|
ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا يېڭى داۋالغۇش كۆرۈلدى發表時間:2020-11-07 20:23來源:تېڭشۈن تورى نۆۋەتتە «ھەربىر سايلام بېلىتىنى ئېنىقلاش» ۋە « ئوغرىلىقنى توختىتىش»تىن ئىبارەت جىددىي قارىمۇ قارشىلىق ئىچىدە ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە. 6-چېسلا بايدېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھالقىلىق تەۋرەنمە ئشتاتلار بولغان جورجىيە ئىشتاتى بىلەن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا تەتۈر ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلىشقا پەقەت بىر قەدەملا قالدى. تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈمىدى بارغانسېرى سۇسلىشىپ كەتتى، بىراق ئۇ يەنىلا ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەسلىك ھالىتىنى نامايان قىلدى. تىرامپ لاگېرى رەقىبلىرىنى «سايلام بېلىتىنى ئوغرىلىدى» دەپ ئەيىبلەشتىن باشقا، يەنە كۆپلەپ قانۇن دەۋاسى قىلدى. ھالقىلىق ئىشتاتلاردىكى نەتىجىنىڭ كومېدىيەلىك بۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا چوڭقۇر پارچىلاندى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىككى لاگېرنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپ قېتىم ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىنسىلا، تېخىمۇ كۈچلۈك بوران-چاپقۇن پەيدا بولۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان چوڭ تەشۋىشكە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، بايدېن ئاقسارايغا كۆچۈپ كىرگەن تەقدىردىمۇ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قارشىلىقىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويىدىكەن. دېموكراتلار پارتىيەسى كۈتكەن «كۆك دولقۇن» پەيدا بولمىدى، «تىرامپچىلىق» بۇ دۆلەتتە يىلتىز تارتىپ، سىياسىي مۇرەسسە روھى يوقالدى. ـــ ئامېرىكا مەغلۇپ بولغان دۆلەتكە ئايلىنامدۇ؟ بۇ « نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 5-چېسلادىكى مەخسۇس تېمىلىق خەۋىرى. بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى 6-چېسلا ئامېرىكىلىق سىياسىي خەۋپ-خەتەر مۇتەخەسسىسى ئىئان برېمېرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مۇستەسنالىق نەزەرىيەسى» مەۋجۇت ئەمەس، 2020-يىلى دۇنيادا ئامېرىكىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك، مەن سىستېمىمىزنىڭ ئاشۇنداق يۈرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 1.بايدېن ئىككى چوڭ مۇھىم ئىشتاتتا تىرامپتىن ئېشىپ كەتتى بىر نەچچە مۇھىم ئىشتاتلاردا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن سايلام بېلىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋەزىيەت بارغانسېرى بايدېنغا پايدىلىق بولدى. فوكس ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-چېسلا سەھەردە، بايدېن جورجىيە ئىشتاتىدا تەتۈر ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 917 بېلەت (% 0.02) لىك ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشتاتنىڭ سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش نىسبىتى تەخمىنەن % 99 بولغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جورجىيە ئىشتاتىدا مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان. فوكس ئاخباراتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بايدېن 264 بېلەتكە ئېرىشكەن، تىرامپ 214 بېلەتكە ئېرىشكەن. جورجىيە ئىشتاتىدا 16 سايلام بېلىتى بار، ئەگەر بايدېن بۇ ئىشتاتتا تەلتۈكۈس غەلىبە قىلسا، ئۇمۇمىي بېلەت سانى سايلامدا غەلىبە قىلىشقا كېرەكلىك 270 سايلام بېلىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بايدېن يەنە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا ترامپتىن ئېشىپ كەتتى. پېنسىلۋانىيە ئىشىتاتىدا 20 سايلام بېلىتى بار بولۇپ، ئىككى تەرەپ كەسكىن تالىشىۋاتىدۇ. بايدېن پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سايلام بېلىتىنى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن بۇ ئىشتاتتا تىرامپتىن ئون نەچچە پىرسەنت پوئېنت ئارقىدا قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بايدېن نېۋادا ئىشتاتىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بېلەت ھېسابلاش تېخى ئاخىرلاشمىغان بىر قانچە ئىشتات ئىچىدە، تىرامپ پەقەت شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرىچە، بايدېن غەلبىگە ئاز قالغان بولۇپ، تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. بىراق بېيجىڭ ۋاقتى 6-چېسلا يېرىم كېچىدە جورجىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى ئىككى تەرەپنىڭ بېلەت سانىدىكى پەرق ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، بۇ ئىشتاتنىڭ قايتا بېلەت ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمۇ پېنسىلۋانىيە ئىشىتاتىمۇ قايتىدىن بېلەت ھېسابلىشى مۇمكىن، دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى بايدېننىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايدېننىڭ غەلىبە قىلىشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق مۆلچەر «خاتا»، «بۇ سايلام تېخى ئاخىرلاشمىدى». شۇ جاي ۋاقتى 5-چېسلا كەچتە، ترامپ ئاق سارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «سايلام بېلىتىنى ئوغرىلىشى» نى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر قانۇنلۇق سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكا قىلسا، مەن ئاسانلا غەلىبە قىلىمەن. ئەگەر قانۇنسىز سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكا قىلسىا، ئۇلار ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولىدۇ.» ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرى: «تىرامپ ئەمەلىيەتتە سىگنال بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئاسانلىقچە ئورۇن بوشىتىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.» بۇ تىرامپنىڭ سايلام بېلىتى ھېسابلاش باشلانغان كېچىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىندۇ. لېكىن ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «ئوغرى» لىق قىلمىشىنى كونترول قىلغاندا، ئامېرىكا رادىيو شىركىتى قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تورىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈزۈلۈپ قالدى، چۈنكى ئۇلار تىرامپنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ ئىسپاتى يوق، «ساختا ئۇچۇر تارقاتتى» دەپ قارىدى. «نيۇيورك پوچتا گېزىتى» تىرامپنىڭ شۇ كۈندىكى ھالىتىنى بەكلا چۈشكۈنلۈشۈپ كەتتى، دەپ تەسۋىرلىدى. 6-چېسلا تىرامپ داۋاملىق توردا «قانۇنسىز سايلام بېلىتى» نى ئەيىبلەپ: «ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىشى كېرەك» دېدى. فوكس خەۋەرلىرى خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەردى: «تىرامپنىڭ نۆۋەتتە ھېچقانداق مەغلۇپ بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش پىلانى يوق.» تىرامپ سۆز قىلىشتىن بۇرۇن، بايدېن يۇرتى دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ ۋىلمىنگتون دېگەن يېرىدە تاراتقۇلارغا قىسقا سۆز قىلىپ: «ھەربىر سايلام بېلىتى چوقۇم ئېنىقلىنىشى كېرەك. مانا بۇ بىز كۆرمەكچى بولغان، بىز ھازىر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىشلار» دېدى. ئۇ يەنە قوللىغۇچىلىرىنى سوغۇققان ۋە سەۋرچان بولۇشقا مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە: «بىز قىلچە گۇمانلانمايمىز، بېلەت ھېسابلاش تۈگىگەندىن كېيىن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى خاررىس ۋە مەن غەلىبە قىلغۇچى دەپ جاكارلىنىمىز» دەپ تەكىتلىدى. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى گېزىتى»نىڭ 6-چېسلا ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسى شۇ كۈنىدىن باشلاپ ۋىلمىنگتونغا ياردەمچىلەرنى ئەۋەتىپ، بايدېننىڭ بىختەرلىكىنى قوغدىغان. بايدېننىڭ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى ئۇنىڭ «سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئېھتىمالى بار»لىقى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. بايدېن سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسىنى ئەسكەرتىپ: بايدېن 6-چېسلا «مۇھىم نۇتۇق» سۆزلىشى مۇمكىن، دېگەن. 2. «ھەر بىر سايلام بېلىتىنى ئېنىقلاش» ۋە «ئوغرىلىقنى توختىتىش» بايدېن بىرقانچە ئاچقۇچلۇق تەۋرەنمە ئىشتاتتا كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قېلىشتىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەتۈر ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يۈز بەرگەن ئىشلار قارىماققا ئىنتايىن كومېدىيەلىك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرىكى قىياسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، بايدېننىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىشنى تاللىدى، تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى بېلەت تاشلاش پونكىتىغا بېرىپ بېلەت تاشلاشقا تېخىمۇ مايىل بولدى. پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى قاتارلىق جايلار پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن بېلەتلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا ھېسابلاشقا قالدۇردى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 6-چىسلادىكى خەۋىرى: «كىشىلەر بايدېننىڭ پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاشتىن مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلگەن، شۇڭا تىرامپ بىر نەچچە ئايلىق سايلام پائالىيىتىدە ئىزچىل تۈردە پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاشنى ئەيىبلىگەن.» بۇمۇ زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئاشۇرۋەتتى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ بىلەن بايدېننىڭ قوللىغۇچىلىرى 5-چېسلا ھەر قايسى ھالقىلىق ئىشتاتلارنىڭ بېلەت تاشلاش مەركىزىنىڭ سىرتىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. تىرامپنى قوللايدىغانلار توردا تەھدىت سۆزلىرى بار بىر يازمىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ھەربىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سايلامنىڭ ئادىللىقىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلغان. بايدېننىڭ قوللىغۇچىلىرى «ھەر بىر بېلەتنى ھېسابلاش كېرەك» دېگەن شوئارنى چىقارغان. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، فىلادېلفىيە ساقچىلىرى 5-چىسلا كەچتە بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى قىلىۋاتقان يىغىن مەركىزىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئىككى ئەرنى قولغا ئالغان. ھازىر «ھەربىر سايلام بېلىتىنى ئېنىقلاش» ۋە «ئوغرىلىق قىلىشنى توختىتىش» ئەڭ مۇھىم مەسىلە. « نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 6-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش يۈز بەرگەن، سايلام كۈنىدىن كېيىنكى بېلەت ھېسابلاش جەريانىدىمۇ توختاپ قالمىغان. ئورېگون ئىشىتاتى پورتلاند شەھەر مەركىزىدە نامايىشچىلار: «ھەربىر سايلام بېلىتىنى ساناش»نى تەلەپ قىلغان. دېتروت يىغىن مەركىزىدە نامايىشچىلار بېلەت ھېسابلاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بايدېننىڭ سايلام رىقابىتىدە تىرامپتىن ئېشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، دېتروت، فىلادېلفىيە، ئاتلانتا قاتارلىق رىقابەت كەسكىن رايونلاردا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن، بىر قىسىم نامايىشچىلار سايلامنىڭ ئوغرىلانغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىرامپ كوللېكتىپى مىچىگان ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردا كۆپ تۈرلۈك قانۇن دەۋاسى قىلغان ھەم ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا قايتا بېلەت ھېسابلاشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ھازىرچە سوتچى بۇ دەۋالارغا قارىتا چوڭ كېسىم چىقارمىغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرى: «تىرامپ سايلام نەتىجىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا كەسكىن قانۇن تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ.» 5-چېسلا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تىرامپنىڭ سايلام رىقابىتى كۆزەتكۈچىسى يېقىندىن فىلادېلفىيە شەھىرىنىڭ سايلام بېلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى كۆزىتەلەيدۇ.» بۇ بىر مۇھىم بولمىغان كېسىم، لېكىن تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى ناھايىتى تېزلا بۇنى بىر قېتىملىق «زور غەلىبە» دەپ جاكارلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «قانۇن رىقابىتىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس.» تىرامپ بايدېننىڭ سايلامدا ساختىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر قىسىم سىياسىي ئىتتىپاقداشلىرىمۇ بېلەت ھېسابلاشنىڭ قانۇنىيلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 6-چىسلا مۇنداق خەۋەر بەردى: «تىرامپنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى ئىتتىپاقداش دوستى ئەگەر بېلەت ھېسابلاش تەتۈر ئايلانسا، ئۇلار بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى.» كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراخام بىلەن كروز فوكس ئاخبارات پروگراممىسىدا تىرامپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كرۇز مۇنداق دېدى: «سىلەرگە دەپ قوياي، زۇڭتۇڭ بەك غەزەپلەندى، مەنمۇ بەك غەزەپلەندىم، سايلىغۇچىلارمۇ غەزەپلىنىشى كېرەك.» بىراق، بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر تىرامپتىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. ئامېرىكا «سودا ئىچكى سىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىللىنوئىس ئىشتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئادام كىنسىنگىر توردا : «بۇ بەك ساراڭلىق بولدى. بىز ھەربىر قانۇنلۇق سايلام بېلىتىنىڭ ئىسىتاتسىتىكىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، ئالدامچىلىق قىلمىشىدىن ھەقىقىي ئەندىشە قىلسىڭىز، ئىسپاتنى كۆرسىتىڭ ھەمدە ئۇنى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭ. يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنى توختىتىڭ» دېدى. 3.«ئامېرىكا مۇستەسنالىق نەزەرىيىسى» مەۋجۇت ئەمەس «2020-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا نېمە دېيىلدى؟» ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى چوڭ سايلام نەچچە ئايلىق تەلۋە سايلام رىقابىتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، 13 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سايلام چىقىمى كاتكەن ھەمدە رەھىمسىز يۇقۇم ئەھۋالى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. خەۋەردە مۇنداق دەپ قارالدى: «بايدېن سايلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئېغىر دەرىجىدە پارچىلانغان بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ. دېموكراتلار پارتىيىسى ئىلگىرى ئۈمىد قىلغان (كۆك دولقۇن) پەيدا بولمىدى، پارلامېنت دېموكراتلار پارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسى ئوتتۇرىسىدا پارچىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.» ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: «رېكورت ياراتقان بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي پاش قىلغان ئۇچۇرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ بۆلۈنۈشى ئىنتايىن كەسكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى تەڭ دېگۈدەك. زور تاسادىپىيلىق يۈز بەرسىلا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىنى داۋاملىق كونترول قىلىدۇ. ئەگەر بايدېن ئاق سارايغا كىرسە، ئۇ نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ جاۋابى: ئۇنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدىن خېلىلا ئاز.» «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»دا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىلىقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە پارچىلانغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان. بايدېن ئاقسارايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىدا خەلقچىلىق يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يىل ترامپقا بېلەت تاشلىماقچى بولغان 68 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقنىڭ ئىتتىپاقلىق سۆزىگە تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.» داڭلىق مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى پائۇل كرۇگمان 5-چېسلا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە «ئامېرىكا ھازىر مەغلۇپ بولغان دۆلەت بولۇپ قالدىمۇ؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەۋەردە مۇنداق دەپ قارالدى: «ئامېرىكا نۆۋەتتە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئىقتىسادى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ھالبۇكى، ئىككى پارتىيە ئېغىر دەرىجىدە پارچىلىنىپ كەتتى، بايدېن تەختكە چىققاندىن كېيىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقىي بار-يوقلۇقى ھەقىقىي مەسىلە بولۇپ قالدى.» بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 6-چېسلادىكى خەۋىرى: «كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۆلگۈنچىلىك، سىياسىي تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. سىياسىي سىستېمىنىڭ بۆلۈنۈشى تۈرلۈك ئىختىلاپلارنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، تاراتقۇلار ئاساسلىق ئەربابلارنىڭ سىياسىي قىزىقىشىغا تامامەن دېگۈدەك ماسلاشتى، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى كۈچەيتكۈچ بولۇپ ئىختىلاپنى كۈچەيتىۋەتتى، بۇلار ئامېرىكا جەمئىيىتىنى مالىمان قىلىۋەتتى.» |
|