۋە تەرتىپ»نى يەنە قايتا-قايتا توۋلىدى.

ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيىتىدە «قانۇن رەھبەردىن مۇھىم» دەپ تەكىتلىنىدۇ، ئۇنىڭ يادرولۇق رولى ئادۋوكات ۋە سودىيە. «قانۇن ۋە تەرتىپ» بولسا قانۇننىڭ جەمئىيەت ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەمدە ساقچى ۋە زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ماسساچۇسېتس داشۆسى ئاموست مەكتىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى، خارۋارد داشۆسى كېننېدى ھۆكۈمەت شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىد مەدنىكوۋ (David Mednikov) «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قانۇن ۋە تەرتىپ» بەلكىم تىرامپنىڭ چۈشىنىشىدىكى قانۇن بولۇشى مۇمكىن، گەرچە بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ئۆزى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن تىرامپ « قانۇن تەرتىپى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىكى ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ بولغاندا، «قانۇن ئىدارە قىلىش»نىڭ نىسپىي چېگراسىنى قوغدايدىغان مۈجمەل قائىدە ۋە ئادەت ئارقا-ئارقىدىن بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر مەيدان تەرتىپسىزلىشىش كىرىزىسىگە پېتىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەدنىكوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 200 نەچچە يىل ئىلگىرى ئاساسىي قانۇن تۈزگەن ئامېرىكا پېشۋالىرى، مەمۇرىي تارماقلار (زۇڭتۇڭ) نىڭ يېتەرلىك ھوقۇقى يوق بولۇپ، يېڭى تۈزۈلمىدىكى قانۇن چىقىرىش تارماقلىرى (پارلامېنت) نىڭ زىيادە چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولۇشىدىن بەكرەك ئەنسىرەيتتى، شۇڭا ئاساسىي قانۇن تۈزگەندىلا مەمۇرىي ھوقۇقنى كېڭەيتىشكە ئاساس سېلىنغان.

يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان، بۇ بىر قىسىم يىراق «تارىخىي يوچۇق» تىرامپنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئاساسىي قانۇن ئالىمى، بالتىمور داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى گارېت ئېپس (Garrett Epps) نىڭ بايقىشقچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى مۇتەئەسسىپ ئادۋوكاتلار بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر لوگىكىنى بەرپا قىلغان: پېشۋالار تاكى پارلامېنتنىڭ ئارىلىشىشىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارغانغا قەدەر مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بارلىق ھوقۇقنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تىرامپ تەختكە چىققاندا زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنىڭ كېڭىيىشى ئۇنىڭغا ئېلاستىك بوشلۇق قالدۇردى. كولومبىيە داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى پېتېر سترائۇس (Peter Strauss) بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: نىكسون ھۆكۈمىتىدىن بۇيان، ئامېرىكا پۇقرالىرى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ«نىزامى» ۋە زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى قاتارلىق «قانۇن چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش» قائىدىلىرىنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، سانى پارلامېنتنىڭ قانۇن چىقىرىشىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. «تىرامپ دەۋرى» يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئاقساراي بىلەن پارلامېنتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلاندى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى-كات، كلىنتون ۋە ئوباما مەمۇرىي ھوقۇق ئىشلىتىش جەھەتتە كىچىك بۇش ياكى تىرامپقا قارىغاندا تېخىمۇ پرىنسىپچان ئىدى. ئېپس «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا مۇنداق دېدى: لېكىن ھەربىر زۇڭتۇڭ مەلۇم ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقايدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مەمۇرىي ھوقۇقنى كېڭەيتىش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.

تىرامپقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش»نى ئەڭ خالىمايدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئىكەن. 2020-يىلى 6-ئايدا ئافرىقىلار پۇشتىدىن بولغان جورج فرېئۇدنىڭ ئۆلۈمى ئۇدا نامايىش قوزغىدى، ئامېرىكىدىكى كۆپ ساندىكى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئەسكەر چىقىرىپ تاقابىل تۇرۇشنى رەت قىلدى، لېكىن تىرامپ مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا سېلىپ، ۋاشىنگتوندىكى نامايىشچىلار توپىغا تاقابىل تۇردى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسى ۋە بۇ قارارغا قارشى تۇرىدىغان ئارمىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدىن، كولومبىيە ئالاھىدە رايونى ھۆكۈمىتىگىچە، ھەممە ئادەم بۇنىڭغا ئامالسىز قالدى. چۈنكى ۋاشىنگتون خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئالىي قوماندانى ئالاھىدە رايوننىڭ مەسئۇلى ئەمەس، ھەربىي تەرەپمۇ ئەمەس، بەلكى زۇڭتۇڭ.

سابىق زۇڭتۇڭلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تىرامپ زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشتە تۈزۈم جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تاللىمىدى، ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فېدېراتسىيە تارماقلىرىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىش ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇقنى كېڭەيتىش يولىنى تاشلىۋەتتى، لېكىن ئۇ مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىزچىل تۈردە تېخنىكا بيۇروكراتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. لېكىن تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلاردىن كېلىپ چىققان كەسپىي بيۇروكراتلارنى ئۆستۈرمەستىن، بەلكى نېفىت ماگناتى تېللىرسون (Tillerson)، ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پومپېئو (Pompeo) قاتارلىق «مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر»نى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا تەيىنلىدى. تىرامپقا سادىق بولۇش بۇ بىيۇروكراتلارنىڭ كېتىش ۋە قېلىشىدىكى بىر تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بار (Barr) ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئاشكارا سۆز قىلىپ، تىرامپقا بولغان «ساداقەتمەنلىكى»نى نامايەن قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قانۇن ھەرگىزمۇ بىر يۈرۈش بىتەرەپ قائىدە ئەمەس. ئۇنىڭ نۇتقى كىشىگە جەمئىيەت ئاللىقاچان ئەخلاقسىز بولۇپ كەتتى، چوقۇم قورال كۈچى ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك دېگەندەك بىر خىل تۇيغۇ بەردى.

ئۆزىگە سادىق مۇۋاپىق نامزات بولمىغان ۋاقىتتا، تىرامپ 1988-يىلدىكى فېدېراتسىيە خىزمەت ئورنى بوش قالغان ئورۇننى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىنى قوللانغان. بۇ قانۇندا زۇڭتۇڭنىڭ فېدېراتسىيە تارمىقىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلىنى بىۋاسىتە تەيىنلەش ھوقۇقى بار، رەسمىي مىنىستىرنى كۆرسەتكەنگە ئوخشاش پارلامېنت تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز دەپ بەلگىلەنگەن.


«بارلىق ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشاش، مەن باجدىن قاچىمەن، پەقەت ئەخمەقلەرلا تولۇق باج تاپشۇرىدۇ». شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ نامزاتى تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە تىرامپ «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك باجدىن قاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە مۇشۇنداق قايتۇرما زەربە بەرگەن. تىرامپ تاشقى دۇنيانىڭ باجدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش توغرىسىدىكى گۇمانىغا قارىتا بىر نەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ باج تاپشۇرۇش خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى چوڭ سايلام كۈنىدىمۇ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ باج تاپشۇرۇش ئىلتىماس تالونىنى ئېلان قىلىشى بىر تۈرلۈك سىياسىي قائىدە، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمە ئەمەس. ھۆكۈم ئۆرنەكلىرى، ئادالەت قائىدىلىرىگە تايىنىدىغان، ئەمما يازما قانۇن بولمىغان ئەنگلىيە-ئامېرىكا قانۇن سىستېمىسىدىكى دۆلەتلەر ئەنگلىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە رامكىسى قانۇن نىزاملاشقان. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئارمىيە قۇرۇش، سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق سىياسىي تۈزۈم ئاساسىي مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلمىگەن، پارلامېنت، زۇڭتۇڭ ۋە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدىكىلەر ئادەتكە ئايلانغان قائىدە-يوسۇنلارغا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ.

دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ 1978-يىلىدىكى «ھۆكۈمەت ئەخلاق قانۇنى» ۋە 2012-يىللىق « پارلامېنت بىلىملىرى (پاي چېكى)نى توختىتىش قانۇنى» غا ئەمەل قىلغاندىن باشقا، ئادەتتىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش قائىدىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بىراق، سىياسىي ئەربابلار ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ باج تاپشۇرۇش خاتىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ.

ئۆتكەن تۆت يىلدا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ۋە پارلامېنتى ئەرز قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش جەريانىدا تىرامپنى مەجبۇرلاش كۈچى يوق بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى ئەسكەرتكەن. بۇ يىل 9-ئايدىكى تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدىن بۇرۇن، بايدېن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى خارىس ئۆزلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇش ئىلتىماسى تالونىنى ئېلان قىلغان، لېكىن تىرامپ پەرۋا قىلمىغان. ئۇنىڭ پارلامېنتنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەبى بولسا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىدىغان كومىتېتىنى دېموكراتلار پارتىيەسى كونترول قىلدۇ. بۇ «زۇڭتۇڭ پارلامېنتقا ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن سىياسىي قائىدىگە خىلاپ.

ئېپس تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە «كېيىنكى قېلىپلاشقان دەۋر» دەپ تەبىر بەردى. لېكىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قېلىپلاشتۇرۇلغان تەرتىپسىزلىك تىرامپ دەۋرىدىن باشلانغان ئەمەس، بەلكى پارتىيە-گۇرۇھ كۈرىشى كەسكىنلەشكەن ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كېيىنكى مەزگىلدىن باشلاپ كۈچىيىشكە باشلىغان، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەنبەسى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدۇر.

«مىلتىق، زەمبىرەك، كېسەللىك باكتىرىيەسى ۋە پولات-تۆمۈر» (枪炮、病菌与钢铁) ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئالىم جارېد دايموند (Jared Diamond) «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ قۇتۇپلىشىشى 2005-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە بولغان. ئۇچۇر پارچىلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى قوشۇپ، ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئاق تەنلىكلەر توپىدا تەتۈر يۆنىلىشلىك مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى پەيدا قىلدى.

فېدېراتسىيە سوتچىلىرىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە ئاۋاز بېرىش ئۆلچىمى ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىق بولۇپ قالدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى كلىنتون كۆرسەتكەن فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيە نامزاتى گىنسبۇرگ (Ginsburg) يەنە كېڭەش پالاتاسىدا %90 تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، بارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيتتى. لېكىن ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرگە كەلگەندە، بالا چۈشۈرۈشنى قوللاش، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلار ۋە ئوخشاش جىنىسلىق ھوقۇقلارنى قوللاش، ئاممىۋى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى قوللاش قاتارلىق تىپىك لىبېرال سودىيە قارىشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «تۇنجى جىنايەت» بولۇپ قالدى.

2016-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ماككوننېل (McConnell) رەھبەرلىكىدىكى كېڭەش پالاتاسى «سايلامدىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىپ نامزات كۆرسىتىش مۇۋاپىق ئەمەس» دېگەن ئىجادىي سەۋەب بىلەن ئوباما كۆرسەتكەن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيە نامزاتىنىڭ تاللىنىشىنى سەككىز ئايدىن ئارتۇق كەينىگە سۈرگەن، «كېڭەش پالاتاسى چوقۇم زۇڭتۇڭنىڭ فېدېراتسىيە سوتچىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشىگە ئاۋاز بېرىشى كېرەك» دېگەن ئۆلچەم شۇنىڭ بىلەن بۇزۇپ تاشلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش سەۋەبلىك قوللىغۇچىلىرىدىن مەھرۇم قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بېلەت ئامبىرىنى مۇستەھكەملەپ، سايلام رىقابىتىدىكى قىممىتى تەرغىپ قىلىنىدىغان بىر چوڭ سىياسىي نەتىجە قاتارىغا كىرگۈزدى.

2020-يىللىق چوڭ سايلام كۈنىگە يېقىنلاشقاندا، تىرامپ كونا ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە ئاق تەنلىكلەر ئەلاچىلىقىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سودىيە نامزات كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ تۈركۈم سايلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتتى. لىبېراللار ئالىي سوتچىسى گىنسبۇرگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تىرامپ ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش ۋە ئوخشاش جىنسلىقلار ھوقۇقىغا قارشى تۇرىدىغان بارېتنى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىقىغا كۆرسەتكەن ھەمدە سايلام كۈنىنىڭ ھارپا كۈنىدە كېڭەش پالاتاسى جەڭ مەيدانىدا ماقۇللانغان.

تىرامپ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلەشكە ماھىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەينى-كەينىدىن غەلىبە قىلغان. ئامېرىكا فىلولوگىيە ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تېكساس داشۆسى قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى لېۋېنسون (Levenson) «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئامېرىكىدىن باشقا كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قىپيالىڭاچ سىياسىي تەرتىپنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي تونۇپ يەتمىدى.

داڭلىق قانۇنشۇناس پوسنېر (Posner)نىڭ كۆرسىتىشىچە، تىرامپنىڭ ئېرىشكەن قوللىشى دەل ئامېرىكا ئاق تەنلىكلەر ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، يەنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئامېرىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ھەمدە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇنىڭ ئويۇن قائىدىسىگە خىلاپ بولغان-بولمىغانلىقىغا پەرۋا قىلمىغان.

تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كەينى-كەينىدىن قائىدىنى بۇزۇپ، بۇ خىل قاراشنى نامايان قىلدى. مەدنىكوۋ 2017-يىللىق ساياھەت چەكلەش بۇيرۇقىنى مىسال قىلىپ، تىرامپ بىلەن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىش بېجىرىش لوگىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىر نورمال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى زۇڭتۇڭى كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى چوقۇم كونترول قىلىشىم كېرەك دەپ قارايدۇ، شۇڭا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى، كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا بۇ قارالما قوشۇلۇپ، سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ جەڭ ئېلان قىلىشى ھەم قانۇن ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ئىدى. بىراق تىرامپنىڭ يەنە بىر خىل «قوپال» تاللىشى بولسا، «مەن زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغانىكەنمەن، ئۇنداقتا مەن چوقۇم مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئېلان قىلىمەن» دېيىشتىن ئىبارەت.

مەدنىكوۋ «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا مۇنداق دېدى: تىرامپ مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە مەسىلىلەرنى ئويلاشمايدۇ، ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئاساسىي قانۇن ۋە ئۆلچەم ئاستىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي مۇھىم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، ھوقۇقنى چەكلەيدىغان دېموكراتىك مېخانىزم ئۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان.

قىزىق نۇقتىنى كونكرېت مەسىلەرنى ھەل قىلىشقا قويغان تىراپ ئۆزىنىڭ قائىدىنى بۇزۇپ كەلتۈرگەن زىيىنىغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋېتىلگەن تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ساياھەتكە چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا قانۇنىدا زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى چەكلەش مېخانىزمى تەسىس قىلىنغان، پارلامېنت مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش مەبلىغىگە ئاۋاز بېرىشكە مەسئۇل، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى تىزگىنلەش بولۇپ، زۇڭتۇڭ بىلەن پارلامېنت قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتتە بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.

2018-يىلى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرگەن پارلامېنت دېموكراتلىرى تىرامپنى پۇل ئاجرىتىپ بەرمەسلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق قايتىدىن توغرا ئىزغا چۈشۈرۈشنى بىر مەزگىل ئۈمىد قىلغانىدى. لېكىن تىرامپ ناھايىتى تېزلا« ھەرقانداق بىر پارتىيەنىڭ ھەرقانداق زۇڭتۇڭى مۇستەبىتلىك شەكلىدە بېرىلگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزىدۇ» دېگەن قائىدىدىن بۆسۈش ئېغىزى تاپتى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ جىددىي ھالەتنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بار، ھەمدە جىددىي ھالەتتە مەبلەغنى يۆتكىسە بولىدۇ.

پارلامېنت ھۆكۈمەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا تېمى ياساش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغاندا، ئۇ جىددىي ھالەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، تام سېلىش چىقىمىنى تولۇقلىغان ھەمدە 2020-يىلىدىكى سايلام رىقابىتىدە ئۇنى ئۆزىنىڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىسى دەپ قارىغان. 2020-يىلى ئۇ يەنە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىنى جىنايەت دەپ بېكىتىپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئامېرىكىلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىشىنى توستى.

ئېپس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تىرامپنىڭ قېلىپلاشتۇرۇشقا بولغان بۇزغۇنچىلىقى چېگرا ۋە تۆۋەن چەكنى يوقاتتى. ئەمما، قېلىپلاشتۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا «پارلامېنتنىڭ چوقۇم قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن، پارلامېنتنىڭ ھەرقانداق مەقسەت ئۈچۈن ھېچقانداق مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنمىگەن، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇننىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقى بەلگىلەنمىگەن، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قانداق دېلولارنى سوت قىلىش كېرەكلىكى بەلگىلەنمىگەن، ھۆكۈمەتنىڭ تەپتىش مىنىستىرى (ئەدلىيە مىنىستىرى) تەسىس قىلىپ فېدېراتسىيە جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى بەلگىلەنمىگەن، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ ئاممىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشىمۇ بەلگىلەنمىگەن».

قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇل تېشى. قېلىپلاشتۇرۇلمىسا، تۈزۈلمە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن قاتماللىشىپ مۇستەبىتلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.

مەدنىكوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەڭ قورقۇنچلۇقى تىرامپنىڭ ھەرىكىتى ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا زىيان يەتكۈزدى. تىرامپنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، لېكىن ئۇ «ئەخمەق ئادەم باج تاپشۇرىدۇ» دېگەن لوگىكىلىق پوزىتسىيە بىلەن سىياسىي ئۆلچەمگە مۇئامىلە قىلغاندا، تۈزۈلمىگە ئىشەنمەيدىغان، قانۇنغا خىلاپ ئۇسۇل بىلەن تۈزۈلمىگە قارشى تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان كىشىلەرگە ھەسسىلەپ ئىلھام بېرىدۇ.

تىرامپ سىياسىي قائىدىدىن ۋاز كېچىپ سۆز بىلەن سودىيە، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئىشتات باشلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئوڭ قانات قوراللىق تەشكىلاتى مىچىگان ئىشتاتىنىڭ باشلىقىنى تۇتقۇن قىلىش ھەمدە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنى تارتىۋېلىش پىلانىغا تەييارلىق قىلغان. تىرامپ جىددىي ھالەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا تېمىنى ياسىغاندا، ئۇنىڭ ئوڭ قانات قوللىغۇچىلىرى بوستوندا مېكسىكا كۆچمەنلىرىنى ئۇرغان ھەمدە يېتىپ كەلگەن ساقچىلارغا: «تىرامپنىڭ قىلغىنى توغرا، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى قوغلىۋېتىلىشى كېرەك» دەپ ۋارقىرىغان.

يالې داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپنىڭ سۆز-ھەرىكىتى بىۋاسىتە ئىرقچىلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ھەر قېتىم بىر جايدىكى يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلىگەندە، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ئادەتتىكى زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا كۆپ ئۇچرايدۇ. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ سايلانغاندىن بۇيان، ئۆچمەنلىك جىنايىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ھەمدە ھازىرغىچە داۋاملاشقان. بۇ 2001-يىلى يۈز بەرگەن «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن قالسىلا ، 25 يىلدىن بۇيانقى ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ 2-چوڭ ئېشىشى بولۇپ، جىنايەت تىرامپنىڭ بىر قەدەر زور ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان رايونىغا مەركەزلەشكەن.

22-سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، 20 مىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارىنىڭ ئەتراپىغا قويۇلۇپ، يۇقۇمدا قازا قىلغان 200 مىڭ كىشىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.


لېۋىنسىن «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى» غا مۇنداق دېدى: تىرامپ دەۋرى ئۈستىدە قايتا ئويلانغاندا، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن تۈزۈلمىسىنىڭ يەنە ئەڭ ئاساسىي قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغانلىقى، يەنى باراۋەرلىك ۋە خەلق رايىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك. لېكىن، مەدنىكوف مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەرچە ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا بۇ تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان مەزگىلدە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياخشى تاللاش بولۇشى ناتايىن. 1992-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىەگەن.

يەنە بىر قىيىن مەسىلە شۇكى، «زۇڭتۇڭ پارلامېنتقا ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سىياسىي قائىدە كۆپ ھاللاردا ۋاشىنگتوننىڭ ئىدراكى ۋە ۋىجدانى ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇن كودېكسىغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. كلىنتوننىڭ ئەيىبلەش دېلوسىغا قاتناشقان قانۇنشۇناس روسېنۋىگ (Rosenvig) زۇڭتۇڭنىڭ جىددىي ھالەتنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: تىرامپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى، مەن بىزنىڭ ئوخشاش پەرەزنى (زۇڭتۇڭ مۇستەبىت شەكىلدە ئالاھىدە ھوقۇق يۈرگۈزمەيدۇ، دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ) تىرامپقا كېڭەيتسەك بولامدۇ-يوق، دەپ گۇمانلانغان. بۈگۈن بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى ناھايىتى روشەن. لېكىن، ئەگەر« زۇڭتۇڭنىڭ يامان نىيىتى يوق دەپ پەرەز قىلىش» نىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل فېدېراتسىيە ھوقۇق قۇرۇلمىسى، بولۇپمۇ مەمۇرىيەتنىڭ ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقى گۇمانلىنىشقا ئۇچرايدۇ.

روزېنۋېگ بەرگەن تەكلىپ بولسا «قائىدىنى ئوڭشاش بەلكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئەمەس»، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە پارلامېنت بولۇشى كېرەك. ئۇ پارلامېنتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق بارلىق زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىدىن باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش تالونىنى ئاشكارىلاشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىشىنى ھەمدە جىددىي ھالەتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى پارلامېنت ئېتىراپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ھالبۇكى، بۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىلىرى ئەندىشە قىلىۋاتقان پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە قايتىپ كەلدى، يەنى پارلامېنت ھوقۇقىنىڭ كېڭىيىشى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا زۇڭتۇڭ دەرھال جىددىي ھالەتنى جاكارلىشى زۆرۈر بولغاندا، پارلامېنت تەرتىپى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئېپس«جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سىياسىي مەدەنىيلىكنى قايتا قۇرۇشنىڭ «تۆت قەدەملىك» يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى: فېدېراتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ زۇڭتۇڭغا نىسبەتەن مۇستەقىل ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق سىياسىينىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ زۇڭتۇڭ بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى سىياسىي قۇتۇپلىشىشنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش.

مەدنىكوۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي مۇھىم بولغىنى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. تىرامپنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزدى. بۇ خېلى بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشى ۋە قانۇن سىستېمىسىدىن گۇمانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا مۇنداق دېدى: بايدېن تىرامپتىن ئىلگىرىكى كۆپ ساندىكى زۇڭتۇڭلارغا ئوخشاش قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە قىممەت قارىشىنى زور دەرىجىدە قايتىدىن شەرھلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىغا موھتاج، مانا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ھەددىدىن ئارتۇق چەكلەش ۋە ئامېرىكىلىقلارنى قوغداشتىكى مۇھىم ئامىل.

«ئەڭ مۇھىمى شۇكى ئۆتكەن تۆت يىلدا نۇرغۇن سودىيە، ئادۋوكات، ئامما تىرامپنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇردى. بىزدە تىرامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقلىرىغا قارشى نۇرغۇن سوت ھۆكۈملىرى بار، ئىنتايىن كۈچلۈك پۇقرالار جەمئىيىتى بار، ئۇلار ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئېنىق ئېيتىدۇ» دېدى مەدنىكوۋ.

لېكىن مەدنىكوۋمۇ تىرامپ دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ قۇتۇپلىشىشى كۈچىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، قانۇن ئىدارە قىلىش ئورتاق تونۇشىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئۇزاق بىر جەريان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىرامپ ئىلھام بەرگەن ئوڭ قانات قوراللىق ئۆمەكلەرنىڭ قانداق ھەرىكەت قوللانغانلىقىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. سايلام كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تىرامپنى قوللايدىغان بىر قىسىم ئامما ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى نامايان قىلىپ، «سايلامدا غەلىبە قىلغان بايدېن» بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تىرامپ ئىدارە قىلغان دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىمۇ بايدېننىڭ ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەۋپى بارلىقىنى دەلىللىدى.

جارېد دايموند «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ئامېرىكىدا سىياسىي قۇتۇپلىشىشنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك. ئەمما 1935- يىلىدىكى ئىسپانىيەدە كۆپ ساندىكى ئىسپانىيەلىكلەر ئىسپانىيەنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىشى قورقۇنچلۇق قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان. بىراق 1936-يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى.


分享到: